ۋات

كىشىلەر دائىم شوتلاندىيە لىك ۋاتنى پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغۇچى، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ۋات پار ماشىنىسىنى ياسىغان تۇنجى ئادەم ئەمەس. مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، ئىسكەندەرىيىلىك ئالىم ھېيلو مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماشىنىنى تەسۋىرلەپ ئۆتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋات
باشقا نامى James Watt
تۇغۇلغان ۋاقتى 1736-يىلى
كەسپى كەشپىياتچى
خەنزۇچە ئىسمى 詹姆斯·瓦特
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1819-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاتكىشىلەر دائىم شوتلاندىيىلىك ۋاتنى پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغۇچى، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى دېيىشىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە، ۋات پار ماشىنىسىنى ياسىغان تۇنجى ئادەم ئەمەس. مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، ئىسكەندەرىيىلىك ئالىم ھېيلو مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماشىنىنى تەسۋىرلەپ ئۆتكەن.

ۋات كەشىپ قىلغان پار ماشىنىسى1698-يىلى، ئەنگلىيىلىك توماس سافىلى پومپىغا ئىشلىتىلىدىغان پار ماشىنىسىنىڭ ئىجادىيەت پاتېنتىغا ئېرىشىدۇ. 1712-يىلى، ئەنگلىيىلىك توماس نيۇكمېن ئۆزگەرتىلگەن پار ماشىنىسىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، پەقەت كۆمۈركاندا سۇ تارتىشقىلا ئىشلىتىلەتتى. 

1764-يىلى ۋات پار ماشىنىسىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئۇ بىردانە نيۇكمىن پار ماشىنىسىنى رېمونت قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا بۇ ئىسراپچىلىقنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى سەزدى. گەرچە ۋات بۇ خىل ماشىنىنى ياساشنى مەشق قىلغىلى تېخى بىر يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئىجادىيەت تالانتى نيۇكمېن پار ماشىنىسى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب، پارنىڭ يوشۇرۇن ئىسسىقلىقىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا تونۇتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا گەۋدىسى سىرتىغا قوشۇمچە پار قازىنى ئورناتتى، نەتىجىدە، پارنىڭ خورىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ۋاتنىڭ نيۇكمېن پار ماشىنىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىدى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ پار ماشىنىسىنى تۇنجى كەشىپ قىلغۇچى دېگەن نامغا ئېرىشكەنىدى. 

1769-يىلى، ئۇ «ئوت سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىدىغان پار ماشىنىسى ۋە يېقىلغۇ خوراش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى» جەھەتتە پاتېنتقا ئېرىشتى. 1776-يىلى، بۇخىل ماشىنا زاۋۇت، كانلاردا ئىشلىتلىشكە باشلاندى. 

1781-يىلى، ئۇ ۋاللىق چىشلىق چاق كەشىپ قىلىپ، پار ماشىنىسىنىڭ ئالدى-كەينىگە ھەرىكەت قىلىشنى ئايلانما ھەرىكەتكە ئۆزگەرتىپ، پار ماشىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. 1782-يىلى، ئۇ قوش ھەرىكەتلىك پار ماشىنىسى كەشىپ قىلدى، بۇ خىل ماشىنىدا پورشېن ئىككى يۆنىلىشنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈنۈم تۆت ھەسسىدىن ئېشىپ كەتتى. 1788-يىلى، ئۇ يەنە پار ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدىغان مەركەزدىن قاچقۇچى سۈرئەت تەڭشىگۈچنى كەشىپ قىلدى. 1790-يىلى مانومېتىرنى كەشىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاتنىڭ پار ماشىنىسى تولۇق يۈرۈشلىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى. 

1775-يىلى، ۋات ئىنژېنېر ھەم ھۈنەرۋەن ماسئۇ باۋلېت بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت ئاچتى. 25 يىل ئىچىدە، ۋات-باۋلېت شىركىتى نۇرغۇنلىغان پار ماشىنىلىرىنى ياساپ چىقتى. 

ۋاتبىزنىڭ پار ماشىنىسىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈشىمىز ناھايىتى قىيىن. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلار سانائەت تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىغانىدى. ۋاتتىن بۇرۇن، نۇرغۇن كەشپىياتچىلار بارلىققا كەلگەن، مەسىلەن، موكىنىڭ كەشپىياتچىسى جون-كاي، توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنىڭ كەشپىياتچىسى خارگېفۇلار، بىراق، ۋاتنىڭ كەشپىياتى سانائەتنىڭ يۈكسىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىدى؛ ئەگەر ئۇنىڭ كەشپىياتى بولمىغان بولسا، سانائەتنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بۈگۈنكىدەك بولمىغان بولاتتى. 

بۇرۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ مەنبەسى كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنىڭ مۇسكۇل ھەرىكىتىدىن كېلەتتى، شۇڭلاشقا پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيىمۇ چەكلىك ئىدى. دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى ناھايىتى كۆپ. ھەتتا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. 1973-يىلدىكى نېفىت ئىمبارگوسىدىن ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر ۋە ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ كەمچىلىكى پۈتكۈل سانائەت سىستېمىسىنىڭ دەۋر قىلىشىغا قانچىلىك توسقۇنلۇقى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ ئەمەلىيەت مەلۇم دەرىجىدە بىزگە ۋاتنىڭ كەشپىياتى سانائەت ئىنقىلابىدا نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#