كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش تېخنىكىسى

كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش تېخنىكىسى

كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداينىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ۋاقتىدا تېرىلغان بۇغداينى ئوغۇتلاشتىكى «ئازوتلۇق ئوغۇتنى ئاساس قىلىپ، فوسفورلۇق ئوغۇتنى ماسلاشتۇرۇش» تەك ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسى ئوغۇت بىرىشتە فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئازوتلۇق ئوغۇتنى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىنى تەكىتلەش كېرەك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش تېخنىكىسىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىرىشتۈرۈپ تېرىش، قۇر ئارىسىغا تېرىشنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداي كۆلىمى يىلدىن - يىلغا كۆپىيۋاتىدۇ. تېرىش مەزگىلى كەينىگە سۈرۈلگەچكە، كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداينىڭ ئۈنۈش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ، قىشلاشتىن بۇرۇنقى ۋىگتاتىپلىق ئۆسۈش ۋاقتى قىسقىرايدۇ. نەتىجىدە ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا چىققان يوپۇرماقلار كۆپىيىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە تۈپچىلەش - تۈپچىلەپ باشاق تۇتۇشنىڭ ئاساسى. كىيىنكى مەزگىلدە بۇغداي باشاقلىرىنىڭ بۆلىنىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ، بۆلۈنۈش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ. 

ئوغۇتلاش

كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداينىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ۋاقتىدا تېرىلغان بۇغداينى ئوغۇتلاشتىكى «ئازوتلۇق ئوغۇتنى ئاساس قىلىپ، فوسفورلۇق ئوغۇتنى ماسلاشتۇرۇش» تەك ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسى ئوغۇت بىرىشتە فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئازوتلۇق ئوغۇتنى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىنى تەكىتلەش كېرەك. فوسفورلۇق ئوغۇت بالدۇر يېتىلدۈرۈش، ئۆسۈش جەريانىنى تېزلىتىشتەك ئالاھىدە رولغا ئىگە، ھەمدە يىلتىزنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ بۇغداينىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا، يىلتىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، نەتىجىدە بۇغداينىڭ ئوغۇت، سۇدىن پايدىلىنىش دائىرىسى كېڭىيىپ، ناچار شارايىتلارغا تاقابىلچانلىقى كۈچىيىدۇ. يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، ئازوتنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، ئازوتتىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئاشىدۇ، نەتىجىدە بۇغداي مايسىلىرى بالدۇر ئۈنۈپ كۆپ تۈپچىلەيدۇ، ھەمدە تۈپچىلەردە باشاق تۇتۇش نسبىتى ئاشىدۇ، بۇ باشاق سانىنى كۆپەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. فوسفور ئوغۇتى بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەندە بۇغداي 1- 3 كۈن بالدۇر چېچەكلەيدۇ، دان تۇتۇش مەزگىلى 2 - 3 كۈن ئۇزىرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىيىن تېرىلغان بۇغداينى بالدۇر يېتىلدۈرۈش ۋە مىڭدان ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كالىي كەمچىل رايونلاردا ئاساسىي ئوغۇت بەرگەندە كالىي ئوغۇتى بېرىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. 

قوشۇمچە ئوغۇتلاش، سۇغىرىش

كىچىكىپ تېرىلغان بۇغداينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش تېخنىكىسىئوغۇت، سۇ يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، ئەتىيازدا غول تارتىش مەزگىلىدە سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ قوشۇمچە ئوغۇتلاش كېرەك. قايتا كۆكلەش مەزگىلىدە بەك بالدۇر سۇغىرىشقا، ئوغۇتلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا نۇرغۇن ئۈنۈمسىز تۈپچىلەر شەكىللىنىدۇ ۋە بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ كىتىپ پىشىشى كەينىگە سۈرۈلىدۇ. غول تارتىش مەزگىلىدىن باشاق چىقىرىش مەزگىلىگىچە ئازوت، فوسفور، كالىينى قوبۇل قىلىشى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوغۇتلاش تۈپچىلەرنىڭ ئۆسۈپ ئاساسى غولغا يىتىشىۋېلىشىغا، تۈپچىلەرنىڭ باشاق چىقىرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە پايدىلىق، ھەمدە باشاق، دان سانىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىچىكىپ تېرىلغان قىشلاشتىن ئىلگىرى تۈپچىلىمىگەن ياكى ئەتىيازدا تولۇق ئەسلىگە كېلەلمىگەن ئومۇمى تۈپلەرگە قارىتا سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى مۇۋاپىق بالدۇر ئېلىپ بېرىش ۋە سۇغىرىش، ئوغۇتلاش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تۈپچىلەرنى كۆپەيتىپ، باشاق دان سانىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قوشۇمچە ئوغۇتلىغاندا ئازوت، فوسفور، كالىي، مىكرو ئوغۇتلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەكشى ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كىيىنكى مەزگىلدە يوپۇرماقتىن ئوغۇتلاپ، بۇغداينىڭ نورمال ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا بۇ بۇغداينىڭ ئەتىيازدا چىققان يوپۇرماقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇستى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرىنىڭ فونكسىيىدىنى ياخشىلاپ، مىڭدان ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/168/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#