توغراغاز يېزىسى
توغراغاز يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توغراغاز يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يېزىنىڭ شىمال تەرىپى شىۋول يېزىسى ۋە سىيەك يېزىسى نىڭ شىمالى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا لەڭگەر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە سىيەك يېزىسى، پەيشەنبە بازار بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىۋول يېزىسى بىلەن قوشنا. يەر شەكلى خۇددى ئۈچ بۇلۇڭغا ئوخشايدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 132.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1453 مېتىر كېلىدۇ.
توغراغاز يېزىسىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق ھەم قۇرغاق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7- ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ.
1938-يىلى كېرىيە ناھىيەلىك 2-رايون دەپ ئاتالغان؛
1943-يىلى كەتىرا يېزىسى دەپ ئاتالغان؛
1951-يىلى كېرىيە ناھىيەلىك 5-رايون دەپ ئاتالغان؛
1959-يىلى خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ، قىزىلبايراق گۇڭشېسىغا تەۋە بولغان؛
1982-يىلى نامى پەيشەنبە بازار گۇڭشې قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن؛
1984-يىلى توغراغاز يېزىسى قىلىپ قۇرۇلغان؛[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.