گامبىيە

گامبىيە جۇمھۇرىيىتى
گامبىيە جۇمھۇرىيىتى (Islamic Republic of Gambia) قىسقارتىلىپ گامبىيە دېيىلىدۇ. غەربىي ئافرىقىدىكى گامبىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان دۆلەت.

ئۇيغۇرچە نامى گامبىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى گامبىيە 冈比亚
ۋاقىت رايونى UTC+0
دۆلەت شېئىرى 《为冈比亚我们的家园》
سىياسى تۈزۈلمىسى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 冈比亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى بانجۇل
دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى
نوپۇسى 1 مىليون 990 مىڭ ئادەم (2015-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گامبىيە جۇمھۇرىيىتىگامبىيە جۇمھۇرىيىتى (Islamic Republic of Gambia) قىسقارتىلىپ گامبىيە دېيىلىدۇ. غەربىي ئافرىقىدىكى گامبىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، جەنۇب تەرەپلىرى سېنگال بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ، غەرب تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 10 مىڭ 690 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 1 مىليون 990 مىڭدىن ئاشىدۇ (2015-يىلى)، بۇنىڭ %50 نى ماندىنكو خەلقلىرى، قالغىنىنى ۋولوف، فورانى قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. 

1970-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى گامبىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. ماندىنگو مىللىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ %90 ى ئىسلام دىنى غا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى بانجۇل، پۇل بىرلىكى دالاسى.

گامبىيە جۇمھۇرىيىتىگامبىيە نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، گامبىيە دەرياسىنىڭ نامىدا ئاتالغان. كامبىيە دەرياسى شەرقتىن غەربكە ئۇنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى توغرا كىسىپ ئۆتىدۇ، ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 480 كىلومېتىر. مىلادى 15-ئەسىردە پورتۇگالىيەلىكلەر ئەڭ ئاۋۋال گامبىيە دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، شۇ يەرلىكلەرنىڭ دەريانى Dimma - Ba (دەريا) دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنى خاتا ھالدا بۈگۈنكى <گامبىيە> قىلىپ تارقاتقان؛ ئىككىنچى، گامبېل مىللىتىنىڭ خاتا تارقىلىشىدىن پەيدا بولغان.

گامبىيەگە 1455-يىلدىن كېيىن پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىلگىر-ئاخىرى بولۇپ بېسىپ كىرگەن. 

 1588-يىلى ئەنگلىيە بۇ جايغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، پورتۇگالىيىلىكلەر سودا ھوقۇقىنى ئەنگلىيە سودا شىركەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 

1765-يىلى ئەنگلىيە بۇ يەر بىلەن سېنېگالدىكى بېسىۋالغان رايونلىرى بىرلەشتۈرۈپ سېننى گامبېيە دەپ ئاتىغان. 

1779-يىلى فرانسىيە سېننى گامبىيەنى بېسىۋالغان.

1783-يىلى <ۋېرسال كېلىشىمى> گامبىيە دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى رايونىنى ئەنگلىيەگە، سېنېگالنى فرانسىيەگە كېسىپ بەرگەن.

1807-يىلى ئەنگلىيە گامبىيەنى سېررالىئونغا قوشۇۋەتكەن.

1843-يىلى گامبىيە يەنە ئەنگلىيەنىڭ بىۋاستە قاراشلىق زېمىنىگە ئۆزگەرتىلگەن. 

1889-يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە كېلشىم تۈزۈپ، بۈگۈنكى گامبىيىنىڭ چېگراسىنى ئېنىق بېكىتكەن.

1962-يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇستەقىلىققا ئېرىشكەن.

1964-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە گامبىيەنىڭ 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان.

1970-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى گامبىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 

گامبىيە جۇمھۇرىيىتىگامبىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى گامبىيە دەرياسىنىڭ لاتقا چۆكۈندىلىرىدىن شەكىللەنگەن تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ غەربتىن شەرققە ئۇزۇنلۇقى 330 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 20-50 كىلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەتتە دەريا تورلىرى كۆپ بولۇپ، پەسىللىك سازلىقلار كۆپ بولىدۇ. ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃27 قا يېتىدۇ، ھۆل يېغىن مىقدارى ئىچكى قىسمىدا 750 مىللىمېتىر، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا 1200 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 

گامبىيە دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 480 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەتنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدۇ، دەريانىڭ قېنى كەڭ، سۈيى چوڭقۇر، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ كەڭلىكى 1.6 كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭقۇرلۇقى 4 مېتىر، دەريا ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 8 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ گامبىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان ماندىنكو خەلقلىرىنىڭ 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار.

دۆلەت بايرىقى

گامبىيە جۇمھۇرىيىتىگامبىيە ئافارىقا چوڭ دۆلەت قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكيان نىڭ سۈيى گامبىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. 15-ئەسىردىن بۇيان، گامبىيە ئىگىرى-كېيىن بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيەلەرنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ھازىرقى چېگىرىسى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكلىكىنى تالاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. گامبىيە 1965-يىلى دېكابىردا مۇستەقىل دۆلەت بولغان. شۇ يىلى قىزىل، ئاق، كۆك، ئاق ۋە يېشىل تۆت خىل رەڭدىكى بەش بەلدەملىك دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان، ئوتتۇرىسىدىكى كۆك رەڭ گامبىيە دەرياسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن ساداقىتى مۇجەسسەملەنگەن، پاك، تىنىچلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان ئاق رەڭ گامبىيە خەلقىنىڭ دوستانە ھېسىياتىنى ۋە ئۇلارنىڭ گامبىيە دەرياسىنى بويلاپ شىجائەت بىلەن ئىلگىرلەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن؛ قىزىل رەڭ قۇياشنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىللىق قۇياش نۇرى ئىناق ۋە دوستلۇقنى نامايان قىلغان، يېشىل رەڭ ئۈمىد ۋە جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان كەڭ زېمىننى بىلدۈرگەن.

دۆلەت گېربى

گامبىيە جۇمھۇرىيىتىگامبىيە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك دۆلىتى. دۆلەت گېربىدىكى پالما دەرىخى ۋە گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان شۇ جايىدا ئىشلىتىلىدىغان پالتا بىلەن ئوتىغۇچ يېزا ئىگىلىك خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم ئورۇننى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئافرىقا ئوتلىقىدىكى ئىككى ئالتۇن رەڭلىك شىر دۆلەت دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆك قالقاننى قوغداپ تۇرغان. شىر بىلەن قالقان ئۈستىدىكى كۆكۈش رەڭلىك دۇبۇلغا باتۇرلۇق ۋە يۈكسەكلىكنىڭ بەلگىسى بولغان. دۆلەت گېربى ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا ئىنگىلىزچە «تەرەققىيات، تىنىچلىق، گۈللىنىش» دېگەن خەت يېزىلغان.

گامبىيە جۇمھۇرىيىتىگامبىيە يېزا ئىگىلىك دۆلەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ %80  يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %50 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئەڭ ئاساسلىق خاسىڭ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كېۋەز، شال، تېرىق تىپىدىكى زىرائەتلەر، مانىخوت قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ.

گامبىيەنىڭ چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسەن كالا بېقىلىدۇ، دەريا ھەم دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائىتىدە ياغ چىقىرىش، يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كېرەكلىك خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. خاسىڭ ئېكسپورتىدىن باشقا پالما مېغىزى، بېلىق قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ، چەت ئەللەردىن ئاشلىق، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مېتال بۇيۇملار ئىمپورت قىلىنىدۇ.[0]


گامبىيىنىڭ تولۇق نامى <گامبىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي، گامبىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، گامبىيە دەرياسىنىڭ نامىدا ئاتالغان. كامبىيە دەرياسى شەرقتىن غەربكە ئۇنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى توغرا كىسىپ ئۆتىدۇ، ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 480 كىلومېتىر. مىلادى 15 - ئەسىردە پورتۇگالىيىلىكلەر ئەڭ ئاۋۋال گامبىيە دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، شۇ يەرلىكلەرنىڭ دەريانى Dimma - Ba (دەريا) دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنى خاتا ھالدا بۈگۈنكى <گامبىيە> قىلىپ تارقاتقان؛ ئىككىنچى، گامبېل مىللىتىنىڭ خاتا تارقىلىشىدىن پەيدا بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#