لۇئاندا
لۇئاندا ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، مۇھىم سانائەت مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لۇئاندا ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى، مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر بېنگو قولتۇقىنىڭ يېنىغا، كۋانزا دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 934 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) . لۇئاندا شەھىرى 1575-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، شەھەرنىڭ تولۇق نامى «سان پاۋلۇلۇ ئاندا» بولۇپ، قىسقارتىلىپ لۇئاندا دەپ ئاتىلىدۇ.
لۇئاندا ئانگولانىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدا كۆلىمى خېلى چوڭ بولغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ۋە باشقا يېمەك-ئىچمەك، سېمونت، ئاليۇمىن، شېكەر، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. لۇئاندا تەبىئىي پورت بولۇپ، بۇ جاي ئارقىلىق نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، كوفى، تالالىق ئاگاۋى، شېكەر قومۇشى، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۆمۈر يول ئارقىلىق شەرقتىكى مالانژې، دوندو شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەھەرنىڭ يېنىدا خەلقئارا ئايرودرومى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.