ھەببى دەبىدىلۋەرد
ھەببى دەبىدىلۋەرد دورا جىگەر رەڭلىك ھەب بولۇپ، تەمى بىراز ئاچچىق ھەم قاڭسىق.ياللۇغ قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەببى دەبىدىلۋەرد دورا جىگەر رەڭلىك ھەب بولۇپ، تەمى بىراز ئاچچىق ھەم قاڭسىق.ياللۇغ قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش،توسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە.جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش،جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
ھەب
تەركىبى
قىزىلگۈل 200g سۇمبۇل 10g مەستىكى 10g زەپەر 10g تاباشىر 10g دارچىن 10g ئىزخىر 10g ئاسارۇن 10g قۇستە شىرىن 10g غاپەس 10g سېرىقئوت ئۇرۇقى 10g ئوردان 10g يۇيۇلغان لوك 10g كاسىن ئۇرۇقى 10g كەرەپشە ئۇرۇقى 10g زىراۋەندى 10g ھەببى بىلسان 10g قەلەمپۇر 10g ئۇد ھىندى 10g لاچىندانە 10g
ئاساسلىق دورىسى
قىزىل گۈل
بۇ دورىدىن 30g ئېلىپ ئېزىپ، 30ml دىن ئېتىل ئېفىر قوشۇپ 2 قېتىم چالغىتىپ چەككىلەپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى بىرلەشتۈرۈپ 1ml قالغىچە قۇيۇلدۇرۇپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. ئاندىن قىزىل گۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ 10ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ 30 مىنۇت چالغىتىپ سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمە سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى قىلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى سىناق ئېرىتمىسىدىن ئايرىم ھالدا 5µl دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ(17∶3)سېكلو ھېكساننى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكۇلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرداھەم سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا ھەب ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل،قوشۇمچە I A) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.