ساۋ ساۋ

ساۋ ساۋ  (مىلادىيە155-220-يىللار) ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى داڭلىق سىياسىئون، ھەربىي ئالىم ۋە ئەدىب.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ساۋ ساۋ
خەنزۇچە ئىسمى 曹操
باشقا نامى 字孟德、号吉利、小字阿瞒
كەسپى سىياسىئون، ھەربىي ئالىم ،ئەدىب
تەخەللۇسى مېڭ دې، چياۋ
تۇغۇلغان ۋاقتى 155-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 220-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
يۇرتى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بۇشيەن ناھىيەسى
ياشىغان دەۋر ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساۋ ساۋ (مىلادىيە 155-220-يىللار) ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى داڭلىق سىياسىئون، ھەربىي ئالىم ۋە ئەدىب. تەخەللۇسى مېڭ دې، چياۋ (بۈگۈنكى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بۇشيەن ناھىيەسى) دېگەن يەردىن. ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەۋرىدىلا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان. 20 يېشىدا دىيانەتچى بەگلىككە كۆرسىتىلگەن. لوياڭنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ ئەمرى بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەمەلدارلىق يولىغا ماڭغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 189-يىلى، ساۋ ساۋ مال-بىساتىنى سەرپ قىلىپ ئەسكەر توپلاپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ دۇڭجۇغا جازا يۈرۈش قىلىش جېڭىگە قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا شەخسىي قوراللىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ ماڭغان، ئارقىدىنلا، ئۇ يەنە لۈ بۇ، جاڭ مياۋ قاتارلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ، يەنجۇ دېگەن يەرنى كونترول قىلىپ بازا قۇرغان. مىلادىيە 196-يىلى، ئۇ پادىشاھ خەن شيەندىنى مەجبۇرىي شۈچاڭغا باشلاپ بېرىپ، «تەڭرىقۇت نامىدا بەگلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش» ئورنىنى ئىگىلىگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا جەڭ قىلىشقا باشلىغان. 

ساۋ ساۋ بىرمۇنچە رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، دەسلەپتە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا شانلىق غەلىبىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ شۈجۇدىكى لوبۇنى ئۆلتۈرۈپ، ياڭجۇدىكى يۈەنشۇنى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇرلاپ، ليۇبېينى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەنشيەن ناھىيىسىدىكى جاڭ شيۇنى تەسلىم قىلىپ، خۇاڭخېنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ زور كۈچكە ئايلانغان. مىلادىيە 200-يىلى، مەشھۇر گۇەندۇ (بۈگۈنكى خېنەندىكى جۇڭمۇنىڭ شەرقىي شىمالى) ئۇرۇشىدا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ كۈچنى يېڭىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كۈچى ئەڭ زور يۈەن شاۋنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى يوقاتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ساۋ ساۋ يەنە بىرنەچچە يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، يۈەن شاۋنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، چىڭ، جى، يۇ، بىڭدىن ئىبارەت تۆت ئايماقنى ئىشغال قىلغان. مىلادىيە 207-يىلى، ئۇ ھازىرقى خېبېينىڭ شىفېڭكۇ دېگەن يېرىگە قوشۇن تارتىپ، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىسيانىنى تىنچىتقان، ئارقىدىنلا تۇڭگۇەن دېگەن يەردە ماچاۋ بىلەن خەن سۇينى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي شىمالنى تىنچىتقان؛ خەنجۇڭدىكى جاڭ لۇنى يوقىتىپ، سىيانپىيلارنى تەسلىم قىلغان. مىلادىيە 208-يىلى، ساۋ ساۋ شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى تاماملاپ، جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جەنۇبنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھازىرلانغان، لېكىن چىبى جېڭىدە سۈن چۈەن بىلەن ليۇ بېينىڭ بىرلەشمە قوشۇنىغا يېڭىلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۈچ پادىشاھلىق تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.

ساۋ ساۋ شىمالدا خەلقنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان، ئالۋان-ياساقنى ئازايتىپ، شىمالنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەربىي ئوزۇق-تۈلۈك ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان؛ ئىچكى ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ، پومېشچىكلار سىنىپى ۋە ئوقۇمۇشلۇقلارنى ئۆزىگە تارتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن؛ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دانىشمەنلەرگە مۇراجىئەت قىلغان، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، بىر تۈركۈم دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قەلەمدار-ئەلەمدارلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. ساۋ ساۋ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ ھەقىقىي بەرپاچىسى ئىدى. مىلادىيە 220-يىلى، ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى ساۋ پېي تەختكە چىقىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان. ئۇ ۋېي پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، لوياڭنى پايتەخت قىلغان ھەمدە ساۋ ساۋنى ھۆرمەتلەپ ۋۇدى دەپ ئاتىغان.

ساۋ ساۋ ھەربىي دەستۇرلارنى ئوقۇشقا ئامراق، ئۇرۇش پەنتلىرىگە ماھىر بولۇپ، «سۇن زىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» گە ئۆز قەلىمى بىلەن ئىزاھ يازغان. ئۇ يەنە يېزىقچىلىق جەھەتتىمۇ خېلى كامال تاپقان بولۇپ، جيەنئەن يىللىرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا زىممىسىدىكى سىياسىي يۈك ۋە ئۇنىڭغا بولغان زور غەيرەت-جاسارىتىنى ئىزھار قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#