پششىق ئەگرىسۇناي

پىششىق ئەگرىسۇناي

پششىق ئەگرىسۇناي بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى «پىششىق ئەگرىسۇناي» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى پششىق ئەگرىسۇناي
ئىنگلىزچە rcpared rehman nia root
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە نامى 熟地黄
چىقىش ئورنى شىمالىي شىجاڭ رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىششىق ئەگرىسۇنايپششىق ئەگرىسۇناي بولسا چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ  يىلتىزسىمان غولى «پىششىق ئەگرىسۇناي» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.شىمالىي شىجاڭ رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

 قان كۆپەيتىش، «تەبىئەت» نى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىپ، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

قان خىلىتىنى كۆپەيتكۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

سوغۇق مىزاج كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

 ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەسىرى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەسىرى، قان ئىشلىگۈچى ئورگانلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەسىرى بار.

پىششىق ئەگرىسۇناي1. ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم 30گرام، شاقاقۇل، پىششىق ئەگرىسۇناي 10 گرامدىن ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، قان كۆپەيتىدۇ.

2. پىششىق ئەگرى سۇناي ، زاراڭزا چېچىكى، ئاغىچە 10 گرامدىن قاينىتىپ ئىچسە، ھەيز تۇتۇلۇشقا مەنپەت قىلىدۇ.

3. پىششىق ئەگرى سۇناي، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئوسۈڭ ئۇرۇقى 10 گرامدىن ئېلىپ سوپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، دىئابېت كېسىلىگە شىپا بولىدۇ

مىقدارى

12~20 گرام

تۈزەتكۈچىسى

ناۋات

ئورۇنباسارى

شاقاقۇل

پىششىق ئەگرىسۇناي شەربىتى.

ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئازلىق، باش قېيىپ، كۆز قاراڭغۇلىشىشى؛ قولاق غوڭۇلداش، بەل- پۇت ئاغرىش، ھەيزتۇتۇلۇش، دىئابېت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

(rehmaionaside)، ئەگرىسۇناي ئاچچىق گلۇكوزىدى (Rehmopiccoside)، ئەگرىسۇناي ماددىسى،D،C،B،A لار، ئەگرىسۇناي گلۇكوزىدى كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، كەھرىۋا كىسلاتاسى، ئەگرىسۇناي قەنتى(Rehmannan)، سەۋزە ئىشقارى Daucine)، Glucosamine)لار بار.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر) 

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=164

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#