جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى 1999–يىل 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنى
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó qì xiàng fǎ
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国气象法
ماقۇللانغان ۋاقتى 1999–يىل 10–ئاينىڭ 31–كۈنى
تۈزتىلگەن ۋاقتى 2014–يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، كىلىمات بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى 1999–يىل 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. 

2009–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ىغا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن.

2014–يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى) قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2–قېتىم تۈزىتىلگەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى» قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە) (2014–يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللانغان).

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى) قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2014–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2014–يىلى 8–ئاينىڭ 31–كۈنى

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا مۇنۇلار قارار قىلىندى:

5. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

21–ماددىسى: «يېڭىدىن سېلىنىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇشلاردا، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا بولمايدىغانلىرىدا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدى بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە مۇناسىپ تەدبىر قوللانغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك» دەپ تۈزىتىلدى.

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، كىلىمات بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش، مېتېئورولوگىيە پەن – تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە مۇشۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك.

3–ماددا مېتېئورولوگىيە ئىشلىرى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۇللۇق جامائەت پاراۋانلىقى ئىشى. مېتېئورولوگىيە خىزمىتىدە جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمەتنى 1 – ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ تەڭ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ھەم مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ جامائەتكە، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق يەرلىك مېتېئورولوگىيە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاساسلىقى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ.

مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ھەقسىز مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، مېتېئورولوگىيەلىك ھەقلىق مۇلازىمەتنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

4–ماددا ناھىيەلىك، شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشى كېرەك.

5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى تەڭ دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتى جەھەتتىكى يېتەكچىلىكى، نازارەتچىلىكىدە ۋە ساھە باشقۇرۇشىدا بولۇشى كېرەك.

6–ماددا مېتېئورولوگىيە كەسپىي پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيە تېخنىكىلىق ئۆلچىمى، قېلىپى ۋە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

7–ماددا دۆلەت مېتېئورولوگىيە پەن–تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا، مېتېئورولوگىيە ئىلمىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، مېتېئورولوگىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشكە، ئىلغار مېتېئورولوگىيە پەن–تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە، مېتېئورولوگىيە پەن–تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغداشقا، خەلقئارا مېتېئورولوگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە، مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونى، چەت–ياقا نامرات رايون، جاپالىق رايوندىكى ۋە دېڭىز ئارىلىدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسا–پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

مېتېئورولوگىيە خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

8–ماددا چەت ئەل تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە مېتېئورولوگىيەلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەستىقلىشى شەرت.

2–باب مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

9–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى، مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەخسۇس ئەسلىھەلىرى، مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق چوڭ جابدۇقلار قاتارلىق مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تەڭشەش، ئۆزگەرتىشنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىشى شەرت.

مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئېھتىياجغا تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش، تەكرار قۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

10–ماددا مۇھىم مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا، قۇرۇلۇش تەكلىپنامىسى ۋە مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، مۇناسىپ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

11–ماددا دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە ياكى خالىغانچە يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

12–ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتىنى كۆچۈرۈۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇش ياكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى قىلىش تۈپەيلىدىن، دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىك كىلىمات پونكىتى، ئاساسىي مېتېئورولوگىيە پونكىتىنى كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ باشقا مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتىنى كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك. كۆچۈرۈش – سېلىش خىراجىتىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

13–ماددا مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق جابدۇقلار گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن تېخنىكىلىق تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى ھەم گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلىرىنى مېتېئورولوگىيە كەسپىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

14–ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈش كېرەك. تەكشۈرتۈلمىگەن، تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان ياكى تەكشۈرۈلگەن ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەشنىڭ ئۆلچەملىك ئەسۋابلىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئورناتسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەر تۈردىكى ئەڭ يۇقىرى مىقدارنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچەملىك ئەسۋابى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

3–باب مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش

15–ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار يەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئاساسىي مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

16–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ھەم مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئۆزى ئېرىشكەن مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىياللاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق پايدىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدار مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى مېتېئورولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئاپپاراتلار بىلەن ئالماشتۇرىدۇ.

17–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى دەريا – كۆللىرى، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدىكى دېڭىز ئۈستى بۇرغىلاش سۇپىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچىدىغان ئاۋىياۋاسىتىلىرى، ئوكياندا قاتنايدىغان كېمە – پاراخوتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى قىلىشى ھەم مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

18–ماددا ئاساسىي مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدىن باشقا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ئۇنى ئىشلىتىش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

19–ماددا دۆلەت مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

20–ماددا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىدە توسالغۇ ئورنىتىش، پارتلىتىش ۋە تاش قېزىش؛

(2) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيە قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش؛

(3) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بېكىتىشى ھەم ئۇنى شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ياكى كەنت، بازار قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

21–ماددا يېڭىدىن سېلىنىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇشلاردا، مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا بولمايدىغانلىرىدا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدى بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەم مۇناسىپ تەدبىر قوللانغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك.

4–باب مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالى

22–ماددا دۆلەت جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا– پونكىتلىرى جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەم ئۇنى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تولۇقلىشى ياكى تۈزىتىشى كېرەك. باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئۆز سىستېمىسى ئىشلىتىدىغان مەخسۇس مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى ئېلان قىلسا بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى توغرا، ۋاقتىدا بېرىشى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

23–ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتى، شەھەر مۇھىتى مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتى، ئوت ئاپىتى خەۋپىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك دەرىجىسىدىن ئالدىن مەلۇمات قاتارلىق مەخسۇس مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى ئېلان قىلىشى ھەم ھەربىي مېتېئورولوگىيە تارمىقىغا ماسلىشىپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك.

24–ماددا ھەر دەرىجىلىك رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىستانسا–پونكىتلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن گېزىتلەر جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ياكى ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى مەخسۇس ۋاقىت ياكى بەتتە ھەر كۈنى ئاڭلىتىشى ياكى بېسىشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا–پونكىتلىرى ئۆزى تەييارلىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات پىروگراممىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

رادىيو–تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات پىروگراممىسى ۋاقتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە ئىستانسا–پونكىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى ۋە تولۇقلانغان، تۈزىتىلگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇماتنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ بېرىشى ياكى قىستۇرۇپ بېرىشى لازىم.

25–ماددا رادىيو–تېلېۋىزىيە، گېزىت، تېلېگراف قاتارلىق ۋاسىتىلەر جەمئىيەتكە مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالى بېرىشتە، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا–پونكىتلىرى تەمىنلىگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇرنى ئىشلىتىشى ھەم ئېلان قىلىنغان ۋاقتى ۋە مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرىنىڭ نامىنى ئەسكەرتىشى شەرت. مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر بېرىشتىن قىلىنغان كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك.

26–ماددا ئۇچۇرچىلىق تارمىقى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ئوبدان ماسلىشىپ، مېتېئورولوگىيەلىك خەۋەرلىشىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاخبارات، مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى توغرا، ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى كېرەك.

مېتېئورولوگىيە رادىيو مەخسۇس چاستوتىسى ۋە قانىلىنى دۆلەت قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5–باب مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش

27–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلارنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشى ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

28–ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى زور ئاپەتلىك ھاۋا رايىنى رايون، تارماق ھالقىپ بىرلىشىپ كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم زور ئاپەتلىك ھاۋا رايىنى باھالاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى تەشكىللەش جەھەتتە تەدبىر بەلگىلەش ئاساسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى شۇ جايغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەتلىك ھاۋا رايىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىشى ھەم ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايىنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ئالاقىدار ئورۇنلار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە زۆرۈر بولغان مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سۇ ئەھۋالى، بوراندىن پەيدا بولغان تاشقىن قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ئۇچۇرى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى كېرەك.

29–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەرگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇرغا ئاساسەن، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىشى ياكى ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك.

30–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىنى تەشكىللىك، پىلانلىق قانات يايدۇرۇشى لازىم.

گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلات لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتىنى باشقۇرۇشى، يېتەكلىشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا ماسلىشىپ، ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتى قىلىدىغان تەشكىلاتلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىشى ھەم گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى تەلەپ قىلغان تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشى، مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى لازىم.

31–ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى چاقماق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەشكىللەش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، چاقماق چېقىش ئېھتىمالى بار ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرگە ئورنىتىلغان چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان قۇرۇلما گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

6–باب كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش

32–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىلىمات بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ۋە رايونغا ئايرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، كىلىماتنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە باھالاشنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە كىلىماتنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئاتموسفېرا تەركىبىنى كۆزىتىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىلىمات ئەھۋالى ئاخباراتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

33–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايوننىڭ كىلىمات بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كىلىمات بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يۆنىلىشى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى پىلانلىشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تەڭ دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا كىلىمات بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش، كىلىمات بايلىقىنى رايونغا ئايرىش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش قاتارلىقلار ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

34–ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى شەھەر يىرىك پىلانى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، رايونلۇق زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كىلىمات بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش چوڭ تۈرلىرى ئۈستىدە كىلىمات مۇمكىنلىكىنى دەلىللەشنى تەشكىللىشى كېرەك.

ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئورۇن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالىغاندا، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى تەمىنلىگەن ياكى ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ئىشلىتىشى لازىم.

7–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

35–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى مۇناسىۋەتلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەن ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ خالىغانچە يۆتكىۋەتكەنلەر؛

(2) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىدە مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار.

مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتىنى قوغداش دائىرىسىدە يەر ئىگىلەشنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەستىقلىغانلار ياكى قانۇنسىز ھالدا يەر ئىگىلەپ يېڭى ئىمارەت ياكى باشقا ئەسلىھە سالغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى» ياكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

36–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېخنىكىلىق تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى ئىشلىتىپ، زىيان پەيدا قىلغانلارنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

37–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئورناتقانلارنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چاقماق ئاپىتىدىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

38–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات، ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى قانۇنسىز ھالدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش؛

(2) رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت، تېلېگراف قاتارلىق ۋاسىتىلەر جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات، ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى جەمئىيەتكە تارقىتىشتا، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتى بەرگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇرنى ئىشلەتمەسلىك؛

(3) ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالايدىغان ئورۇن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى تەسىرىنى باھالىغاندا، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەرگەن ياكى تەكشۈرگەندىن باشقا مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ئىشلىتىش.

39–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ، ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتى قىلغانلارنى ياكى ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتى قىلغاندا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى تەلەپ قىلغان تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەنلەرنى ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

40–ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، جامائەتكە بېرىلىدىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات، ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالىنى چۈشۈرۈپ قويۇش، خاتا يوللاش، شۇنىڭدەك دەسلەپكى مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى يوقىتىپ قويۇش ياكى بۇزۇۋېتىش، مېتېئورولوگىيەلىك ماتېرىيالنى ياسىۋېلىش قاتارلىق زور ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

41–ماددا بۇ قانۇندىكى سۆز–ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) مېتېئورولوگىيە ئەسلىھەلىرى مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەسى، مېتېئورولوگىيەلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەخسۇس ئەسلىھەسى، مېتېئورولوگىيەگە خاس تېخنىكىلىق چوڭ جابدۇق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

(2) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پەن – تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاتموسفېرا ۋە يەرگە يېقىن ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ فىزىكىلىق جەريانى، ھادىسىلىرى ھەم ئۇنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى قاتالىقلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىستېمىلىق كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشنى كۆرسىتىدۇ.

(3) مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھىتى ھەر خىل كاشىلىلاردىن خالىي ھالدا مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى توغرا ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا زۆرۈر بولغان ئەڭ كىچىك ئارىلىقتىن ھاسىل بولغان مۇھىت بوشلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

(4) مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر (قار)، جۇدۇن، بوران (قۇم بوران)، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، چاقماق، مۆلدۈر، ئۈششۈك ۋە تۇمان قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(5) ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىش ياكى ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، كىلىمات بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق شارائىتتا پەن–تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قىسمەن ئاتموسفېرانىڭ فىزىكىلىق، خىمىيەلىك جەريانىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىپ، يامغۇر، قارنى كۆپەيتىش، مۆلدۈردىن ساقلىنىش، يامغۇر، تۇماننى تارقىتىش، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يېتىش پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

42–ماددا مېتېئورولوگىيە ئىستانسا–پونكىتلىرى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا ئورۇنلارنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ھەقلىق مۇلازىمەت دائىرىسى، تۈرى، ئالىدىغان ھەققى قاتارلىقلارنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

43–ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چىقىرىدۇ.

44–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان مېتېئورولوگىيەلىك پائالىيەتكە ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىدە مۇشۇ قانۇندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

45–ماددا بۇ قانۇن 2000– يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1994– يىلى 8–ئاينىڭ 18–كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/250683.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#