پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سەككىز تۈرلۈك مەجبۇرىيتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(1)  ماركسىزم -لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنى ئۆگىنىش، پارتىيىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش، پەن-مەدەنىيەت، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش.

(2)  پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىش. ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋەئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رول ئويناش. 

(3)  پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىي مەنپەئەتنى پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇش.  جاپا ‐مۇشەققەتتە ئالدىدا، راھەت ‐ پاراغەتتە كەينىدە تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇش.

(4)  پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش. دۆلەتنىڭ قانۇن - ئىنتىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىش. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش. پارتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش. تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇش. پارتىيىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئاكتىپ ئورۇنداش. 

(5)   پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش. پارتىيىگە سادىق سەمىمىي بولۇش، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش. بارلىق مەزھەپچىلىك تەشكىلاتلىرىغا ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش. كۆرۈنۈشتە ئەمەلقىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىشلىرىغا ۋە بارلىق سۇيىقەست، ھىيلە-مىكىرلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش .

(6)   تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇش. خىزمەتتىكى كەمچىلىك خاتالىقلارنى دادىل ئېچىپ تاشلاش ھەم تۈزىتىش. پاسسىپ چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرىغا قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىش.

(7)   ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىغا پارتىيىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئامما بىلەن بار مەسلىھەت ئىش قىلىش، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى پارتىيىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش، ئاممىنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتىنى قوغداش.

(8)  سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك شەرەپ - نومۇس قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، كوممۇنىستىك ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق قىيىن ۋە خەتەرلىك پەيىتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#