دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى

دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى

2009-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇنجى بولۇپ «دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى» بىرلەشكەن دۆلەتلەتلەر تەشكىلاتى تەرپىدىن تەسىس قىلنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى
بايرام تىپى خەلقئارالىق بايرام
قۇرۇلغان ۋاقتى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
بايرام ئەھمىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 世界社会公正日
مىلادىيە ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
مەنبە ۋاقتى 2009-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا ئادىللىق كۈنىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 10-،62- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ماقۇللاپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : يەنىمۇ تىرىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ھەممە ئادەمنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئادىلىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر 1995-يىلى چاقىرىلغان ب د ت ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەسىلىسى دۇنيا باش يىغىنى ۋە بىرلەشمە چوڭ ئالاقىدار يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان نىشان ۋە دۆلەت قاتلىمىدا جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن قانات يايدۇرغان، شۇڭا 2009-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 20 -كۈنى دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى قىلىپ قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى يەنىمۇ تىرشىپ ئىلگىرلىگەن ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 

دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنىئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ تۈپ مەسىلىسى بولسا تەرەققىيات مەسىلىسى. ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئۈچ يادرولۇق ساھە : نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە جەمئىيەت قوشۇنىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىناق ۋە باراۋەر بولغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش. 

ب د ت يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا چوقۇم بەلگىلىك ئاساسى بار. كەڭ كۆلەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىساد ئېشىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئادىلىقى بارلىقققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، بىخەتەرلىك كەمچىل، كـەمبـەغەللىك ۋە چەتكە قېقىش ئەھۋالى ئېغىر، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتكەن ۋە تەرەققىياتلارغا توسالغۇ بولغان. 

2009-يىلى

ئادىللىق كۈنى2009-يىلى ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېگەن : ئىجتىمائىي، ئادىل دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچ ۋەزىيەتكە تايىنىپ، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىش. يەرلىك خەلىق ۋە كۆچمەنلەر ھوقۇقى، ئىجتىمائىي ئادالەتتە ئادىل بولۇش. كىشىلەرنىڭ جىنسى، ياش قۇرامى، ئىرق، ئۇرۇق ئەۋلادى، دىن، مەدەنىيەت ياكى مېيىپ ئەھۋالىدىكى دۇچ كەلگەن ھەر خىل توسالغۇلارنى تۈگىتىپ،ئىجتىمائىي ئادىللىق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 

2010-يىلى

2010-يىلى ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى، بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىناق ۋە باراۋەر بۇلۇش كېرەك، بىز چوقۇم نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇپ، چەتكە قېقىش ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشمىز كېرەك.

2011-يىلى

2011-يىلى ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېگەن : ئىجتىمائىي ئادىل پەقەت بىر تۈرلۈك ئەخلاق، ئۇ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيا گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى. ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۇرسەت باراۋەرلىكىنى قەدىرلەش، ئىتتىپاقلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش. 

2012-يىلى

2012-يىلى ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېگەن : «ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۆزگىرىشنىڭ شامىلى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىدى، نەچچە مىليون خەلق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. باراۋەرلىك يوق، چىرىكلىك كۆپ، زۇلۇم ئېغى، قەدىر-قىممەتلىك خىزمەت كەمچىل. چۇقۇم خەلق ئاممىسىنى چوڭ سەپەرۋەر قىلىپ، يادرولۇق ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چوڭ يىغىن

1. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىل بولغان يەر شارىلىشىشى توغرىسىدىكى خىتابنامىسى.

2. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىلىشىش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى.

3. دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى. 

4. جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. 

ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىش

 1. ئاممىنىڭ قاتنىشىشنى كۈچەيتىپ، خالىي، دېموكراتىيە ئاساسى بولغان ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي ئادىلىقنى كەمسىتمەسلىك.

2. جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

3. دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىقتىكى ب د ت نىڭ رولى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#