كۈندۈر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۈندۈر دەرىخىنىڭ ئېقىپ چۈشىدىغان يىلىمى
1.غەيرى لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاققان كېسىلىگە بولغان تەسىرى كۈندۈرنىڭ ئاجراتمىسى جىددىي خاراكتېرلىك غەيرى لىمفا ئاققان ھۆجەيرىسىنىڭ ئۆلۈشىنى تېزلىتىدۇ.
2. ياللۇغقا قارشى تەسىرى : ھەرخىل بولسىۋىلىك كىسلاتاسى كۆپلىگەن جىددىى، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلارغا قارىتا ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
3.كۈندۈر يەنە ئاغرىق توخىتىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
1.كۈندۈردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا مەلھەم قىلسا ياللۇغ قايتۇرىدۇ .
2.كۈندۈردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تالقان تەييارلاپ، توغراق سۈيىدە مەلھەم تەييارلاپ باشقا چاپسا باش تەمرەتكە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. كۈندۈردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تالقان تەييارلاپ ئۆردەك مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا كۈيۈك يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4.كۈندۈرنى كۆيدۈرۈپ چىققان ئىسىغا ئىسلانسا كۆز تورلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. كۈندۈردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ، سىركىگە قوشۇپ ئىستىمال قىلسا ئۈچەي مىنە قۇرىتىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. كۈندۈر مۇرمەككى زەپەدىن شامچە تەييارلاپ، مەقەتقە كىرگۈزسە بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بوۋاسىر، ئىسمال قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
قان خىلىتى ۋە بەلغەم خىلىتىغا نىسبەتەن مىقدارى ئىشىپ كەتسە خىلىتلارنىڭ كۆپىيىشىنى پەيدا قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.