مىسكەرلىك

مىس بۇيۇملىرى

ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىس، تۇچ، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى، گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا داڭق چىقىرىپ كەلگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىسكەرلىك
خەنزۇچە ئىسمى 干铜匠

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىس بۇيۇملىرىئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىس، تۇچ، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى، گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا داڭق چىقىرىپ كەلگەن. 

مىسكەرلىك سايمانلىرى: بولقا-سەندەل، ئوچاق، كۆيەك، كۆمۈر، ئوت پۆدىگۈچ، چاسا بولقا، كەكە بولقا، بازغان، قىسماق قاچا، تۈز قاچا، سەركۇل، چاق(سىلغايتىش چاقى) ، ھەر خىل ئېكەك، ئاق قۇم، (مىس ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان سايمان) قاتارلىقلار. 

مىس بۇيۇملىرىئىشلەيدىغان بۇيۇملىرى: ئاپتۇۋا، چىلاپچا، چۆگۈن، مانتا قازىنى، مىس قازان، مىس داش قازان، جۈنبۈل، لېگەن، كەپكۈر، چەينەك، مىس چىنە-پىيالە، جام قاتارلىق نەچچە خىل ئائىلە سەيمانلىرى، كولدۇرما، زەنجىر، ئات ئېگەرى، ھارۋا جابدۇقلىرى، ئىشىك-دەرۋازا زىننەت بۇيۇملىرى، چاچ ئاسقۇ، ئۈزۈك، بىلەزۈك، چازا، تاج، قاداق، سوقما، قۇيما ھەيكەل، باسما ھەرپلىرى، تامغا، داچەن پۇل ۋە باشقا قۇيما بۇيۇملار بولۇپ تۆت يۈز سەكسەن خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

مىس بۇيۇملىرىئىشلەش ئۇسۇلى: مېتالنى خام، پىششىق دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. مىسكەرلىك ئەنئەنىسىدە ئېرىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئېرىتىش مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك بولمىسا، سوققاندا قاسىراق كۆپ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ياكى بولقا تەگكەندە يېرىلىپ، ئۇۋىلىپ كېتىدۇ. 

مېتال ياخشى ئېرىگەندىن كېيىن ياسىماقچى بولغان سايماننىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە كېتىدىغان ماتېرىي النى پارچىلاپ ئايرىم سوقىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇۋا، چۆگۈنلەرنىڭ چەپچىكى، قورساق، جوغا، تۇتقا، كاناي، قاپقاق، تاج قاتارلىق بۆلەكلىرى ئۆلچەملىك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپشەرلىنىپ بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىزىل بولسا قىزىل قۇم، ئاق بولسا ئاق قۇم سۈرۈپ پەرداز بېرىدۇ.

تۇچ سايمانلارغا بولسا قىزىل قۇمغا زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭ ئالىدۇ. ئاندىن كىگىز سۈرۈپ سىلغايتىدۇ. نەتىجىدە تۇچ ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ.

مىسكەرلىكتە، چاق ئېكەكتە ئۇۋالغان قىرىندىلارمۇ ئىسراپ قىلىنمايدۇ. ئۇنى يىغىپ، ئېرىتىپ يەنە ئىشلىتىدۇ. مىسكەرچىلىك قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#