لى يەنخوڭ

لى يەنخوڭ

لى يەنخوڭ، بەيدۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ بەرپاچىسى، باش دىرېكتورى ۋە خەلقئارادا داڭلىق ئالاقە تورى كارخانىسى Infoseek شىركىتىنىڭ نوپۇزلۇق ئىنژېنېرى. « دەرىجىدىن تاشقىرى زەنجىرسىمان تەھلىل قىلىش » تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان. بۇ تېخنىكا ھازىرقى زامان ئىزدەش موتورى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە يۆنىلىشىگە ئاساس سالغان كەشپىياتىنىڭ بىرى.

ئىسمى لى يەنخوڭ
ئىنگىلىسچە ئىسمى Robin
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1969-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
كەسپى بەيدۇ شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى
خەنزۇچە ئىسمى 李彦宏
دۆلەت تەۋەلىكى 中国
تۇغۇلغان جايى سەنشى ئۆلكىسى ياڭچۈەن شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى، بۇففالۇ ئۇنۋېرسىتىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى يەنخوڭنىڭ بېيجىڭدا چۈشكەن سۈرىتىلى يەنخوڭ 1969-يىلى سەنشى ئۆلكىسى ياڭچۈەندە بىر ئادەتتىكى ئائىلە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئۇ دىرامما ۋە ئەلنەغمىگە بولغان ئۆتتەك قىززىقىشى بىلەن سەنشى ئۆلكىسى ياڭچۈەندىكى بىر تىياتىر ئۆمىكىگە قۇبۇل قىلىنغان، لېكىن تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇش ھاياتى ئۇنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن.

1987-يىلى لىيەنخۇڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ياڭچۈەن شەھىرى بۇيىچە بىرىنجى بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كىتاب ئاخبارات كەسپى (ھازىرقى ئۇچۇر باشقۇرۇش) گە قۇبۇل قىلىنغان. 

لېكىن ئۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كرگەندىن كىيىن بارا-بارا بۇ ئاخباراتشۇناسلىق كەسپى ئۇنىڭغا مەنىسىز، تېتىقسىز بىلىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بىرەر ئىدارە-ئورگاندا ئىشلەش ئەڭ ياخشى تاللاش ئىدى. لېكىن لى يەنخوڭ چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇشنى تاللىغان.

شۇنىڭ بىلەن لىيەنخۇڭ پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىنگىلىزچە ئۈگۈنۈشكە باشلىدى، « سىنىپ-كۈتۈپخانا-ياتاق » دا توفىل GRE قاتارلىق كىتاپنى ئۈگۈنۈشكە باشلىدى، نىشانى ئامېرىكا، تاللىغان كەسپى كومپىيۇتېر كەسپى.

1991-يىلى لى يەنخوڭ ئامېرىكا بۇففالو نيۇيورك شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە تاللانغانلىق قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۋالىدۇ. كۈندۈزدە دەرىسكە چىقىدۇ، كەچتە بولسا ئىنگلىزتىلى ئۈگۈنىدۇ، پىروگرامما يازىدۇ. ھەركۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە تۇرىدۇ. لى يەنخوڭ بۇ كۈنلەرنى ئەسلىگەن ۋاقتىدا:« ئەينى ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ بەك جاپالىق ئۆتكەن ئىدى، لېكىن ياش بولغاچقا چۇقۇم جاپاغا چىدىشىم كىرەك » دەپ ئۆزىنى ئىلھاملاندۇراتتى.

ئۇ چەتئەلگە چىقىپ دەسلەپتە ئۇقۇشى ئانچە ئۇڭۇشلۇق بولمىدى، ئۇ كەسپىنى ئالماشتۇرۇپ ئەمدىلا كەلگەچكە دەرىسلەرگە يىتىشەلمەيدۇ.

بىر يىلدىن كىيىن لى يەنخوڭ ياپونىيەگە 3 ئايلىق پىراكتىكىغا ئۇرۇنلىشىدۇ. بۇ ئۈچ ئايلىق پىراكتىكا لى يەنخوڭغا كەسپى يولىنى تاللاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

1994-يىلى يازلىق تەتىلنىڭ ئالدىدا لى يەنخوڭ دو جونېس شىركىتىنىڭ ۋال كۇچىسىدىكى بىر تارماق شىركىتىنىڭ تەكلىپ قىلىش خېتىنى تاپشۇرۋالىدۇ.

لى يەنخوڭنىڭ دىيىشچە: « ئۇ ۋاقىتلاردا، چەتئەلدە ئۇقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئۇقۇغۇچىلاردىن، دوكتۇرلۇقتا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار، خىزمەت تاپقان ھامان ئۇقۇشتىن چىكىنەتتى، منىڭ بۇنداق قىلىش نىيىتىم بولمىسىمۇ، لېكىن شىركەتنىڭ خۇجايىنى يەنە كىلىپ بىر تېخنىكا مۇتەخەسسىسى مىنىڭ تەتقىقاتىمنى داۋاملىق قوللايتتى، ھەم مىنى شىركىتىدە ئېلىپ قالغۇسى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولىدۇ.

ۋال كۇچىسىدا تۇرغان ئۈچ يىل جەريانىدا « ۋال كوچىسى گېزىتى » نىڭ تور نۇسخىسىغا ئەمەلى ۋاقىتلىق پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر سىستېمىسىنى لاھىيلەپ چىقىدۇ.

1997-يىلى لى يەنخوڭ ۋال كۇچىسىدىن ئايرىلىپ كرىمنىي جىلغىسىغا جايلاشقان مەشھۇر ئىزدەش موتورى شىركىتى Infoseek گە

 كىرىدۇ. لى يەنخوڭ چەتئەلدە تۇرغان 8 يىل ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو ئىنتېرنىت تورى دۇنياسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان ئىدى.

لى يەنخوڭ نۇتۇق سۆزلىمەكتە1995-يىلىدىن باشلاپ لى يەنخوڭ ۋەتەنگە قايتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. 1999-يىلى لى يەنخوڭ ئەمدى پۇرسەت يىتىپ كەلدى دەپ ۋەتەنگە قايتىپ كىلىدۇ. ۋە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ زىيۈەن مېھمانخانىسىدا ئىككى ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، بىر بۇغالتىرلىق خادىمىلىرى ۋە بىللە بەش تېخنىكا خادىمى ھەمكارلاشقۇچىسى شۈيوڭ قاتارلىق سەككىز كىشى بىلەن بەيدۇ شىركىتىنى قۇرۇشقا باشلايدۇ.

 2000-لى يەنخوڭ بەيدۇ تورىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلاپلا لى يەنخوڭ ئاكسىيە بىرىنجى قېتىملىق تەۋەككۈل مەبلىغى سېلىش ئارقىلىق 1 مىليون 200 مىڭ ئامرېكا دوللىرىغا ئىرىشىدۇ.

بەيدۇ قۇرۇپ 9 ئايدىن كىيىن دې فېڭ جىيې نىڭ تەۋەككۈل مەبلىغى ئارقىلىق 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدۇ.

2001-يىلى لى يەنخوڭ بەيدۇ مۇدىرىيەت يىغىنىدا بەيدۇ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ۋە مۇستەقىل ئىزدەش موتورى قۇرۇپ چىقىش، پىلانىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. ئەكىسچە ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئۇلارنىڭ بىردەك قارشى تۇرشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ چاغلاردا بەيدۇنىڭ كىرىمى ئىزدەش بىكەتلىرىدىن ۋە خەۋەر بىكەتلىرىدىكى ئىزدەش تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن كىلەتتى.

ئەگەر بەيدۇ تىپىنى ئۆزگەرتىپ مۇستەقىل ئىزدەش موتورى بولۇپ قۇرۇلسا، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقانلار، بەيدۇ بىلەن قايتا ھەمكارلاشمايتتى، شۇنىڭ بىلەن بەيدۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى كىرىمى يوق بولاتتى. ئۇ ئۆز پىلانلىرىنى تولۇق بايان قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىدى. ئاخىرىدا لى يەنخوڭ كۆپ تىرىشىش ئارقىلىق بەيدۇ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەبلەغ تاپتى. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ دىيىشچە بەيدۇنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشىغا سەۋەپ بولغىنى لى يەنخوڭنىڭ مۇئامىلىسى، پوزىتسىيەسى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ پىلانى بىزنىڭ ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشىمىزغا سەۋەپ بولغان.

بۇ قېتىملىق پىلاننىڭ ئىسمى « چاقماق پىلانى » بولدى، بەيدۇ چاقماق تىزلىكتە ئىككىنجى قېتىملىق تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن كىيىن بەيدۇ ئىزدەش ماتورى دۇنيا بۇيىچە 2- چوڭ مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى، خەنزۇچە ئىزدەش ماتورى ئىچىدە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇردى.

 10 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بەيدۇ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ مۇستەقىل ئىزدەش موتورى ۋە يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش موتورى بولۇپ قالدى. بەيدۇ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو يەرشارىدىكى ئامرىكا، روسىيە، كورىيە قاتارلىق تۆت چوڭ ئىزدەش موتورى يادرولۇق تېخنىكىسىغا ئىگە دۆلەتنىڭ بىرى بولدى.

2005 - يىلى، بەيدۇ ئامېرىكىنىڭ ناسداك پاي چېكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سالدى، ھەمدە تۇنجى بولۇپ ناسىداك پايچېكى بازىرىغا كىرگەن جۇڭگو شىركىتى بولۇپ قالغان. 

لىيەنخوڭESP تېخنىكىسىنى ئەڭ بالدۇر بەرپا قىلغان. ھەمدە ئۇنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىشلەتكەن.

سۈرەت ئىزدەش موتورىنى بەرپا قىلغان.

« دەرىجىدىن تاشقىرى زەنجىرسىمان تەھلىل قىلىش » تېخنىكىسى كەشىپ قىلغان. بۇ تېخنىكا ھازىرقى زامان ئىزدەش موتورى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە يۆنىلىشىگە ئاساس سالغان كەشپىياتىنىڭ بىرى.

2013 - يىلى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى قۇشۇمچە 11-نۆۋەتلىك جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ۋە 8-نۆۋەتلىك بېيجىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھەمدە دۆلەتنىڭ « تەكلىپلىك ئالاھىيدە مۇتەخەسىسلەر » شەرىپىگە ئىرىشكەن.

2001-يىلى «جۇڭگودىكى 10 چوڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچى»بۇلۇپ باھالانغان.

2002-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك « IT ساھەسىدىكى 10 چوڭ ئەرباب » دىگەن نامغا ئىرىشكەن.

2003-يىلى 2-نۆۋەتلىك « IT ساھەسىدىكى 10 چوڭ ئەرباب » دىگەن نامغا ئىرىشكەن.

2004-يىلى «جۇڭگو يۇمشاق دىتال ساھەسىدىكى 10 كۆزگە كۈرۈنگەن ياش» بولۇپ باھالانغان.

2005-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 12-نۆۋەتلىك «شەرقىي ئەللەر ئىتتىپاقى ياشلار مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن.

2005-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا سودا ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق يەرشارىدىكى ئەڭ ياخشى سودىگەرلەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2005-يىلى 12-ئايدا CCTV تەرىپىدىن 2005-جۇڭگو ئىقتىسادى شەخىسلەر دىگەن نامغا ئىرىشكەن.

2009-يىلى 12-ئايدا 2009-يىللىق جۇڭگولۇقلار ئىقتىسادىي داھىيسى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى يەرشارىدىكى 100 كۈچلۈك شەخىس ئىچىدە 24-ئۇرۇنغا تىزىلغان.

2010-يىلى7-ئاينىڭ 29-كۈنى پايتەخىت كۆزگە كۈرۈنگەن ئىختىساسلىقلار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم فوربىس ژورنىلى تەرپىدىن يەرشارىدىكى زور تەسىر كۈچكە ئىگە شەخىس بولۇپ باھالانغان.

2010-يىلى 11-ئايدا بايلىق ژورنىلى تەرىپىدىن 2010-يىللىق سودا شەخىسلىرى ئىچىدە 6-ئۇرۇندا تىزىلغان.

لى يەنخوڭ ۋە ئايالى

لى يەنخوڭنىڭ ئايالى مادوڭمىن، لى يەنخوڭ 1995-يىلى نىيويوركدىكى جۇڭگولۇق ئۇقۇغۇچىلار يىغىلىشىدا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. كىيىن ئۇلار توي قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھازىر 1 قىزى بار.

لى يەنخوڭئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشتىن ھەرگۈزمۇ تەۋرەنمەسلىك كىرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    88.9%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    11.1%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#