پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى (Université de Paris) فرانسىيە ھۆكۈمىتى قۇرغان خەلقئاراغا داڭلىق ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، ياۋروپادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1253-يىلى
توربېكىتى www.univ-paris13.fr
مەكتەپ ئېچىش ۋاقتى 12-ئەسىرنىڭ بېشىدىن 1970-يىلغىچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴黎大学
ئادرېسى فرانسىيە پارىژ
ئىنگىلىزچە نامى Université de Paris

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىپارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى (Université de Paris) فرانسىيە ھۆكۈمىتى قۇرغان خەلقئاراغا داڭلىق ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، ياۋرۇپادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى.

35 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان پارىژ 13-ئۇنىۋېرسىتېتى (شىمالىي پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پارىژ سوربون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كېلىپ چىققان 13 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. نۆۋەتتە مەكتەپتە دەسلەپكى مائارىپنى ۋە داۋاملىق مائارىپنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بىرىنچى باسقۇچتىن ئۈچىنچى باسقۇچقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 21 مىڭ ئادەمدىن كۆپرەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى بولسا 1100 نەپەر.

مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 21231 نەپەر،چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 3500 نەپەر، (بۇنىڭ ئىچىدە 163 نەپىرى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار).

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى1798-يىلى فرانسىيە ئىنقىلابى پارتىلغان چاغدا، ناپالىيون مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان، «ئېمپىرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ فرانسىيەدىكى باشقا مائارىپ ئورگانلىرىغا قارىتا ھوقۇقنى ئىگەللىۋېلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئاستا-ئاستا نامدا بار، ئەمەلدە يوق قىلىپ قويدى. 19-ئەسىرگە كەلگەندە، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاندىن 19-ئەسىردىكى نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلى سوربون ئىنىستىتۇتى (Sorbonne) بولۇپ، 1261-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن رەسمىي ھالدا «پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى» دېگەن نامنى ئىشلەتكەن. 13 ئەسىرگە كەلگەندە، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نەچچە ئون مىڭغا يەتكەن بولۇپ، كۆپ قىسمى ياۋروپادىكى قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەن. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە پاپا ۋە پادىشاھ بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى پارىژ شەھىرىدىكى بەشىنچى رايونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ بىر ئىلىم-پەن مەركەزلەشكەن رايون. 13-ئەسىردە ئۇنىۋېرسىتېتتا لاتىن يېزىقى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغاچقا، بۇ رايون يەنە «لاتىن رايونى» دەپ ئاتالغان. مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇرۇنقى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتراپىدا بەش نەرسە: مەكتەپ، كىتاپخانا، قەھۋەخانا، كونا كىتاب يايمىسى كۆپ ئىدى. مەدەنىيىتى داڭلىق پارىژ شەھىرى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى بولغاچقىلا نامى كەڭ تارقالغانىدى.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىپارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۆت نەرسە كۆپ. بىرىنچىسى ئوقۇغۇچى سانى كۆپ، ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 300 مىڭغا يېتىدۇ، فرانسىيەدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. ئىككىنچىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆپ، سانى 50 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. ئۈچىنچىدىن ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى كۆپ. تۆتىنچىدىن كۇتۇپخانا كۆپ، ئۇنىۋېرسال كۇتۇپخانىلارمۇ، كەسپىي كۇتۇپخانىلارمۇ بار، ھەتتا مېيىپلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالاھىدە كۇتۇپخانىلارمۇ بار. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇرۇندىنلا ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي نەزەرىيە جەھەتتىكى تەتقىقات بولۇپ، مەسىلەن، ماتىماتىكا، نەزەرىيىۋىي فىزىكا، خىمىيە، مولېكۇلا بىئولوگىيىسى، مېتېئورولوگىيە، قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا قاتارلىقلار. نۆۋەتتە مۇرەككەپ پەن-تېخنىكا بىلەن پەندىن ھالقىغان ۋە پەنلەر ئارا تەتقىقاتنى تەكىتلەۋاتىدۇ، مەسىلەن، يادرو ئېنىرگىيىسى، ئۇچۇر ئىلمى، يەرشارى  فىزىكىسى، ھاياتلىق ئىلمى ۋە ئالەم بوشلىقى قاتارلىق ساھەلەر.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدەرسلىكلەرنىڭ دائىرىسى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە سىياسەت، ئەدەبىيات، تىل، ئىنسانىيەت،بىئولوگىيە ۋە جەمئىيەت پەن-تېخنىكىسى؛ ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىلمى، قانۇنشۇناسلىق، سىياسەت ۋە جەمئىيەت ئىلمى؛ پەن ۋە تېخنىكا ئىلمى؛ داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، پەن-تېنىكا ۋە جەمئىيەت؛ كارخانا ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش، تېلگىراف ئالاقىسى تورى ۋە مۇلازىمىتى، سانائەت قۇرۇلىشى، ماشىنىسازلىق قۇرۇلىشى ۋە ئۇچۇر ئىشلەپچىقىرىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سەھىيە، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت، فىزىكىلىق ئۆلچەش، ماتېرىيال ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، سودا تېخنىكىسى؛ قانۇن كەسپى، تېلگىراف ۋە ئىنتېرنىت قۇرۇلىشى، كومپىيۇتېر ئۇچۇرى قاتارلىقلار بار. پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرى. پارىژ 13-ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1700 ئۈچىنچى باسقۇچ ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە 800 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-تەتقىقاتچى ۋە تەتقىقات خادىملىرى بار بولۇپ، پارىژنىڭ شىمالىي رايونىدىكى مۇھىم بولغان ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى؛ تەتقىقات دائىرىسى ھەممە پەن-تېىنىكا ساھەلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەمدە ئاساسىي تەتقىقات بىلەن نەتىجىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان داڭلىق تەجرىبە ئورنى. مەكتەپنىڭ ئۈچ مەكتەپ رايونىدا 37 تەجرىبىخانىسى بار.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىياۋروپادا مەدەنىيەت گۈللەنگەن مەزگىلدە، گۇمانىزىمچى مائارىپچىلار مەكتەپنىڭ مۇھىت قۇرۇلىشىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەنىدى. ئۇلار گۈزەل مەكتەپ مۇھىتىنى يارىتىش، ياخشى مەكتەپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە بىر ئەۋلاد ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر دەپ قارىدى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى دەل مۇشۇ خىل ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈردى، ئاشۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، ھەيۋەتلىك دەرەخلەر، تەكشى چىملىقلار، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان داڭلىق كىشىلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئويۇلغان ئابىدىلىرى، كۆپ خىل پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي مۇھىت، كەسكىن رىقابەت مۇھىتى، مەكتەپنىڭ تارىخى ۋە قۇرۇلىشنىڭ خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تام سىزمىلار، ھەيكەللەر ئادەمنىڭ روھىنى ئىختىيارسىز ئۇرغىتىدۇ. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى  پارىژ لاتىن رايونىغا جايلاشقان. رايون تەۋەسىدە كىتاپخانىلار ئىنتايىن كۆپ، پەقەت پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غەبىي ئىشىكىدىكى 100 مېتىر دائىرىسى ئىچىدىكى كۇتۇپخانىلا ئوندىن ئاشىدۇ. قەھۋەخانا ۋە مېھمانخانىلارمۇ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلار بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدىكى كىشىلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئۆگەنگەنلىرىگە قانائەت قىلماي، دەرستىن سىرتقى بەس-مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، قەھۋەخانىلار ئۇلارنى مۇۋاپىق بولغان سورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. مېھمانخانىلارنىڭ كۆپ بولىشىنىڭ سەۋەبى، تارىختىن بۇيان فرانسىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بىلىم ئالغىلى كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكىدىن بولۇپ، ھەرخىل دەرىجىدىكى مېھمانخانا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇلىرى مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلى بارلىققا كەلگەن ۋە سودىسى راۋاجلانغان.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياتاق ۋە ئاشخانا يوق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزى سىرتتىن ئۆي تېپىپ تۇرىدۇ، تاماقنىمۇ سىرتتىن يەيدۇ، ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىگە تايىنىپ، پارىژدىكى نەچچە ئون ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا ئېتىبار باھادىكى تاماقلارنى يېگىلى بولىدۇ. سوربوننىڭ يېقىن ئەتراپىدا لۇكسېمبۇرگ باغچىسى بار بولۇپ، بۇمۇ ئوقۇغۇچىلار كۆپ بارىدىغان جايلارنىڭ بىرى. باھار پەسلىدىن تارتىپ كۈز پەسلىگىچە، باغچىدىكى تۆمۈر ئورۇندۇقلاردا ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەشىق قىلدۇرۇش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى، دەرسكە كىرىش ۋە دەرستىن چۈشۈش قۇڭغۇرىقى دېگەنلەر يوق، تەلىم-تەربىيە تۈزۈملىرىمۇ يوق، ھەتتا ئاتالمىش مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، تونۇش سەزگۈسى دېگەنلەرمۇ يوق. دەرسكە كىرىپ ئون مىنۇتقىچە ئوقۇتقۇچى كەلمىسە، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن دەرستىن چۈشىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى بەك بېرىلىپ سۆزلەپ كېتىپ، ۋاقىت ئېشىپ كەتسە، ئوقۇغۇچىلار ئەسكەرتمە بېرىشكە بولىدۇ. كېچىكىش، بالدۇر قايتىش، سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە  ئەركىنلىككە ئىگە.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىھازىرقى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەمەلىيەتتە 13 پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلەشمىسى. 1971-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، 13 پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ 13 ئۇنىۋېرسىتېت «پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى» دېگەن نامنى ئورتاق قوللانسىمۇ، بىراق ھەممىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىدى. ئۇلارنىڭ نومۇرى پەقەت رەت تەرتىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، شان-شۆھرىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

بۇ 13 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەن-تېخنىكا دەرسلىكلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى كۆپ خىللىققا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قارىتا ئەھمىيەت بەرگەن دەرسلىكلىرى ئوخشىمايدۇ. پارىژنىڭ 1-،2-،4-،8-،10-قاتارلىق ئالتە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە جەمئىيەت ئىلمىنى ئاساس، باشقا پەنلەرنى قوشۇمچە تەسىس قىلغان. پارىژ 5-، 6-، 7-، 11-، 12-، 13-قاتارلىق ئالتە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، تېبابەت، قانۇن، ئىقتىساد قاتارلىق پەنلەرنى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 12- ۋە 13- ئۇنىۋېرسىتېتتا تېخنىكا پەنلىرى تەسىس قىلىنمىغان، پارىژ 9-ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش كەسپى ئاساس قىلىنىدۇ.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىيېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولۇپ قالدى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىزچىل دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، قارشى تەرەپكە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈنسېرى كۈچەيتتى. ئۇ جۇڭگوغا نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى پارىژ سوربون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىچىك ئۇقۇتۇش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمە.

ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە دەرسلىكلەر: ئاتوم ئېنىرگىيىسى، ئۇچۇر، يەرشارى فىزىكىسى، تېببىي ئىلىم، قان سۇيۇقلىقى تەتقىقاتى، مولېكولا بىئولوگىيىسى قاتارلىقلار.

ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى: ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى، نەتىجە قەغىزى، ئىنگلىزچە نەتىجىسى، فرانسۇز تىلى نەتىجىسى.

ئىلتىماس قىلىش مەزگىلى: ياز پەسلىدە 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، قىش پەسلىدە 1-ئاينىڭ 15-كۈنى.

 خىراجەت:

ئىلتىماس قىلىش ھەققى: 300 ياۋرۇ.

ياتاق پۇلى: ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ھەر ئايدا 318 مارك، خۇسۇسىي تۇرالغۇنىڭ ھەر بىر كۋادرات مېتىرى ئايلىقى 22 مارك.

ئاممىۋىي قاتناش پۇلى: بىر يىلدا تەخمىنەن 744 مارك.

ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەر: يىللىقى 7000 ياۋرۇ.[0]

Université de Paris

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/45501.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#