ئويتاغ مەنزىرە رايونى
ئويتاغ مەنزىرە رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى نىڭ غەربىي قىسمىدىكى قويۇق تاغ ئىچىگە جايلاشقان. ئاقتۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئويتاغ مەنزىرە رايونىئويتاغ مەنزىرە رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى نىڭ غەربىي قىسمىدىكى قويۇق تاغ ئىچىگە جايلاشقان. ئاقتۇ ناھىيەسى دىن چىقىپ، ئويتاغ تاغ ئېغىزىنى بويلاپ ئېقىنغا قارشى ماڭغاندا، بۇلۇتنىڭ قېتىدىكى «پانىي دۇنيادىكى جەننەت» دەپ ئاتالغان ئويتاغ مەنزىرە رايونىغا بارغىلى بولىدۇ. ئاقتۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 نەچچە كىلومېتىر، قاتنىشى ناھايىتى قولايلىق.
ئويتاغ تۆت ئەتراپىدا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە مەنزىرىلەر بار بولغان، بىر مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي مەنزىرە ساياھەت رايونى. ئويتاغ قەدىمكى تۈرك تىلىدا «تاغلار ئارىسىدىكى بىر پارچە ئويمانلىق» دېگەن مەنىدە. بۇ يەردە ئېگىز تاغ خەتەرلىك مۇزلۇق چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، قەدىمكى دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەن، ئاسمىنىدا سارلار ئۇچۇپ، كېپىنەكلەر ئۇسسۇل ئۇينايدۇ، خۇش پۇراق ئوت-چۆپلەرگە پۈركەنگەن، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.