ئازغان مېۋىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئازغان مېۋىسى (دورا)
  2. ئازغان مېۋىسى (ئۆسۈملۈك)
دورا

ئازغان مېۋىسى

ئازغان مېۋىسى

ئازغان مېۋىسى بولسا  ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئانار دەرىخىگە يېقىن بىر خىل چاتقال ئۆسۈملۈك ئازغاننىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ،  مېۋىسى ئىچىدە نۇرغۇن ئۇرۇقلىرى بار. ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق  خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئازغان مېۋىسى
ئىنگلىزچە Fruit of Japanese rose
شەكلى يۇمىلاق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە نامى 蔷薇果
تونۇش ئەۋسەج(ئە)، سېدخار(پ)، ئازغان مونچىقى(ئو)
تەمى ئاچچىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئازغان مېۋىسىئازغان مېۋىسى بولسا ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئانار دەرىخىگە يېقىن بىر خىل چاتقال ئۆسۈملۈك ئازغاننىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۈز پەسلىدە پىشقاندا يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىسى «ئازغان مېۋىسى» ھەم «ئازغان مونچىقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، سىرتقى يۈزى قىزىل، پۇرىقى سۇس، تەمى ئاچچىقراق بولىدۇ. مېۋىسى ئىچىدە نۇرغۇن ئۇرۇقلىرى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغۇلىيە، رۇسىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سۈيدۈكنىڭ كۆپ كېلىشى، سىيىپ يېتىش، ئىچ سۈرۈش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، كۆپ تەرلەش، بەل ۋە پۇت − قوللارنىڭ ئاغرىشى، يۆتەل، زىققە، قىچىشقاق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، قوتۇر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

مەنىينى تىزگىنلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، سۈيدۈكنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خىيىلىك تەركىبى

ئازغان مېۋىسىئازئازغان مېۋىسى تەركىبىدە كېمىفرول (kaemprfol)، مولتىفلورىن (multiflorin) قاتارلىقلار بار. گۈلىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، كىتون، ئاستىراگالىن (Astragalin) بار.

ئەكىس تەسىرى

تالغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىلەرنى توسۇش رولىغا ئىگە.

مىقدارى

4 گرامغىچە.

ساقلاش

كۈز پەسلىدە ئازغان مېۋىسى پىشىپ، قىزارغاندايىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەتىرا.

ئورۇنباسارى

ئاغىچە.

ئازغان مېۋىسى شەربىتى

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=456

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#