- چىلان (خام دورا )
- چىلان (مېۋە)
چىلان
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىلان بولسا خوزور ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق چاتقال ئۆسۈملۈك چىلان دەرەخنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى بۇلۇپ،سوقىچاق ياكى يۇمىلاق شەكىلدە. سىرتى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك، سەل پارقىراق بولىدۇ. تەرتىپسىز قورۇقلىرى بولىدۇ. مېۋىسىنىڭ سىرتقى پوستى نېپىز، مېۋە ئوتتۇرا پوستى قوڭۇر سېرىق ياكى سۇس قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. يۇمشاق، گۆشلۈك، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ.تەمى تاتلىق،9-،10-ئايلاردا بولۇپ مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ.
غەيـرى تەبىئىـي سەپرا خىلىتنى سۈرۈش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، قاننى تازىلاش، ماددىلارنـى سۈرۈپ چىقـىـرىـش، بەدەنـنـى قۇۋۋەتلـەش، كۆكرەكنى تازىـلاش، قىزىتما قايتـۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، بەـلغـەم بوشۇتۇش،قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ماددىلارنى يۇمشۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
1. چىلان 10 گرام، تەمىرى ھىندى، خيارشەنبەر 15 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە دەملەپ ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
2. چىلان ئەفتىمۇن، كاسىنى ئورۇقى، ئۇستى قۇددۇس، چۆبىچىن قاتارلىقلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە مېڭىنى تازىلايدۇ.
3. چىلان، گۈل بىنەپشە، گاۋزىبان، سەرىپستان، ئۈزۈم قاتارلىق دورىلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە قىزىتما ۋە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. چىلان، سەرىسبىل، چۆبىچىن، ھېلىلە كابىلى قاتارلىقلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. چىلاننىڭ ئۆزىنى قاينىتىپ ئىچسە قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ
چـىـلان شەربىتـى، لـوئـوقـى سەرىپىستان، مەتبۇخ گونناپ.
نەزلـىـك زۇكـام، ئۆپـكـە يالـلۇغـى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قىزىتما، ئۇيقۇسىزـلىـق ئاۋازنـىـڭ ئىسسىقتىـن پۈتۈپ قېلىشـى، ئۈچەي جاراھەتلىـرى، بەدەن ئاجـىـزلىـقـى، يۇقـىـرى قـان بېسىم، قىچىشقـاق، مـودورچاقلار، ئۇسسۇزلۇق قاتـارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.