سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى

كلىنىكىدا يۇقىرىقى قورساق قىسمى يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىق، كېكىرىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم ئاشقازان كېسەللىكى بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى كېسەللىك تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، تەكرار قوزغىلىدۇ.
خەنزۇچە نامى 慢性胃炎
كېسەللىك ئورنى ئاشقازان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بىلەن ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشى ۋە چىقىپ كېتىشگە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن تەبىئىي قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئاشقازانغا تەسىر قىلغاندا توقۇلما ئارىلىقى سۇيۇقلۇقىنى قويۇلدۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشى سۇسلاشتۇرۇىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاشقازان توقۇلما شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماي ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى توغرا بولماسلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەك تويۇنۇپ تاماق يېيىش، يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراق ئىچىش، يىرىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىش، دائىم تاماقنى قىزىق ئىستېمال قىلىش، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشكە ئادەتلىنىش، تاماكا چېكىش، تەم تەڭشىگۈچلەرنى بەك كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى تەكرار غىدىقلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قورساق ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش ياكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بوشىشىپ كېتىش بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى تەتۈر يېنىپ ئاشقازانغا چىقىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8.يۇقىرىقى نەپەس يوللىرى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۇقىرىقى نەپەس يوللىرى ياللۇغىدىكى سىرغىتما ماددىلار قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. باشقىلار:

يۈرەك زەئىپلىشىش، جىگەر قېتىشقا ئوخشاش دەرۋازا ۋېنا بېسىمىنى ئاشۇرىدىغان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاشقازاندا ئۇزۇن ۋاقىت قان قىيىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنىڭ نورمالنى ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاشقازان سوزۇلما ياللۇغلىنىشنى كېلىپ چىقىدۇ.

1. يۈزە خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى:

بۇ ئاشقازان تېنىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. لېكىن ئاشقازاننىڭ باشقا ئورۇنلىرىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە قان تولىدۇ. سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بەزىدە چېكىتسىمان قانلىق ۋە شەلۋەرەشلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ياللۇغلۇق كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆپىنچە شىللىق پەردە يۈزە قەۋىتىدە چەكلىنىدۇ، ئاشقازان دىۋارىدىكى بەزلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2. يىگلەش خاراكتېرلىك سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى:

ئاشقازان شىللىق پەردىسى يىگىلەپ نېپىزلەيدۇ، پۈرمىلەر يوقىلىدۇ. شىللىق پەردە ئاستىدىكى قان تومۇرلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى شىللىق پەردە ئاستىدىكى لىمفا ھۈجەيرىسى، پلازما ھۈجەيرىسى ۋە ياللۇغ ھۈجەيرىلىرىگە يامراپ بەز تېنى قۇرۇلىدۇ، دىۋار ھۈجەيرىسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ، ھەتتا يوقىلىدۇ.

كېسەللىك تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، تەكرار قوزغىلىدۇ. كۆپىنچە تاماقتىن كېيىن ئۈستۈنكى قورساق قىسمى كۆپۈپ بىئارام بولىدۇ، ئاغرىيدۇ، كېكىرىپ، ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ، ئۈستۈنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىيدۇ.

كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ قۇسۇققا قان يىپچىلىرى ئارىلىشىپ كېلىدۇ، قىزىيدۇ، چارچايدۇ، يۇقىرى قورساق ساھەسىنى باسقاندا كەڭ دائىرىلىك ئاغرىش بولىدۇ، ئۇرۇقلايدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا ئېنىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.

1. كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. كلىنىكا ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. يۇقىرى قورساق ساھەسى  يېقىمسىزلىنىش، ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىق، كېكىرىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 (1 تالالىق ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش: تالالىق ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە يۈزە خاراكېرلىك سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىدا شىللىق پەردىلىرىگە قان تولىدۇ، سۇلۇق ئىشىشق پەيدا بولىدۇ ياكى شىللىق پەردىلەرگە ئېقىش ياكى كۈل رەڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار چاپلىشىۋېلىپ، شىللىق پەردىلەردە كونىراپ كەتكەن قاناش چېكىتلىرى پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 (2 يىگلەش خاراكتېرلىك سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىدا شىللىق پەردە رەڭگى تاتارغان بولىدۇ ياكى ئاق، قىزىل قۇر ئارىلىغان بولۇپ، تاتارغان رايونلاردا ئويمانلار بولىدۇ. شىللىق پەردە قەۋىتى نېپىزلاپ شىللىق پەردە ئاستىدىكى قان تومۇرلار دەرەخ شاخلىرىدەك بولىدۇ.

 (3 رېنتگېندە تەكشۈرۈش: بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ رېنتگېندە سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە، يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىداشىللىق پەردە سىزىقچىلىرى ئىنچىكىلەيدۇ، ھەتتا يوقىلىدۇ. يۈزە خاراكتېرلىك ئاشقازنا ياللۇغىدا ئاشقازان كاۋىكى چوڭ ئەگمە ياكى كىچىك ئەگمە تەرەپلىرى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ، ئاشقازان شىللىق پەردە پۈرمىلىرى ئازايغان بولىدۇ.

1. ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدىكى ئاغرىق غىزالىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش، تۇتقاقلىق، رىتىملىق ئاغرىش، ئېنىق ئاغرىش نۇقتىسى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. ئاشقازان راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاشقازان راكى 40ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلۈش، قورساقتا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قاتتىق مونەكچە پەيدا بولۇش، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە كەمتۈك سايە كۆرۈنۈش، ئاشقازان ئەينىكىدە چەكلىك دائىرىلىك مونەكچە كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1.خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2.باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3.ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، غىدىقلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇغچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈم، بابۇنە، ئۆشبە، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 7~5 كۈنئىچىشكە بېرىپ ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ئۆشبە، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 15~10كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، بابۇنە، ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن 15~10كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن 5 — 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، غىدىقلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئىتئۈزۈم، كاسىنە ئۇرۇقى، تەمرى ھىندى، قىزىلگۈل 20گرامدىن، خىيارشەنبەر يەتتە گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

كاسىنە يىلتىزى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، بەدىيان 20گرامدىن، قىزىلگۈل گۈلقەنتى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

مەستىكى ئالتە گرام، ئىكلىلمىلىك ئىككى گرام، ئاق لەيلى يىلتىزى، شۇمشا، بابۇنە، سېرىقچېچەك 15گرامدىن، بىنەپشە، مورمەككى 18گرامدىن، سەبرى 12گرام، موقەل، كەتىرا، كۈندۈر، ئەفسەنتىن 64 گرامدىن، توخۇ يېغى، كالا يىلىكى 60گرامدىن، موم 48 گرام ئېلىپ، يېلىم دورىلارنى گۇلابتا ئېزىپ، باشقا دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

گۈل يېغى، مەستىكى يېغى، نارجىل يېغى، سۇمبۇل يېقى قاتارلىق ياغلار بىلەن ئاشقازان ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.

بىنەپشە، قىزىلگۈل، سۇمبۇل، سەئىدى كۇفى 12گرامدىن، مەستىكى ئالتە گرام، شومشا ئۇرۇقى 24گرام، زىغىردىن 30گرام ئېلىپ، سوقۇپ زىغىرنىڭ شىرىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

شۇمشا، سۇمبۇل، زىغىر، مىئەسائىلە، بابۇنە، زاراڭزا مېغىزى، موقەل، ئەفسەنتىن 10گرامدىن، كاللەكسبەسەي سۈيى، توخۇ يېغى، كالىنىڭ پاچاق يىلىكى، كۈنجۈت يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئاشقازان ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئانار سۈيى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن؛ بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن، قۇرسى كەھرىۋا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، قۇرسى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يەرلىك شوخلا، گاۋزىبان، گۈل بىنەپشە، سەرپىستان، چىلاندىن 10گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەگەر ياللۇغ كونىراپ ئۇزۇنغىچە ياخشىلانمىسا، سۇمبۇل، ئىزخىر چېچىكى، سەلىخە، يۇمىلاج زىراۋەندە، قەسبۇزەرىر 10گرامدىن، زەپەر، رۇم بەدىيان، مۇرمەككى، ئاچچىق قۇستە ئۈچ گرامدىن، موقەل، مەستىكى ئالتە گرامدىن، ئوشىندىن 15گرام ئېلىپ، موقەلنى مۇسەللەستە ئېرىتىپ، باشقا دورىلارنىڭ تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ بىر گراملىقتىن قۇرس تەييارلاپ كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن بىر دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يىرىك، يەل پەيدا قىلىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجغا قاراپ مۇۋاپىق بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋا ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، يېمەك-ئىچمەكلەرنى بەك قىزىق ياكى بەك سوغۇق پېتى يېيىشتىن، زىيادە يىرىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، چاينى كۆپرەك ئىچىش، سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ سەيلە قىلىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

كېسەللىككە قارىتا ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان تېشىلىش، ئاشقازان راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=810

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#