ھەر قايسى رايونلاردىكى قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي تۈسكە ئىگە چاربازار سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سودا ئىشىدا ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگۈچى بېدىك(دەللا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لەر پەيدا بولدى. بېدىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى بىۋاسىتە شەكلى(سودىلاشقۇچى B ۋە A تەرەپ) ۋاسىتىلىك شەكىلگە ئۆزگەردى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بېدىك
خەنزۇچە ئىسمى 市侩

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەر قايسى رايونلاردىكى قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي تۈسكە ئىگە چاربازار سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سودا ئىشىدا ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگۈچى بېدىك(دەللا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لەر پەيدا بولدى. بېدىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى بىۋاسىتە شەكلى(سودىلاشقۇچى B ۋە A تەرەپ) ۋاسىتىلىك شەكىلگە ئۆزگەردى. يەنى بېدىكلەر چاربازار سودىسىنىڭ مەخسۇس باشقۇرغۇچىسى ۋە تەشكىللىگۈچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ساتقۇچىلار قولىدىكى تاۋارلارنى كېلشىم باھادا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئىستىمالچىلارغا پۈتۈشكەن باھادا سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، دەسمايە سالماي ئارىلىقتىن «تاپان ھەققى» تاپتى. بۇنداق سودا شەكلى بارغانسېرى ئادەتكە ئايلىنىپ، بازار سودىسىغا كەلگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ساتماقچى بولغان تاۋارلىرىنى ئالدى بىلەن ئاشۇ بېدىكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئاندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بولغان تاۋارلارنى ئاشۇ بېدىكلەرنىڭ قولىدىن ئالىدىغان بولدى.

ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى سودا بازارلىرى تاۋارلارنىڭ تۈرى بويىچە(مەسىلەن، ئوتۇن-ياغاچ بازىرى، ساندۇق بازىرى، كەتمەن بازىرى، پاختا بازىرى، ئشلىق بازىرى، قوي بازىرى، ئېشەك بازىرى، ئات-كالا بازىرى، يىپ بازىرى، خام) ماتا(بازىرى، قۇرۇق مېۋە بازىرى، سەي-كۆكتات بازىرى. . . . . دېگەنلەردەك) مەخسۇس ئورۇنغا جەملەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى بازارنىڭ ئۆزىگە خاس بېدىكلىرى بولغان.

 ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپرەك چارۋا بازىردىكى سودىنى كېلىشتۈرگۈچىلەرنى «بېدىك» دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىسمىمۇ «پالانى بېدىك» ، «پۇستانى بېدىك» دېيىلىپ، بۇ ئاتالغۇ شۇ خىل كىشىلەرنىڭ سۈپىتىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار ناھايىتى تىمەل، سودىدا چېۋەر ھەم سۆزمەن بولۇپ، بازارغا كىرگەن ھەرقانداق چوڭ-كىچىك چارۋا شەرتسىز ھالدا «بېدىك» نىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان. 

بېدىكلەرنىڭ سودىنى باشقۇرۇش ئادىتى ئادەتتە ئىككى خىل شەكىلدە بولاتتى؛ بىرى، مال ئىگىسى(ساتقۇچى) بىلەن «بېدىك» ئوتتۇرىسىدا باھا كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ. مال ئىگىسى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز مېلىنىڭ تەننەرخىگە ئارىلاشمايدۇ، «بېدىك» ئۇ مالغا ئېھتىياجلىق ئىستېمال قىلغۇچى(ئالغۇچى) نى ئىزدەپ، كۆڭلىگە پۈككەن باھاغا كەلتۈرۈپ ساتقاندىن كېيىن، مال ئىگىسى بىلەن تۈزگەن باھا كېلىشىمى بويىچە نەقلەشتۈرۈپ، قالغان پايدىسىنى ئۆزى ئالىدۇ. ئەگەر كېلىشكەن باھادا ساتالمىسا، ساتقۇچى بىلەن يەنە بىر قېتىم كېلىشىپ، باھانى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىدۇ ياكى كېلەر قېتىملىق بازارغىچە سېتىپ قويۇشقا بورۇن(كاپالەت) بولۇپ، مالنى ئۆزى ئېلىپ قالىدۇ. ئىككىنچى خىل شەكىل، مال ئىگىسى بىلەن «بېدىك» باھا كېلىشىمى تۈزمەستىنلا، «بېدىك» ئۇنىڭ مېلىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. مال ئالغۇچىنى تاپقاندىن كېيىن، ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنى تەننەرخ جەھەتتە نەق مەيداندا ئۆزئارا كېلىشتۈرىدۇ. كېلىشتۈرۈش ئۇسۇلى كۆپىنچە «يەڭ سودىسى» ئارقىلىق بولىدۇ. «بېدىك» بىردەم ساتقۇچى بىلەن يەڭ ئىچىدە مالنىڭ باھاسىنى توختىتىدۇ، بىر دەم ئالغۇچى بىلەن يەنە شۇ ئۇسۇلدا تىلسىز كېلىشىدۇ. ئىشقىلىپ بىر ئامال بىلەن بىلەن ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرىدۇ. خەلق ئىچىدە ھەربىر بارماقنىڭ مۇقىملاشقان پۇل قىممىتى بولۇپ، چوڭ-كىچىك بارماقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەلۇم پۇل بىرلىكىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. شۇنداق قىلىپ «يەڭ سودىسى» ئارقىلىق «بېدىك» ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگەندىن كېيىن، ئادەت بويىچە ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچىنڭ ئوڭ قولىنى تۇتۇپ، «ياپىزىم، ھەر ئىككىڭلارغا قۇتاتسۇن! » دەپ، ئۇلارنىڭ ئالىقانلىرىنى يەر(تۇپراق) گە سۈرىدۇ. سودىغا تۇپراقنى گۇۋاھچى قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تۇپراقنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادىنىڭ ئۆرپ-ئادەتتىكى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ بىر قېتىملىق سودا ئاياغلىشىدۇ. «بېدىك» نىڭ ئەجرى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەلۇم نىسبەتتە «شېرىنكانە» بېرىدۇ. بەزى رايونلاردا «بېدىك» نىڭ «سالاچىلىق ھەققى» شۇ مالنىڭ بېكىتىلگەن باھاسىغا قاراپ مەلۇم نىسبەتكە مۇقىملاشمان. چاربازار سودىسىدىكى بۇ ئەنئەنىۋى ئادەت ھازىرغىچە يەرلىك بازارلاردا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#