تۆت چوڭ ماددا

تۆت چوڭ ماددا

ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا مىزاج، خىلىت، ئەزا، روھ، قۇۋۋەت قاتارلىق 10 نەچچە تەلىماتنى ياراتقان.

ئۇيغۇرچە  نامى تۆت ماددا
ئېنگىلىزچە نامى Four Elements
خەنزۇچە نامى 四大物质

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق

تۆت چوڭ ماددا ئوخشىمىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت - قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا- ھۆل ئىسسىق؛ سۇ- ھۆل سوغۇق؛ تۇپراق- قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. ئۇلار جىسىم، كەيپىيات، خۇسۇسىيەت جەھەتتىن بىر - بىرىگە قارىمۇ قاشى زىت بولسىمۇ ئەمما بىر - بىرنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار كائىناتتا ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تۆت كەيپىياتنىڭ قارىمۇ - قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ. مىزاجلار چوڭ جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇقسوغۇق مىزاجلارغا بۆلۈنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

 تۆت ماددىلىق ساددا ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراشنى ئادەم بەدەن تۈزۈلمىسىنى ۋە بۇ تۈزۈلمىدىكى ھاياتلىق پائالىيەتتىن تارتىپ تاكى ئىستېمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە دورا - دەرمەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۆت ماددىلىق دۇنيا قاراشنى تېخىمۇ ونكرېتلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭمەزمۇنىنى بېيىتتى ۋە تېبابىتىمىزنى ئىلمىي باسقۇچقا كۆتۈرۈپ تېبابىتىمىزنىڭ تۆتىنچى باسقۇچ − ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمى باسقۇچىنىڭ تارىخىنى باشلىۋەتتى ھەمدە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئەنئەنىۋى تېبابەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدۇردى.

يىپەك يولىدا ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى شەكىللىنىشتىن ئىلگىر، مەركىزى ئاسىيەتېبابەتچىلىكى جەسەت يېرىپ كۆرۈش، جەسەت مومىيالاش، تېڭىقچىلىق، سامساق، ھاراق، ئاچچىق تاش دېزىفىكسىيىسى، باش سۆڭىكىنى ئېچىپ خالتىلىق قۇرت ئېلىش، كۆز ئوپېرايسىيىسى، ئىلغا، قان ئېلىش، تېرە كېسەللىكلىرىنىداۋالاش، ھەرخىل گىياھلىق، پارلاندۇرلغان، قىياملىق، زەھەرلىك دورىلار ئىشلەش، گۇڭگۇرت تىزابى، بروم تىزابى چىقىرىش، چېچەك، كېزىك، كۆزگە پەردە چۈشۈرۈش، ئاشقازان ياللۇغى، قان تولغاق، زوكام ، جاراھەتلىنىش، داغ چۈشۈرۈش، قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋاشتا زور نەتىجە قازانغان. 633- يىلى چىمەتقۇلى تاڭ گاۋزوڭ (لى شىمىن) نى دەۋۋار كېسىلىدىن داۋالاپ ساقايتقان. 1400- 1000 يىللىق تارىخقا ئىگگ بولغان «تۇرپان تېكىستلىرى» دېگەن رىسالىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئائىت 198 پارچە رېتسىپ خاتىرىلەنگەن. «تۈركى تىللا دىۋانى» دا بىر قاتار كېسەللىكلەر، دورا ماتېرىياللىرى ۋە تېبابەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نامى كۆرسىتىلىشىتىن باشقا تېببىي مەزمۇندىكى ئەقلىيە سۆز ۋە نەزمىلەردىن پارچىلار بېرىلگەن.

مىلادىدىن ئىلگىرى يېزىلغان «ئەۋلىيە تېرىقچى نامىغا يېزىلغان شىاپالىق گىياھلار» نامىلىق كىتابتا مەركىزىي ئاسىيا دورىلىرى ھەققىدە توختالغان.

سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋىرىدە «غەربىي يۇرت ھۆكۈمالىرىنىڭ رېتسېپلىرى»، «غەربىي يۇرت مەشھۇر تېۋىپلىرىنىڭ تۆت جىلدىلىق مەخپىي رىتسىپلىرى»، سۇڭ سىماۋ يازغان «بىباھا دورا نۇسخىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە مەركىزى ئاسىيانىىڭ تۆت چوڭ ماددا (تۆت تادو) ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك پەلسەپەسى ۋە شىپاگەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان، ئېيتىش كېرەككى، بۇنداق «تۆت چوڭ ماددا» (توت تادو) ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك ئەنئەنىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7- ، 8- ئەسىرلەردە قارا دېڭىز ساھىلىدا ھەرىكەتلەنگەن مەركىزىي ئاسىيالىق سىكىتايلار(ساك، سىكىف) ئارقىلىق قەدىمقى يۇنان(گرېتسىيە) تېبابەتچىلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ھىپۇڭراتنىڭ«تۆت فزىس» قارىشى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن.

ھەر قانداق بىر ئىلىم بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، تەدرىجىي تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈرگىنىگە ئوخشاش«تۆت چوڭ ماددا» (تۆت تادو) تەلىمەتىمۇ بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ تاكى 9- ، 10- ئەسىرىلەرگە قەدەر خېلى زور دەرىجىدە سىستېمىلىشىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشتى. ئەمما تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتە ئىلمىي بولغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تولۇق تاماملاندى. ئەمما ئوتتۇرا ئەسىر تېبابەتچىلىك تارىخىدا يېڭى - يېڭى تېببىي ئالىملار مەيدانغا كېلىپ كۆپ قېتىملىق سىناق، تەقرىبىلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، داۋالاش تەدبىرلىرى تېپىپ چىقىلدى. شۇ قاتاردا ئەلى پارابى، ئىبنىسىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىتەك يىتۈك زاتلار تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش جەريانىدا ئىزچىل ھالدا كېسەللىكلەر ھەققىدە ئىزدىنىش بىلەن بىرگە «تۆت چوڭ مااد» (تۆت تادو) تالىماتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىلمىي بولغان بىر قاتار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

دېمەڭ يولى تەپەككۇر گۈلزارلىقىدىكى ئۇلۇغ باغۋەن، جاھان پەلسەپە تارىخىدا ئارستوتېلدىن كېيىنكى 

«ئىككىنچى ئۇستاز» ، «ئوتتۇرا ئەسىر ئارستوتېلى» نامى بىلەن ئاتالغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر قارلۇق ئىلمى مەشھۇر پەيلاسوپ، تىلشۇناس، ماتېماتىك ۋە تېۋىپ ئەبۇناسىرى پارابى(870- 950- يىللار) نەزەىيىۋى تېبابەتچىلىكنى يېڭى ئۇل بىلەن تەمىنلەپ، «تۆت چوڭ ماددا» (تۆت تادو) ھايات ۋە مۇھىت، جىسىم ۋە روھ، تاشقى ۋە ئىچىكى سېزىش ھەم تەپەككۇر ئەزالىرى ئۈستىدە ناۋۋرال پەلسەپىلىك قاىدىلەرنى قويۇشتىن تاشقىرى، ئادەم ئاناتومىيسى، گالبىن تېبابەتچىلىكى قاتارلىقلار ئۈستىدە خاس ئەسەر ياكى سەھپىلەر بازدى. ۇ تېبابەتچىلىك ھەققىدە «نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي تېبابەت» قاتارلىق ئالتە پەرچە مۇھىم ئەسەر يازغان.

پارابى ئارستوتېل پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيە«تۆت ماددا» (تۆت تادو) قارىشىنىڭ كۈچلۈك ئەنئەنىۋى تەسىرىدە ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسىگە ئاساس سالدى. ئۇ ئارسوتېلنىڭ«تۆت چوڭ ماددا» توغرىسىدىكى رەسمىي پەلسەپىۋى بايانلىرىنى ئۆزگەرتىپ قوبۇل قىلىپ ئۇنى راۋاجلاندۇردى. ئارستوتېل ئالدى بىلەن تۆت ئاساسىي سۈپەت خۇسۇسىيەت: ئىسسىق، سوغۇق ۋە ھۆل، قۇرۇقلۇقنى«بىرىنچى سۈپەت» دەپ ككرسىتىش بىلەن، ئۇلارنى ئىككى قارىمۇقارىش گۇرۇپپىغا، ئىسسىق سوغۇق گۇرۇپپىسى ۋە ھۆل - قۇرۇق گۇرۇپپىسىغا ئاجرىتىپ، بۇ ئىككى ئاساس سۈپەتلىك خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مىقداردىكى قوشۇلمىسىدىن تۆت ماددا شەكىللىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ئارستوتېلنىڭ قارىشىچە، ئىسسىق ۋە قۇرغاقلىقتىن ئوت ھاسىل بولسا، ئىسسىق ۋە ھۆللۈكتىن ھاۋا ھاسىل بولاتتى. سوغۇق ۋە ھۆللۈكتىن سۇ ھاسىل بولسا. سوغۇق ۋە قۇرغاقلىقتىن تۇپراق ھاسىل بولاتتى. پارابى بىر ئۆمۈر ئارستوتېل ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ ئارستوتېل ئەسەرلىرىگە شەھىي يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىلغار كۆز قاراشلىرىنى قوبول قىلغان ھەم ئۆزلەشتۈرگەن.

پارابىنىڭ تۆت چوڭ ماددا ھەققىدىكى تەلىماتى ئۇنىڭ پۈتۈن ناتۇرال پانېتىزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىسىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.

پارابى بۇنىڭدىن 10 ئەسىر بۇرۇن يازغان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تىرىك ئورگانىزىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تەسىرى توغرىسىدا ئادەم بەدىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، مېڭە، نېرۋا، يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى «كالا دەربايان ئەزا» (ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى، خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تېببىي ئەسەر)، «مەنانى ئەقىل» (ئەقىل ئىدراك ۋە ئۇنىڭ تاكامۇللىنىشى توغرىسىكى تېببىي ئەسەر)، «روھ ۋە جان توغرىسىدا»، «ساراڭلىق ھەققىدە»، «ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھەققىدە»، «تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقلۇق ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرىدە ناھايىتى ئىلمىي بولغان بىر يۈرۈش قاراشلىرىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان.

ئەبۇناسىرى پارابى، تېۋىپلارنىڭ ئەخلاقى، پەزىلىتى، كېسەلگە قانداق يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «تېۋىپ ئۆگىنىشنى ئىرادە قىلغانلار ئەخلاقى ياخشى، ئۆزى ياش، قابىل، زېھنى ئۆتكۈر، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان، مىجەزى خۇشخۇي، مۇلايىم، ئەدەپلىك ۋە راستچىل، سەمىمىي بولۇشى، كېرەك. كىشىلەرگە كۆيۈنميدىغان، كېسەللەرنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان، يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىلەن خەلقلەرنى ئالدايدىغان يامان ئىشلاردىن، پەس ئارزۇ - ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇشى، پۈتۈن زېھنىنى بىلىمگە بېغىشلىشى لازىم. چۈنكى ئىلىم ئەھلى ئىلىمدىن باشقىنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ. مۇنداق پەزىلەتلەر بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان تېۋىپتۇر. بۇلارنى ھەرگىزمۇ ھۆكۈما دېگىلى بولماس» دېگەن.

ئاتاقلىق پەيلاسوپ، ئىنسىكلوپىدىست، مەشھۇر تېۋىپ ئەبۇ ئەلى ئىبنىسىنا(مىلادىيە980 -1037 - يىلار) پارابى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە پەلسەپە، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيىدە ئۆزىگە خاس كاتتا تۆھپىلەرنى قوشۇپ، يىپەك يولى تېبابەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ«ئەششىفا»، «دانىشنامە»، «ئەلقانۇن فىت تىب»، «تېببىي داستان» قاتارلىق ئەسەرلىرى خۇددى نۇر چىچىپ تۇغان ئالتۇن يۇلتۇزدەك بىر قانچە ئسىرلەرگىچە شەرق ۋە غەرب تېبابەتچىلىك قوللانمىسى ۋە دەرسلىكىقىلىندى.

ئىبنىسنا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى«تۆت تادو» (تۆت چوڭ ماددا) قارىشىغا ۋارىسلىق قىلدى.ئۇ «ئەلقانۇن فىت تىب» دا: «تەبىئىي ئۇنسۇرلار تۆت، ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئارتۇق ئەمەسلىكىگە تەبىئەت ئالىملىرى ئىشەنسۇن، ئۇلارنىڭ ئىككىسى يەڭگىل، ئىككىسى ئېغىر، يەڭگىلى ئوت بىلەن ھاۋابولۇپ، ئېغىر سۇ بىلەن تۇپراقتۇر. تۇپراق ئاددىي جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىي ئورنى ھەممە جىسىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر... تۇپراقنىڭ تەبىئىيىتى تۇرۇق ۋە سوغۇقتۇر... سۇ سوغۇق ۋە ھۆلدۇر... ھاۋانىڭ تەبىئىيىتى ئىسسىق ۋە ھۆل، ئوت مۇتلەق يەڭگىل ... ئۇنىڭ تەبىئىيتى ئىسسىق ۋە قۇرۇق» دەپ يازغان.

ئىبنىسىنا تۆت چوڭ ماددا يوقالمايدۇ، بىرى - بىرىگە ئۆزگەرمەيدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ شەكىللىرى ئۆزگىرىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئىبنىسىنا ئەلەمنى سۇ، ئوت، تۇپراق ۋە ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ماددىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ھاسىل بولغان، ئادەم ھاياتى خاراكتېرى بىر - بىرىگە زىت بولغان ۋە بىر - بىرىدىن تەقەززا قىلىدىغان تۆت خىل ھاياتىي ھماددىنىڭ - تۆت خىلىتىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تايىنىدۇ، دەپ تەرەيدۇ. ئىبنىسىناچە سۇ ھۆل سوغۇقلۇقنى، تۇپراق قۇرۇق سوغۇقلۇقنى، ھاۋا ھۆل ئىسسىقلىقنى، ئوت قۇرۇق ئىسسىقلىقنى ئۆزىگە تۇپ ئالامەت قىلغان. ئۇ جۈملىسىدە ھىپۇكرات، ئارستوتېل ۋە فارابىگە ۋارسلىق قىلىپ«تۇپراق» −− زېمىن مەركەزلىك كۆز قارىشىدا چىڭ تۇردى. ئىبنسىنانىڭ كۆز قارىشىچە، تۇپراق ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئورنى جەھەتتىن ھەممە جىسىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. تەبىئىي خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن سوغۇق ۋە قۇرۇق بولىدۇ. سۇ بىلەن ھاۋا تۇپراقنى قورشاپ تۇرىدۇ. سۇ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن سوغۇق ۋە ھۆل بولىدۇ، ھاۋانىڭ تەبئەتتىكى ئورنى ئوتنىڭ ئاستى، سۇنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئىسسىق ۋە ھۆل بولىدۇ. ئۇتنىڭ تەبىئەتتىكى ئورنى باشقا ماددىلارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئىسسىق ۋە قۇرۇق بولىدۇ. ھاۋا بىلەن ئوت ئادەم بەدىنىنى دەسلەپكى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان نەپەسنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئىنساندىكى روھىي(پسخىك) پائالىيەتكە ياردەم بېرىدۇ.

ئىبنىسىنا تېبابەتچىلىك مەسىلىلىرىنى ناتۇرال پانىتېزملىق تەبىئەت پەلسەپىسى ئاساسىدا ھەل قىلىپ ئىنساننى پۈتۈن ئالەمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە پۈتۈن تەبىئەتنىڭ تاشقىي مۇھىتى بىلەن دائىمىي مۇناسىۋەتتە قاراپ، ساغلاملىق ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ئىككى قارىمۇقارشى تەرەپنى ئادەم ھاياتىنغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى، بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك سەۋەبلەرنىڭ كونكرېت كىشىدىكى 

كونكرېت ئاقىۋىتى سۈپىتىدە چۈشەندۈردى. ئۇ ماددىي سەۋەبلەرنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ سالامەتلىك ۋە كېسەللىكنى تۆت چوڭ ماددا ئاساسىدا ئىزاھلىدى. ئىبنىسىناچە تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە تەسىرى قىلىشىدىن تۆت خىلىت −− قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدا ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىلىتلار داۋاملىق ماددا ئالمىشىشى بىلەن ئالمىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. خىلىتلارنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ياكى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئىبنىسىنا تۆت چوڭ ماددا ئاساسىدا خىلىتلار فىزىئولوگىيىسى كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ كونكرېت جىسمانىي ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، تۆت چوڭ ماددىدىن ھاسىل بولغان تۆت خىلىتنىڭ ھەربىر كونكرېت ئادەمدىكى نورماللىق تەڭپۇڭ نۇقتىسى بىر خىل بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئادەملەر كونكرېت خىلىت تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتىن تۆت خىل مىزاجغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار سەرا، سەۋدا، بەلغەم، خۇندىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. ئۇ«ھايات ئىسسىقلىق بىلەن ئۆسۈش ھۆللۈك بىلەن بولىدۇ»، «ھاياتى قۇۋۋەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى يۈرۈك؛ سەزگۈ ۋە ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى مېڭە؛ ئوزۇقلاندۇرۇش قۇۋۋەتنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى جىگەر» دەپ قاراپ، بۇ ئۈچ مۇھىم ئەزانىڭ شەخسنىڭ ھاياتنى نورمال تۇتۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىبنىسىنا«ئەلقانۇن» دا بىلىش نەزەرىيىسى ۋە سەۋەبىيەت نەزەرىيىسىگە ئاساسەن كېسەللەرنى بايقاپ كۆزىتىش، كېسەلدە ئىپادىلەنگەن مىزاج خۇسۇسىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، شۇ ئاساستا كېسەلگە ھۆكۈم قىلىش، كېسەلنى داۋالاش ۋە كۈتۈش قاتارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىك مەسىلىلىرىنى بايان قىلىپ، ئكز ئەسىرىدە تەبىئەت پەلسەپىسى نۇقتىئىنەزىرىدىن فىزىئولوگىيە، پسىخولوگىيە ۋە نېرۋاتەلىماتى مەسىلىلىرىنى ئىزاھلىغان. ئۇ ئادەم ئورگانىزمدىكى«قۇۋۋەت»، «پائالىيەت»، «تەسىر» ۋە نېرۋا ئىقتىدارى («نەپسانى قۇۋۋەت») باش مېڭە ۋە نېرۋىلار تەرىپىدىن ئورۇندىلىدىغان، ئىدراك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئىقتىدار ھېسابلانغان. ئۇ نېرۋا ھۈجەيرىسى توغرىسىدا مىكروسكوپ ئىختىراسىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ياخشى ئىزاھات بەرگەن. «ئەلقانۇن» دا: «نېرۋىلار مېڭە ۋە ئارقا مېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان 

ئاق مەيىن جىسىملا بولۇپ، ئەۋرىشىمدۇر. ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئاجرىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس، نېرۋىلار سېزىش ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل بولۇشىنى تەمىنلەيدۇ» دەپ مۇھاكىمە قىلغان.

ئىبنىسىنا«كىتابۇششىفا» نىڭ 6- جىلىدىدا ئادەم جەسىتىنى يېرىپ ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى يازغان. ئۇ كېسەل تەكشۈرۈشتە ئائىت تومۇر تۇتۇش، مېڭە پائالىيىتىنى كۆزىتىش، شېكەر كېسىلىنى ئېنىقلاش، نەپەس تەكشۈرۈش، نىجاسەت تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بايان قىلغان ھەمدە لوئى پاستىر (1822-1895) دىن سەككىز ئەسىر ئىلگىرى ئۆپكە سىلى، خولېرا، كېزىك، قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇششاق جاراسىملار(مىكروبلا) تۈپەيلى پەيدا بولىدىغانلىقنى قىياس قىلغان.

ئىبنىسىنانىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى بىلەن تېبابەتچىلىك تەلىماتى يىپەك يولى ئۇيغۇر پەلسەپە ئىدىيىلىرى ۋە تېبابەتچىلىك ئەنئەنىلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تۆت چوڭ ماددا تەلىمەتى ئۇيغۇر ۋە پارابى ئالەم تۈزۈلمىسى قاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولسا، ئۇنىڭ تومۇر تۇتۇش جەھەتتىكىبىر قاتار تەلىماتلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيگەن. ئۇنىڭ «ئەلقانۇن» ، «دانىشنەمە» ، «ئەششىفا» قاتارلىق ئەسەرىرى ئۇيغۇر ئۆلىما، ھېكىملىرى ئارسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

ئىبنىسىنا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە ئەسىرداش ھۆكۈما تېۋىپلارنىڭ تېببىي دورىگەرلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ،يەكەنلەپ، ھەربىر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى، تەرەققىيات جەريانى، ئاقىۋىتى، دورا ئەشىايلىرىنىڭ خاراكتېرى، ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى ئۆزىمۇستەقىل تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ خۇلاسىلەپ، ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ كاز قاراشلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبە نەتىجىلىرىبىلەن تولۇقلاپ، تېببىي ئاساسىي پەنلەر، ھەرقايسى كلىنىك پەنلەر، دورىگەرلىك، ئوزۇقشۇناسلىق، ھىپىزى سىھھەت ۋە باشقا ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ پەقەت بېببىي ساھەدىلا «ىتابوششىفا»، «ئەلقانۇن فىت تىب» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك ئىلىمىنىڭ نەزەرىيىۋى ۋە كلىنىك داۋالاش جەھەتلەردە يەنە بىر قەدەر 

ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان.

ئەلقانۇننىڭ يېزىلىپ چىقىشى دۇنيا مېدىتسىنا پېنىنىڭ يېڭى تەرەققىيات دەۋرىنى ئاچقان. بۇ كىتاب لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ 30~40 قېتىمدىن كۆپ قايتا بېسىلغان. ئۇ .21 ~18 - ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدە مېدىتسىنانىڭ مۇقەددەس كىتابىبولۇپلاقلماي، بەلكى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئاساسىي دەرسلىكلىرىدىن بولغان. ئۇنىڭ تەلىماتى ھازىرقى ياۋروپا مېدىتسىنانىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ، يول ئېچىپ بەرگەن.

كېيىن ئىماددۇرىن قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار دەۋرىدىكى تېبابەتچىلىك ئاسمىنى جىلۋىلەندۈرگەن. يەنى قاراخانىلار دەۋرىدە ئكتكەن مەشھۇر تېبابەتشۇناس، تېۋىپ ۋە مۇددەرىس ئىممادىدىن قەشىرى ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانۇن»، «شەرھى شىپا»ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىبنىسىنانىڭ «ئەلقانۇن» دېگەن كىتابىغا ئىزاھ بەرگەن ھەمدە ئىبنىسىنا قاراشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىي شەكلىدە راۋاجلاندۇرۇپ ۋە بېيىتىپ، ئىبىنىسانىڭ تەلىماتلىرىنى شەرققە تارقىتىش، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى، ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھۆھپە قوشقان.

شۇ زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر تېۋىپ مۇھەممەت ئېلى مۇھەممەت ئىمىن يەركەندى «زىيائۇل قۇلۇپ» (جەلب نۇرلىرى) ناملىق تېبابەتچىلىك كىتابىنى يېزىپ چىققان. مەزكۇر كىتابتا ئىبنىسىنانىڭ «ئەلقانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرى قەشقەردىكى ئۆز زامانىسىنىڭ ئالىي ئوقۇش يۇرتى بولغان «مەدرسەئى ساجىيە» (نۇر چاچقۇچى مەدرىس)دە ئوقۇتۇش دەستۇرى قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئاتاقلىق شائىر، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇرى، دۆلاەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ )تەخمىنەن 1018 - 1073 - يىللار) پارابى ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى بولۇپ سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى مۇكەممەل قامۇس ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى يېزىپ چىقىپ، پارابى، ئىبنىسىنالار تەرىپىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلەەن «تۆت چوڭ ماددا» ( تۆت تادو) قارىشىنى كلاسسىك پەلسەپىۋى تۈسكە كىرگۈزدى ھەمدە ئارستوتېل، پارابى، ئىبنىسىنالارنىڭ تۆت چوڭ ماددا ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە ياندىشىپ يەر (تۇپراق)نى سۇ قورشاپ تۇرىدۇ. ئوت بولسا ھەممىنىڭ سىرتىدا ۋە ئۈستىدە دېگەن ماددا تۈزۈلمىسى ۋە ئالەم تەرتىپى قارىشىنى بايان قىلغان بولسا، ئۆز ئەسىرىدە يەنە تۆت چوڭ ماددا، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى، تۆت چوڭ ماددىنىڭ زىددىيىتى ۋە بىرلىكى، تۆت چوڭ ماددىنىڭ تۆت پەىسىل ۋە ئىنساندىكى تۆت مىزاجغا بولغان مۇناسىۋىتى، ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كۆرگەن چۈشلىرىنى تۆت چوڭ ماددا ۋە ئۇنىڭ كونكرېت ئادەمدىكى ھالىتى ئاساسىدا ئىزاھلىنىشى لازىملىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭدەك يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە «قۇتادغۇبىلىك» داستاندا نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىكىگە ئائىت سىستېمىلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىۋى ئىلمى بولغان تۆت خىلىت يەنى سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا ھەققىدە توختالغان ھەمدە كېسەلىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھلەپ بەرگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=108

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#