قول توپ
قول توپ توپ تۈرىدىكى «كىچىك ئۇكا» بولۇپ، ئۇ1917-يىلى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، رەسمىي مۇسابىقە تۈرى بولغىنىغا50 نەچچە يىللا بولدى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قول توپ توپ تۈرىدىكى «كىچىك ئۇكا» بولۇپ، ئۇ 1917-يىلى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، رەسمىي مۇسابىقە تۈرى بولغىنىغا 50 نەچچە يىللا بولدى. 1972-يىلى ۋ ە 1976-يىلى ئەر-ئاياللار يەتتە كىشىلىك تۈزۈمدىكى قول توپ مۇسابىقىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
قول توپ پۇتبول بىلەن ۋاسكېتبولنىڭ ئايرىم ھەرىكەتلىرىدىن يۇغۇرۇلغان ھەرىكەتتۇر. ئۇنىڭ مەيدانى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، كىچىكلىتىلگەن پۇتبول مەيدانىغا ئوخشايدۇ. مۇسابىقىسى ئەڭ دەسلەپ 11 كىشىلىك تۈزۈمدە بولغان، 60-يىللاردا يەتتە كىشىلىك تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلگەن. مۇسابىقە ۋاقتىدا ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەزالىرى بەلگىلىك تېخنىكا ۋە تاكتىكىلارنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتا رايونى سىرتىدىن توپنى ۋاراتاغا ئېتىپ كىرگۈزۈپ نومۇر ئالىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە(ئەرلەر60 مىنۇت، ئاياللار 50 مىنۇت) كىرگۈزگەن توپى كۆپ بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ.
دۇنيادا سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى رايون ياۋروپا بولۇپ، تارىختىكى دۇنيا قول توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەممىسىنى ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىگىلىگەن، بۇ، قول توپنىڭ ياۋروپادا بارلىققا كەلگىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزنىڭ قول توپ ھەرىكىتى كېچىكىپ قانات يايغان بولۇپ، 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالدى بىلەن ئارمىيە ئىچىدە روناق تاپقان، كېيىن تەدرىجىي ھالدا يەرلىككە كېڭەيگەن. ھازىر ئاسىيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.