ئۇيغۇرچە نامى ئويماق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 3080 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 窝依莫克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۇرچىن ناھىيەسى
نوپۇسى 16875 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئويماق يېزىسىئويماق يېزىسى بۇرچىن ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، غەربىي تەرىپى قابا ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شىمالىي چوڭقۇر يېزىسى، جەنۇبىي ئېگىزتۆپە يېزىسى، شەرقىي دۇۋلايتى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 42-12 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 150 كىلومېتىر. يەر تۈزۈلۈشى ئويمان، ئېگىز-پەس، ئېدىرلىق، ئومۇمىي كۆلىمى 3080 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ناھىيە بازىرىغا 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 520 مېتىر.

ئويماق يېزىسى ئويماق يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 74400 مو. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پۈتۈن يېزىمىزنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، چارۋىچىلىق تەرەققىياتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ناھىيە بويىچە چوڭ چارۋىچىلىق يېزىسى، شۇنداقلا بىر چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن، ساياھەتچىلىك دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان چوڭ يېزا. 2004-يىلى يېزىنىڭ ئەڭ كۆپ چارۋا بېقىلىش مىقدارى 272 مىڭ تۇياق، يىل ئاخىرىدىكى تۇياق سانى 148100 گە يەتكەن، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 6745 تۈمەن يۈەن، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ٪10.74 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 31 مىليون 990 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ نىسبىتى تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ 47.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 3546 تۈمەن يۈەن، ئومۇمىي قىممىتى %52.6 نى ئىگىلىگەن. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 3318 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 250 يۈەن ئاشقان. 2004-يىلى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 738 مىڭ يۈەن بولغان.

ئويماق يېزىسىئويماق يېزىسى قارىمىقىدا 20 مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق كەنتى 14، چارۋىچىلىق كەنتىدىن 6 سى بار. پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 16875 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، تاتار قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 13549 ئادەم ، خەنزۇ 3326 ئادەم.

ئويماق يېزىسىئويماق يېزىسىغا قاراشلىق ئويماق كەنتى،ئېگىز تۆبە كەنتى، ئەخمەتجان باي كەنتى، ئويكۆكبەك كەنتى، كۆتۈرمە كەلكۈن كەنتى، كالباك كەنتى، چاڭتۇپەك كەنتى، ئارتۇۋەت كەنتى، خۇلۇمۇس كەنتى، يالغۇزتال كەنتى،  قازقاباق كەنتى، قاراجار كەنتى، ئاقجار كەنتى، ئەلامەن كەنتى، ئاق بۇلۇڭ كەنتى، قارا جىلغا كەنتى، قاتاي كەنتى، مىڭئايتىباس كەنتى، تۈڭكە كەنتى، ئاقتۈبەك كەنتى قاتارلىق كەنتلەر بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#