ئۇران
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇران قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق-يېقىنلىق تەرتىپى بويىچە سانىغاندا 7- پلانېتا ھېسابلىنىدۇ. قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش دەۋرى تەخمىنەن 84 يىل، يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىزراق كېلىدۇ. ئۇنى پەقەت تېلېسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ. يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى -200 سېلسىيە گرادۇس. سىرتىدىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ تەركىبى ئاساسەن ھىدروگېن بىلەن مېتاندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يەنە سەككىز نۇر ھالقىسى ۋە بەش دانە ھەمراھى بار.
ئۇراننى قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا سەييارىلەرگە ئوخشىمايدىغان سەييارە دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇ سەككىز چوڭ سەييارە ئىچىدە بىز ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرەلەيدىغان ئەڭ تۇتۇق سەييارىدۇر . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۇران يەنە قۇياش سېستىمىسى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئەڭ ھورۇن بالا دۇر . قۇياش سېستىمىسىدىكى بارلىق سەييارىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بىلەن ئوربىتىدا ئايلىنىشنىڭ تىك يۆنىلىشتە دېگۈدەك بولۇشىغا ئەمەل قىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ . پەقەت ئۇرانلا ئۇنداق ئەمەس . ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئوربىتىدا ئايلىنىشى بىلەن بىر تەكشىلىكتە دېگۈدەك بولۇپ ، ئېكۋاتۇر يۈزى ئوربىتىدا ئايلىنىش يۈزى بىلەن تىك ھالەتتە دېگۈدەك بولىدۇ . يەنى ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ياكى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇران يېتىپ دېگۈدەك ھەرىكەت قىلىدۇ . چۈنكى ، ئۇراندىكى تۆت پەسىل ۋە كېچە -كۈندۈز يەر شارىدىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . بەزىلەر ئۇراننىڭ « ئورنىدىن تۇرۇشنى خالىمايدۇ » غانلىقىنىڭ سەۋەبىنى قىياس قىلىپ ، ئۇراننى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر ئاسمان جىسمى سوقۇۋەتكەن ، شۇڭا ئۇ ھازىر قىدەك مۇشۇنداق « ئورنىدىن تۇرالمايدىغان » ھالغا چۈشۈپ قالغان دەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.