سۈۋەرەك

سۈۋەرەك

سۈۋەرەك (ئىلمىي نامى: ) ئومۇمەن «سۈۋەرەكلەر تۈركۈمى» دىكى ھاشارات بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت تەخمىنەن نەچچە ئون خىلى ئىنسانلارنىڭ ئۆيلىرىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ، يەنە بىر قانچە خىلى ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەرمەك ھايۋان، ئاشلىق، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۈرلىرى پەقەت دالىدا، جىلغا، ئورمانلىقتا ياكى ھاشاراتلەر ئىچىدە كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۈۋەرەك
تارقالغان رايونلار تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ رايونلىرى
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى سۈۋەرەكلەر تۈركۈمى
كەنجى تىپى ئالتە پۇتلۇقلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蟑螂
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلەر سىنىپى
ئائىلىسى تاراقان ئائىلىسى
كەنجى سىنىپى قاناتلىق كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېرىق (كېجيا دىئالېكتى)، شياۋچياڭ (گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ رايونى)، يۆيوۋ (گۇاڭدۇڭ شېۋىسى، فۇجىيەن شېۋىسى، كېجيا تىلى ھەممىسى ئوخشاش، گۇاڭدۇڭ تىلىدا يىزىلىشى gaat6 zaat6، چاۋجۇ تىلىدا يىزىلىشى ga1zuah8).

سۈۋەرەك ئۆي ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سۈۋەرەكنىىڭ چوڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5.0 سانتىمېتىر (1.97 ديۇيم) ئامېرىكا قىتئەسى سۈۋەرىكى (Periplaneta americana)، ئاۋسترالىيە سۈۋەرىكى (Periplaneta australasiae) ۋە قىسقا قانات ئالا سۈۋەرەك (Neostylopyag rhombifolia)؛ كىچىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.5 سانتىمىتىر (0.59 ديۇيم) گېرمانىيە سۈۋەرىكى (Blattella germanica)، ياپونىيە توقال سۈۋەرىكى (Blattella bisignata) ۋە ئاسىيا سۈۋەرىكى (Blattella asahinai)، ئىسسىق بەلباغ رايونىدىكى سۈۋەرەك ئادەتتە بىر قەدەر چوڭ. ئۆي ئىچىدىكى سۈۋەرەك ئومۇميۈزلۈك كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە يورۇقلۇقتىن قورقۇپ دالىدىغا كىرۋالدىغان سۈۋەرەك سورتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، يورۇقلۇققا ئىنتىلىشچان خارەكتېردىكىلىرىمۇ بار.

تېنى ياپىلاق، قارا قوڭۇر، ئادەتتە چوڭ-كىچىكلىكى نورمال، بېشى كىچىك، ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئۇزۇن سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى يىپسىمان، مۇرەككەپ كۆزى تەرەققىي قىلغان، تۈز قاناتلىق، ئالدى قانىتى تۈز قاتتىق، ئارقا قانىتى پەردىسىمان، كەينى قانىتى ئارىسى چوڭ، قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىنى قاپلىغان؛ بەزى خىللىرىنىڭ قانىتى يوق، ئۇچۇشقا گال، جىنسى تولۇق ئۆزگىرىپ كەتمىگەن. تەخمىنەن تۈرى 6000 خىلدىن ئاشىدۇ؛ ئاساسلىقى تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ رايونلىرىدا دالىدا ياكى ئۆي ئىچىدە ياشايدۇ.

ئامېرىكا سۈۋەرىكى

ئامېرىكا سۈۋەرىكىئامېرىكا سۈۋەرىكى (Periplaneta americana، يەنى ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ سۈۋەرىكى) تەن ئۇزۇنلۇقى 30-50 مىللىمېتىر (ئەڭ ئۇزۇنلىرى 2 دىيۇيم)، ئاچ قىزىل رەڭ، تۇرمۇشقا يېقىن ئارىدا ياكى سىرتتىكى قاراڭغۇلۇق، ئىللىق ئۆي ئىچى مۇھىتى (مەسىلەن، يەر ۋە ئوچاق بار ئۆي). قۇرامىغا يېتىش مەزگىلى تەخمىنەن بىر يېرىم يىل. چىشى سۈۋەرەك 50 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر بىر تۇخۇمدىن تەخمىنەن 16 تال لىچىنكا 45 ئەتراپدا چىقىدۇ. لىچىنكا مەزگىلى ئۇزۇن 11 ~ 14 ئايچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئامېرىكا سۈۋەرىكى ئەسلىي ماكانى يېقىن ئارىدىكى ئىسسىق بەلباغ ۋە سۇبتروپىك بەلباغ رايونلىرى، قانىتىنىڭ يېتىلىشى ياخشى، ناھايىتى ئۇزۇن ئارىلىققا ئۇچالايدۇ.

گېرمانىيە سۈۋەرىكى

گېرمانىيە سۈۋەرىكىگېرمانىيە سۈۋەرىكى (Blattella germanica، يەنى گېرمانىيە جى سۈۋەرىكى) كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆي ئىچىدىكى زىيانداش ھاشارات. سۇس قوڭۇر رەڭ، كۆكرەك ئالدى قىسمىدا ئىككى تال قارا سىزىق بار، ئانىلىق تېنى جۈپلىشىش ئۈچ كۈندىن كىيىن تۇخۇم تۇغىدۇ ھەمدە تەخمىنەن 20 كۈن ئىچىدە لىچىنكىسى چىقىدۇ. جۇغى كىچىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12 مىللىمېتىر (0.5 دىيۇيم).

كۈلرەڭ قوڭۇر سۈۋەرەك

كۈلرەڭ قوڭۇر سۈۋەرەككۈلرەڭ قوڭۇر سۈۋەرەك (Supella supellectilium) گېرمانىيە سۈۋەرىكىگە ئوخشايدۇ، ئەمما سەل كىچىكرەك بولىدۇ. ئەركىكىنىڭ قانىتىنىڭ يېتىلىشى ياخشى، رەڭگى چىشىسىنىڭ سەل سۇس، چىشىسىنىڭ قانىتى قىسقا ھەم ئىقتىدارى يوق. ئەركەك، چىشى ئىككىلىسىنىڭ سۇس رەڭلىك يوللۇق دۈمبە قىسمىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئۆمرى 200 كۈن بولىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. تۇخۇملىرىنى يېقىن ئارلىقتىكى كىيىم، ياغاچ گۈللۈك تاختا ياكى تاختاي يېرىقلىرىدىكى دالدا، ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى بار ئۆيلەردە تۇغىدۇ، كۈلرەڭ قوڭۇر سۈۋەرەك بىر قەدەر سالقىن جايلارغا يېقىن ئارىدا ياشايدۇ.

سۈۋەرەكسۈۋەرەك بولسا تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان ھالەتتىكى ھاشارات بولۇپ، پۈتۈن ھاياتلىق تارىخى تۇخۇم، نىمفا ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ.

سۈۋەرەكسۈۋەرەكنىڭ كۈشەندىسى ئۆمۈچۈك، چايان (سېرىقئېشەك) كىركەك قۇرت، چۈمۈلە، چارپاقا، سازاڭ، تام پاتمىچۇقى دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت. يەنە بىر قۇش بار: ئادەتتىكى ئاتىلىشى Cucarachero (ئىلمىي نامى Troglodytes audax) سۈۋەرەكنى تۇتۇپ يەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مۈشۈك، مايمۇن ۋە چاشقانلارمۇ سۈۋەرەك تۇتۇپ يەيدۇ.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#