قىزىل مىڭئۆي

قىزىل مىڭئۆي

قىزىل مىڭئۆي __ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددىزىم غارلىرىنىڭ ۋەكىلى، باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ توققۇز كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا، مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قىزىل مىڭئۆي
ئورنى شىنجاڭ باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسى
تۈرى مەدەنىيەت يادىكارلىقى خارابىسى
خەنزۇچە نامى 克孜尔千佛洞
دىنى بۇددا دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل مىڭئۆيقىزىل مىڭئۆي— دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددىزىم غارلىرىنىڭ ۋەكىلى، باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ توققۇز كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا، مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان. شەرقتە كۇچا ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 69 كىلومېتىر. بۇ يەر ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، مۇھىتى گۈزەل، شىنجاڭدىكى داڭلىق قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان ساياھەت رايونى.

قىزىل مىڭئۆيغارلار شەرقتىن غەربكە ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇۇلغان بولۇپ، جىلغىنىڭ غەربى، جىلغا ئىچى، جىلغىنىڭ شەرقىي ۋە تاغ كەينىدىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىلىدۇ. رەسمىي نومۇر قويۇلغان غار 236، ئاساسىي جەھەتتىن غار شەكلىگە ئىگە ئۆڭكۈرلەر 334 كە يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غار شەكلى بىر قەدەر مۇكەممەل، تام رەسىملىرى ئۇمۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ 10 مىڭ كۋادرات مېتىر. تام رەسىملىرىنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان غار 80 تىن ئاشىدۇ. قىزىل مىڭئۆيىنى ياساش تەخمىنەن مىلادىيە 3–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنپ، 8 ~ 9 ئەسىرلەردە توختىغان بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر قېزىلغان چوڭ تىپتىكى غارلار توپى ھېسابلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆيدىكى مەدەنىيەت يالدامىلىرى بىناكارلىق، ھەيكەللەر، تام رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىزىل مىڭئۆيقىزىل مىڭئۆيدىكى غارلارنىڭ شەكلى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى راھىبلار تۇردىغان بۇلۇپ، تۇرالغۇ ھەمكارلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىچىگە كۆپ ئېغىزلىق قۇرۇلما قۇشۇپ ئۆي ئىچىدە ئوچاق ۋە كاڭ بىلەن ئاددىي تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بار؛ يەنە بىر خىلى بۇتخانا __  بۇددا مۇرتلىرى ئىبادەت ۋە نوم ئۇقۇيدىغان جاي. بۇتخانلارنىڭ بېزىلىشى ئېگىز تاش ئىشىكى ئوچۇق، تام نەقىشىلىرىدە تىك شەكىللىك بۇت بولغان، چوڭ بۇت ئۆڭكۈرىنىڭ ئاساسىي تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئىچكى مۇنار تۈۋرۈكى مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك ئۆڭكۈر تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن. يەنە بىر قىسمى بىرقەدەر چاسا شەكىللىك ئۆڭكۈرلەرنىڭ بېزىلىش شەكلى، ئىشلىتىش ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ. 

قىزىل مىڭئۆينىڭ تاش غارلىرى بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى ھەممىدىن بەك نامايان قىلىپ بېرەلەيدىغان شۇكى: مەركىزىي تۈۋرۈكسىمان تاش غار، ئۇ ئاساسلىق ئالدى ۋە ئارقا ئىككى تەرەپ بۇلۇپ. ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ تونۇشتۇرشىغا ئاساسەن، غارنىڭ ئاساسىي شەكلى  ئىككى تەرىپىدىكى تام ۋە كېمىر تورۇسى بۇددا دىننىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ رەسىمى بار مەسىلەن، «جاتاكا ساكيا مونى» قاتارلىقلار بار.  

قىزىل مىڭئۆيقىزىل مىڭئۆي سەنئىتى كۈسەن بۇددىزىم سەنئىتى ئەندىزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ بىناكارلىقتىكى مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك غار تېخنىكىسى، رەسساملىقتىكى رومبىسىمان تۈزۈلۈش، سايىلاندۇرۇپ رەڭ بېرىش ۋە سىزىق بىلەن تەسۋىرلەش ئۇسۇلى، مول ۋەقەلىك رەسىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىزىل مىڭئۆيئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ قەدىمىي كۈسەن دۆلىتى رەسىملىرى ماكرو چوڭ ئەسەر بۇلۇپ ئاساسلىقى تەخمىنەن مىلادىيە مىلادىيە 13-ئەسىرگىچە بولغان شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى رېئال تۇرمۇش مەنزىرىسى، قەدىمكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار، مىللەت، دىن، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرى  ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى، قىممەتلىك ئوبرازلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە. 

قىزىل مىڭ ئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولدۇكى شۇ چاغدىكى كۆپ مىللەتلىك، كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشۇش ئەھۋالىنى. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: شەرقىي غەربىي يۇرت ئارقىلىق غەرب كۆپ خىل مەدەنىيەت-سەنئىتى بولغان سوقۇلۇش بۇلۇپ ئاندىن تام رەسىملىرى بەدىئىي سەۋىيەگە يەتكەن، مۇشۇنداق پارلاق سەنئەتكە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ھەممىسى بۇ نەرسىلەر مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ پاكىتى بولۇپ ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.

قىزىل مىڭئۆييىپەك يولىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ۋە دىنلارنىڭ ئالمىشىشى تۈپەيلىدىن قىزىل مىڭئۆي تارىخنىڭ چاڭ–توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ كېتىپ، ⅩⅨ ئەسىرگە كەلگەندە قايتىدىن بايقالدى. كېيىن روسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ تالان–تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن تام رەسىملىرى بىلەن ھەيكەللەر چەت ئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بۇلاپ كەتكەن تام رەسىملىرى 400 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. 20–ئەسىرنىڭ 50– يىللىرىدىن كېيىن بۇ مىڭئۆي مۇھاپىزەت قىلىندى ۋە رېمونت قىلىندى. 80–يىللاردا چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىندى. 1985–يىلى، كۈسەن مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ، قوغداش ۋە تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

«جۇڭگودىكى ئىككىنچى دۇنخۇاڭ» 

قىزىل مىڭئۆيقىزىل مىڭئۆي توپى ھازىر ساقلىنىپ قالغان تام رەسىملىرى تەخمىنەن 10000كۋادرات مېتىر. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دىيىشچە: بۇ دۇنيادا 2-چوڭ رەسىم سەنئەت خەزىنىسى بۇلۇپ يەنى «جۇڭگودىكى ئىككىنچى دۇنخۇاڭ» ھېسابلىنىدۇ. 

بۇ يەردىكى تام رەسىملىرنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە پەرىزات، بۇدىساتۋا، سەككىز ئىلاھ، بۇدىساتۋانىڭ تۆرەلمىش ھېكايىسى، بۇددا ھېكايىلىرى، نوم سىزما رەسىملىرى، ئۆرپ-ئادەت رەسىمى ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قەدىمكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا دائىر مەنزىرىلەر تەسۋىرلەنگەن غەربىي يۇرتنىڭ تاغ -دەريالار، شەيئىلەر، ئۇچار قاناتلار، ھايۋانلار ۋە باشقىلار قاتارلىقلار.

مۇزىكا ئۆڭكۈر 

قىزىل مىڭئۆينىڭ 38-نۇمۇرلىق تاش غارى مۇزىكا ئۆڭكۈر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تام رەسىملىرىدە بۇددا ۋە بۇدساتىۋالارغا كۈسەن مۇزىكا  تام رەسىملىرىدە بۇددا ئوركېستىرى كۆرۈنىشى، ئوڭ-سول ئىككى تېمىدا سازەندىلەردىن 20 سى ھەر بىرى چالغۇ چېلۋاتقانى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بۇ تام رەسىملىرىدىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولدۇكى ئەينى ۋاقىتتا يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي دۆلەتنىڭ جايلاشقان ئورنىنىڭ  گۈللەنگەن مەنزىرسى بارلىققا كېلدۇ. 

قىزىل مىڭئۆيسەنئەت خەزىنىسى دەپ تەرىپلەنگەن قىزىل مىڭئۆي نەپىس تام رەسىملىرى بىلەن داڭلىق، نۇرغۇن جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى، رەسسام ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.  باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ توققۇز كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا، مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان. بۇ يەر ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، مۇھىتى گۈزەل، شىنجاڭدىكى داڭلىق قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان ساياھەت رايونى.

قىزىل مىڭ ئۆيى قىزىل دەرۋازىدىن كىرسىڭىزلا كۇمۇراجىۋانىڭ ھەيكىلىنى كۆرەلەيسىز. گەرچە ھەيكەل ۋە تام رەسىملىرى سىزىلغان غارنىڭ ئىچى سەنئىتىنىڭ ئاساسى ھەيكەللەر كۆپىنچىسى ۋەيران بولغان بولسىمۇ، ئەمما تام رەسىملىرىدىن ساقلىنىپ قالغان تەخمىنەن5000 كىۋادرات مېتىر  ت ئاساسلىقى بۇددا ئەقىدىلىرى تېما قىلىنغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#