گابرىيېل گارسىيا ماركۇز

گابرىيېل گارسىيا ماركۇز

مەشھۇر يازغۇچى، مۇخبىر گابرىيېل گارسىيا ماركۇز 1927-يىلى كولۇمبىيە دە تۇغۇلغان. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە مېكسىكىدا 87 يېشىدا ۋاپات بولغان. 1982-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گابرىيېل گارسىيا ماركۇز
دۆلەت تەۋەلىكى كولۇمبىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى
باشقا نامى گارسىيا ماركۇز
تۇغۇلغان ۋاقتى 1927-يىلى
كەسپى يازغۇچى، مۇخبىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گابرىيېل گارسىيا ماركۇزمەشھۇر يازغۇچى، مۇخبىر گابرىيېل گارسىيا ماركۇز 1927-يىلى كولۇمبىيە دە تۇغۇلغان. 1982-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «يۈز يىل غېرىبلىق» سېھرىي رىيالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تىپىك ئەسەر.

1982-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كولۇمبىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى، مۇخبىر گابرىيېل گارسىيا ماركۇز 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە مېكسىكىدا 87 يېشىدا ۋاپات بولغان.

گابرىيېل گارسىيا ماركۇزگارسىيا ماركۇزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» (غۇپۇر نۇرىدىن تەرجىمە قىلغان) ناملىق رومانى، «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى» (زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە قىلغان) قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە خېلى كۆپ ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئۇنىڭ يەنە يەنە بىر مەشھۇر رومانى «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلىدىكى گۈلجەننەت ئىسمايىل تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرگە تاپشۇرۇلغان.

ئۇنىڭ يەنە 2011-يىلى نەشردىن چىققان «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق كىتابىنى قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇرۇلغان.

«مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىگە گارسىيا ماركۇزنىڭ 22 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى: يەنى ئۇنىڭ 1944-يىلى 17 يېشىدا گىپاگىرا ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرىدىغان چېغىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تارتىپ، 2007-يىلى 80 ياشقا تولغان چېغىدا ئىسپانىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدە پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

گارسىيا ماركۇز «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كىتابىدا: «مېنىڭ نەزەرىمدە نۇتۇق سۆزلەش ــ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلىنغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش. مەن شۇنچە يۈكسەك شۆھرەت تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟» دەپ سوئال قويغان.

ئۇ كىتابىدىكى ئىككىنچى ماقالىسى ـــ «مەن يېزىقچىلىققا قانداق كىرىشىمەن» دە ئۆز نۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقان تاماشىبىنلارغا: «مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە سەھىنىگە چىقىشقا مەجبۇرلانغان چېغىمدىكىدەك تۇيغۇدا بولىمەن» دەپ يازغان.

گابرىيېل گارسىيا ماركۇزگابرىيېل گارسىيا ماركۇزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق»، «يۈز يىل غېرىبلىق»، «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى»، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى»، «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت»، «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن»... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

1970-يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق رومانى بىلەن مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان.

يەنە مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 1972- يىللىق رومۇلو گاللېگوس Rómulo Gallegos خەلقئارا رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1982-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

گابرىيېل گارسىيا ماركۇزگابرىيېل گارسىيا ماركۇز: «مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە بىرى، ھەرقانداق مۇكاپاتنى رەت قىلىمەن. يەنە بىرى، مەڭگۈ نۇتۇق سۆزلىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن» دېگەن. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسى 10 يىلدىن كېيىن ئۆزگەرگەن.

گارسىيا ماركۇز نوبېل ئەدەبىياتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا چوقۇم نۇتۇق سۆزلىمىسە بولمايتتى. نەتىجىدە «لاتىن ئامېرىكىسى جەمئىيىتى»دە سۆزلىگەن نۇتۇقى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىگە ئايلانغان. نۇتۇق سۆزلەش ــ كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ بۇ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان.

گارسىيا ماركۇز چېچىلىپ ياتقان ياكى ئاللىبۇرۇن ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندا: «بۇ نۇتۇقلىرىمنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك شۆھرەتلىك يازغۇچىغا ئايلانغانلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم» دېگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

پاساھەت چەت ئەل تىل ئەدەبىياتى، ئەدەبىي تەرجىمە بىلوگى 

http://www.pasahet.net/?p=12041

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#