ھەق تەلەپ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلارنىڭ روھىي زىينىنى توغرىسىدىكى ئىزاھات

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئ

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلارنىڭ روھىي زىينىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2001-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1161-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويولغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلارنىڭ روھىي زىينىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2001-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于确定民事侵权精神损害赔偿责任若干问题的解释
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
ھۆججەت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ق ئى { 2001} 7-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ق ئى { 2001} 7-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلارنىڭ روھىي زىينىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2001-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1161-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويولىدۇ.

2001-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

ھەق تەلەپ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇرگە ئۇچراش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا، روھىي زىيان تۆلىمى جاۋابكارلىقىنى توغرا بېكىتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سوت ئەمەلىييىتى تەجرىبىلرىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بەردۇق. 

1-ماددا  تەبئىي شەخىسنىڭ تۆۋەندىكى كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.  

1.  ياشاش ھوقۇقى، سالامەتلىك ھوقۇقى، تەن ھوقۇقى

2.  ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام ھوقۇقى، پەخىرى نام ھوقۇقى؛ 

3.  كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى، جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى.  

ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتىگە، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ سىرىغا ياكى باشقا كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە زىيانغا ئۇچىرىغۇچى ھوقۇقىغا دەىلى-تەرۇز قىلغاننى سەۋەب قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە  قوبۇل  قىلىشى كېرەك.  

2-ماددا  قانۇنسىز ھالدا ۋەسىيلەنگۈچىنى ۋەسىيلىكتىن ئايرىۋىتىپ، ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ۋەسىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي زىيانى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە  قوبۇل قىلىش كېرەك. 

3-ماددا  تەبىئىي كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى تۆۋەندىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن روھىي ئازاپقا ئۇچراپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە  قوبۇل قىلىشى كېرەك.  

1) ھاقارەتلەش، تۆھمەت چاپلاش، زىيانغا ئۇچرىتىش، سەتلەشتۈرۈش ياكى ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتىگە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، سۈرىتى، نامى، پەخىرى نامىغا زىيان يەتكۈزسە.   

2) قانۇنسىز ھالدا ئۆلگۈچىنىڭ سىرىنى ئاشكارلىرىغان، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان بولسا ياكى ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتىگە، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ سىرىغا زىيان يەتكۈزسە؛

3) جەسەتتىن، جەسەت سۆڭىكىدىن قانۇنسىز پايدىلانغان ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا ياكى ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتىگە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ باشقا شەكىللەر بىلەن جەسەتكە جەسەت سۆڭىكىگە زىيان يەتكۈزسە؛ 

4-ماددا  كىشىلىك غۇرۇر سىمۋولىغا ئىگە ئالاھىدە بېكىتىلگەن خاتىرە بۇيۇملار، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلىمىشى تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك يوقاپ كەتسە ياكى ۋەيران قىلىنسا، بۇيۇم ئىگىسى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغاننى سەۋەب قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.  

5-ماددا  قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچىرغاننى سەۋەب قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمسى قوبۇل قىلمايدۇ. 

6-ماددا  ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش دەۋاسى داۋامىدا دەۋاگەر روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، دەۋا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شۇ ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش پاكىتى توغرىسىدا روھىي زىياننى  تۆلەپ بېرىشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ. 

7-ماددا  تەبئىي كىشى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتسە ياكى تەبئىي كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن   ئۇنىڭ كىشىلىك غۇرۇرى ياكى جەسىدى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچۇرسا، ئۆلگۈچىنىڭ جۆرىسى، ئاتا-ئانىسى ۋە پەرزەنىتىلىرى خەلق سوت مەھكىمىىسىگە روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ جۆرىسىنى، ئاتا-ئانىسىنى ۋە پەرزەنىتىلىرىنى دەۋاگەر قاتارىغا قويۇش كېرەك؛ جۆرىسى، ئاتا-ئانىسى ۋە پەرزەنىتىلىرى  يوقلارنىڭ يېقىن تۇغقانلرى دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ باشقا يېقىن تۇغقانلىرىنى دەۋاگەر قاتارىغا قويۇش كېرەك.  

8-ماددا  ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىىشى سەۋەبىدىن روھىي زىيان كۆرۈلگەن، لىكىن ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلاردىن، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى روھىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ئادەتتە تەلىپى قوبۇل قىنمايدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەھۋالغا قاراپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنى دەخلى-تەرۇز قىلىشنى توختۇتۇشقا، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە، تەسىرنى تۈگتىشكە، ناماقۇل بولۇپ ئەپۇ  سۇراشقا  بۇيرىسا بولىدۇ.  

ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز  قىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن روھىي زىيان كەلتۈرۈپ،  ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، خەلق  سوت مەھكىمسى  ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىغۇچىنى، دەخلى-تەرۇز قىلىشنى توختىتىش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەسىرنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇپ ئەپۇ سۇراش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرىغاندىن سىرىت، زىيانكەشلىككە  ئۇچىرىغۇچى تەرەپنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنى  مۇناسىپ روھىي زىيان تەسەللىي پۇلى تۈلەپ بېرىشكە بۇيرىسا بولىدۇ.  

9-ماددا  روھىي زىيانغا بېرىلدىغان تەسەللىي پۇلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:: 

(1)  مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، مېيىپلىق تۆلەم ھەققى بېرىلدۇ؛  

(2) ئۆلۈم ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۆلۈم تۆلەم ھەققى  بېرىلدۇ؛

(3) باشقا زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، روھىي تۆلەم پۇلى بېرىلدۇ. . 

10-ماددا  روھىي زىيانغا بېرىلدىغان تۆلەم سوممىسى تۆۋەندىكى ئاممىللارغا ئاساسەن بېكتىلدۇ:

(1) ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسى، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى  بۇنىڭ سىرتىدا؛ 

(2) زىيانكەشلىك  قىلىش ۋاسىتىسى، سورۇنى،  قىلمىش شەكلى قاتارلىق كونكرېت ئەھۋاللار؛ 

(3) ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت؛ 

(4) ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ پايدا ئېلىش ئەھۋالى

(5) ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى؛

(6) ئەرىزنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئوتتۇرچە تۇرمۇش سەۋىيىسى.

قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا مېيىپلىق  تۆلەم پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى قاتارلىقلار توغرسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بولسا، قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىندۇ. 

11-ماددا  زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى زىيانلىق پاكىت ۋە زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىشىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك دەرىجىسىگە قاراپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ روھىي زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقنى يېنىكلىتىشكە ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.

12-ماددا  بۇئىزاھات ئېلان قىلنىپ يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلگەن ئەدلىيە ئىزاھاتنىڭ مەزمۇنى مەزكۇر ئىزاھات بىلەن بىردەك بولمىسا، مەزكۇر ئىزاھات ئۆلچەم قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#