پاراشۇت

پاراشۇت

پاراشۇت پاراشۇت رەختى، پاراشۇت تانىسى، يېتەكچى پاراشۇت، پاراشۇت قاپلىمىسى، پاراشۇت قېپى ۋە پاراشۇتنى ئېچىش بۆلىكى قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پاراشۇت
خەنزۇچە نامى 降落伞

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاراشۇت18-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ھاۋا شارىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدە سېرك مەيدانلىرىدىكى پاراشۇت ئويۇنلىرى ئاۋىئاتسىيىگە تەرەققىي قىلدى. 1783-يىلى فرانسىيىلىكلەر رەختتىن ئىشلەنگەن پاراشۇت كەشىپ قىلدى. 1911-يىلى رۇسلار قاتلاپ يۈدۈۋالغىلى بولىدىغان پاراشۇت ياسىدى، كىشىلەر يۈدۈپ ئايروپىلاندىن سەكرىسە، پاراشۇت ئېچىلىپ، ئادەم يەرگە چۈشەلەيدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاراشۇت كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئاۋىئاتسىيە سايمىنى بولۇپ قالدى. 

پاراشۇت پاراشۇت رەختى، پاراشۇت تانىسى، يېتەكچى پاراشۇت، پاراشۇت قاپلىمىسى، پاراشۇت قېپى ۋە پاراشۇتنى ئېچىش بۆلىكى قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. پاراشۇت رەختى يېنىك ۋە چىداملىق جىنلۇڭ يىپەكتىن ياسىلىدۇ. پاراشۇت تانىسى نىلون تاسمىدىن ياسىلىدۇ، بىر پاراشۇتتا كېمىدە ئون نەچچە تال، كۆپىدە نەچچە ئون تال تانا بولۇپ، ئۈستى پاراشۇت رەختى بىلەن تۇتىشىدۇ، تۆۋىنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى مېتال ھالقىدا يىغىلىپ، پاراشۇت قېپى ئۈستىدىكى يۈدۈش تاسمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. 

پاراشۇتپاراشۇت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ئېچىلىدۇ: بىر خىلى، تانا تارتىلىپ پاراشۇت ئېچىلىش. سەكرەش ئالدىدا تارتىش تانىسىنىڭ پۇرژىنىلىق ئىلمىكى ئايروپىلان بۆلمىسىدىكى سەكرەش ئارغامچىسىغا ئىلىقلىق تۇرىدۇ. ئادەم سەكرىگەندە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە تانا تارتىلىپ، پاراشۇت قېپى ئېچىلىدۇ، يېتەكچى پاراشۇت پاراشۇت قېپىدىن شۇئان ئېتىلىپ چىقىپ، تېز ئېچىلىدۇ-دە، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ھاسىل بولىدۇ؛ ئاندىن پاراشۇت قاپلىمىسىدىن پاراشۇت رەختى، پاراشۇت تانىسى چىقىپ، چوڭ پاراشۇت پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ. يەنە بىر خىلى، پاراشۇتنى قول بىلەن تارتىپ ئېچىش. پاراشۇتتىن سەكرىگۈچى ئايروپىلاندىن سەكرىگەندىن كېيىن، تارتىش ھالقىسىنى ئۆزى قولى بىلەن تارتىپ، پاراشۇت قېپىنى ئېچىپ، پاراشۇتنى يايىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ مۇنداق بىر خىل شەكلىمۇ بار: پاراشۇت ئاچقۇچ ئارقىلىق پاراشۇتنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئالدىن بېكىتىلىدۇ، سەكرەپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاراشۇت قېپى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ، پاراشۇت يېيىلىدۇ. 

پاراشۇت كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى بوشلۇق تەنھەرىكىتى ۋە پاراشۇتچى قىسىملارغا ئىشلەتكەندىن سىرت، ئۇچقۇلاردا خەتەرگە يولۇققان خادىملارنى قۇتۇلدۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايروپىلان يەرگە قونۇشتا تورمۇز ئورنىدا ئىشلىتىش ھەم ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھلارنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، قاناتسىمان پاراشۇت(پارافوبىل) بارلىققا كەلدى. مۇنداق پاراشۇتنى ئىشلەتكەندە، چۈشۈش جەريانىدا ئۇچۇش، شۇڭغۇش يۆنىلىشى، تەڭپۇڭلۇق، بۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى تەڭشەپ، دەل چۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#