مۇنىسە رىزايېۋا
ئۆزبېكىستان لىق زامانىۋىي ناخشا چولپىنى مۇنىسە رىزايېۋا 1986-يىلى 21- ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشكەنت شەھىرى دە تۇغۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۇنىسە رىزايېۋا 1986-يىلى 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشكەنت شەھىرى دە تۇغۇلغان. ئاتا ئانىسىنىڭ خىزمەت سەۋەبى بىلەن مۇنىسە بەش ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئەنگىلىيىدە ياشايدۇ. شۇنداقلا مائارىپ تەربىيىسىنى ھەم ئەنگىلىيەدە تاماملايدۇ. ئالىي مەكتەپنى ئەنگىلىيىنىڭ ۋوكال ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ.
مۇنىسە رىزايېۋا 6 ياش ۋاقتىدا سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويىدۇ. مۇنىسە ئەنگىلىيەدىن ئۆزبېكىستانغا قايتقان ۋاقتىدا، «تاماششا» بالىلار ناخشا فېستىۋالىغا قاتنىشىدۇ. 2002-يىلى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بويىچە تاشكەنتكە كۆچۈپ كېلىدۇ، شۇنداقلا كېيىنچە «تەرانە- 2004» سىتۇدىيەسىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۆزبېكچە ناخشىسى «نېگە- نېگە» نى ئوقۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلىدىن باشلاپ 2004-يىلىغىچە ئۇدا «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» ناخشا مۇزىكا كۆرىكىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
مۇنىسە رىزايېۋا شۇنچە يىللاردىن بۇيان ياۋروپاچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىلەن نۇرغۇنلىغان تاماششىبىنلارنى ئۆزىگە رام قىلىپ كەلگەن.
مۇنىسە ھازىرغا قەدەر 40 غا يېقىن ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ناخشىلارنى ئېيتىپ ئۆز مەستانىلىرىگە سوۋغا قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇندىن باشقا يەنە مۇنىسەنىڭ ئاكتىيورلۇق جەھەتتىمۇ قابىلىيىتى بولۇپ «نەپس» قاتارلىق بىر قانچە فىلىمدە باش رول ئېلىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.