بەزرۇلبەنجى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مىڭدىۋانە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «مىڭدىۋانە» ياكى «بەزرۇلبەنجى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇرۇقى ئۇششاق، كىچىك بۆرەك شەكلىدە، ئاق قىزىل، قارا رەڭلەردە، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «مىڭدىۋانە» ياكى «بەزرۇلبەنجى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
نەزلە، بەلغەملىك يۆتەل، باش ئاغرىقى، ئىچكى− تاشقى ئەزالاردىكى قاناشلىق، جاراھەتلىك كېسەللىكلەر، قۇلاق ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، مالىخولىيا، ئۇيقۇسىزلىق، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بەزرۇلبەنجى تەركىبىدىكى مىئوسسىيامىن، بۇ ئاساسلـىقى پاراتارتارىك تەنچـە ۋە ئاسـتروپىـنلاردىـن ئىبـارەت ۋە سكوپولامىن قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق فارماكولوگيىلىك تەسىرى تۆۋەندىكىچە: 1. بەز تەنچىسى ۋە سىلىق مۇسكۇلغا بولغان تەسىرى: ئاتروپىن بەز تەنچىسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ. ھەرىكەت كۈچىيىپ كەتكەن ياكى تارتىشىش ھالىتىدىكى سىلىق مۇسكۇلغا نىسبەتەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بوشاشتۇرۇش رولى بار. كلىنىكىدا ئاشقازان ئۈچەي سپازمىسى ۋە ئاشقازان − ئاغرىقىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. 2. يۈرەك قان تومۇرىغا بولغان تەسىرى: ئاتروپىن ئاداشقان نېرۋىنىڭ يۈرەكنى تورمۇزلىشىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ. 3. كۆز قارىچۇقىنىڭ كېڭىيىشى: ئاتروپىن كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ، كۆز بېسىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە پالەچلىكنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. 4. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: بەزرۇلبەنجى ئالكالوئىدى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. ئەمما سكوپلامىن تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. كلىنىكىدا تىترىمە، پالەچ ۋە باش قېيىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
1. بەزرۇلبەنجىنى سوقۇپ سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ، باش ساھەسىگە چاپسا، باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ. 2. بەزرۇلبەنجى 3 گرام، زۇپا 10 گرام، پىرسىياۋشان10 گرام، سەرپىستان7 گرام، ئەرەب يېلىمى، كەتىرادىن 5 گرامدىن، چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل توختىتىدۇ. 3. ئانارگۈلى10 گرام، موزا 5 گرام، بەزرۇلبەنجى 3 گرام، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى، ئاقاقىيادىن10 گرامدىن ئېلىپ، تالقانلاپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئىچكى ئەزالاردىكى جاراھەتلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشىپ كەتسە زەھەرلەپ،يۈزلىرى قىزىرىپ،ۋاقىتلىق گاس ۋە ئەسەبىلىشىش كۆرىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.