- نېلۇپەر ()
- نېلۇپەر (خام دورا)
نېلۇپەر
نېلۇپەر ياتما نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ يەر ئاستى غولى كۆلدىكى پاتقاقتا توغرىسىغا ئۆسىدۇ، ئۇ نېلۇپەر قامچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. نېلۇپەر قامچىسىنىڭ ئۇچىدىكى بىرقانچە بوغۇمى ياز ۋە كۈز پەسلى ئارىلىقىدا كۆل تېگىدىكى لاي-توپىنىڭ چوڭقۇر يېرىگىچە ئۆسۈپ كىرىپ، تەدرىجىي كۆپۈپ يوغىناپ رۇت (toor) قا(نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ يوغىناپ ئۆسكەن قىسمىغا) ئايلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نېلۇپەر جۇڭگودا ئاز دېگەندىمۇ 3000 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر ياڭ ۋەنلى شېئىر ئوقۇپ ئۇنى مۇنداق ماختىغان:
مەنزىرىسى شىخۇ كۆلىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا،
ئوخشىمايدۇ تۆت پەسىلنىڭ ھېچقايسىسىغا.
بۈك-باراقسان يوپۇرماقلار خۇددى زۇمرەتتەك،
ئەقلىڭ لالدۇر شەپەق كەبى چاقنىشىغا.
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، قەمەرىيە(دېھقانلار كالېندارى) بويىچە ئىيۇننىڭ 24-كۈنى نېلۇپەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. شۇڭا، قەدىمكىلەر نېلۇپەرنى يەنە «ئىيۇندىكى گۈل ئىلاھى» دەپمۇ ئاتاشقان.
نېلۇپەر ياتما نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ يەر ئاستى غولى كۆلدىكى پاتقاقتا توغرىسىغا ئۆسىدۇ، ئۇ نېلۇپەر قامچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. نېلۇپەر قامچىسىنىڭ ئۇچىدىكى بىرقانچە بوغۇمى ياز ۋە كۈز پەسلى ئارىلىقىدا كۆل تېگىدىكى لاي-توپىنىڭ چوڭقۇر يېرىگىچە ئۆسۈپ كىرىپ، تەدرىجىي كۆپۈپ يوغىناپ رۇت (toor) قا(نېلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ يوغىناپ ئۆسكەن قىسمىغا) ئايلىنىدۇ. نېلۇپەر قامچىسىنىڭ بوغۇملىرىدىن چاچما يىلتىزلار چىقىپ كۆل تېگىگە يىلتىز تارتىدۇ؛ بىخلىنىپ سۇ يۈزىگە تىك ئۆسىدىغان يوپۇرماق ۋە گۈل شاخلىرىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن.
رۇت
رۇت (يەر ئاستى غولىنىڭ يوغىناپ ئۆسكەن قىسمى) مۇ بىرقەدەر يوغان بولىدۇ؛ بەزى سورتلىرىنىڭ نەچچە قەۋەت گۈل يېپىنچىلىرى بولۇپ، قات بەرگلىك سورت دېيىلىدۇ. بۇلار مېۋىلىيەلمەيدۇ، رۇتمۇ ئىنچىكە ھەم كىچىك بولىدۇ، يېيىشكە بولمايدۇ.
رۇتنى سۇندۇرغاندا دائىم يىپچىلىرى ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا «مۇناسىۋىتى ئۈزۈلسىمۇ رىشتىسى ئۈزۈلمەس» دېگەن تەمسىل بار. ئەمەلىيەتتە، بۇلار رۇتنىڭ يوغىنىغان جايىدىكى تاسمىسىمان بۇرما شەكىللىك ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلىرى ۋە نەيچىسىمان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىككىلەمچى پوستىنىڭ تارتىلىپ چىققانلىقىدىن بولىدۇ.
نېلۇپەرنىڭ ئۇرۇقى يوغىناپ چىققان گۈل تېگىگە جايلىشىدۇ. بىرلەشتۈرۈپ «نېلۇپەر چىنىسى» دېيىلىدۇ.
نېلۇپەر ئۇرۇقى
نېلۇپەر ئۇرۇقىنى قاتتىق شاكىلى قوغداپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە نەچچە يۈز يىل كۆمۈلۈپ تۇرسىمۇ بۇزۇلمايدۇ. 1952-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجىن ناھىيىسىدىن يېشى1000 يىلدىن ئاشقان بىر تۈركۈم قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقلىرى قېزىۋېلىنغان. ئۆستۈرۈپ كۆرگەندە %96 نېلۇپەر ئۇرۇقى بىخلانغان. بۇلار دۇنيادىكى ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇقلار ھېسابلىنىدۇ. .
سۇڭ دەۋرىدىكى يېڭى كۇڭزىچىلىق نەزەرىيىچىسى جۇ دۇنيى ئۆزىنىڭ «نېلۇپەرگە مۇھەببەت» دېگەن ئەسىرىدە:
«پاكىز ئۇ لاي ئىچىدە لاي يۇقمىغان،
دولقۇندەك جىمىرلايدۇيۇ ئەمەس شەيتان»
دەپ يازغان. شۇڭا، دۆلىتمىز خەلقى نېلۇپەرنى قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىنى سۆيۈپ پاك تۇتۇش ۋە ئالىيجاناب پەزىلەتنىڭ سىمۋولى قىلىپ كەلگەن.
نېلۇپەرنىڭ تاشقى مورفولوگىيىسى قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزى ئىپتىدائىي ئالامەت(بەلگە) لىرىنى ساقلاپ قالغان، شۇڭا بوتانىكلار تەرىپىدىن «تىرىك تاش قالدۇق» دەپ ئاتالغان
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.