- قار لەيلىسى (خام دورا)
- قار لەيلىسى (ئۆسۈملۈك)
قار لەيلىسى
قار لەيلىسى بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،قاننى جانلاندۇرۇش، پەي، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياللۇغ قايتۇرۇش، تەرلىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، پەي، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
1. ئاقسىل قان زەردابى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئاق چاشقان ئارقا ئوشۇق بوغۇمى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشقا قارىتا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.
2. بۇ ئالكالوئىد قان تومۇرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. ناركوزلانغان توشقاننىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
4. پاقا يۈرىكىنى تورمۇزلايدۇ.
5. ئورگانىزمدىن ئايرىلغان توشقاننىڭ ئۈچەي سىلىق مۇسكۇلىنى تورمۇزلايدۇ ھەم سپازمىنى بوشاشتۇرىدۇ.
6. ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تەسىرى ھەم ھارغىنلىققا قارشى تەسىرگە ئىگە.
پــۈتــۈن چــۆپــــىـــدە ئـاسـاســلـىـقـى rhamnose,arabinose,glucoce,galacoose لار بار. ئۇندىن باشقاguaianolide قارلەيلىسى ئىچكى ئىستىرى قاتارلىقلار بار.
قار لەيلىسى1. قار لەيلىسىدىن بەش گرام، زاراڭزا چېچىكى، ئاغىچە، ئارپا يوپۇرمىقى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، ھەيز تۇتۇلۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قار لەيلىسى ۋە سۆرۈنجاندىن 10 گرامدىن، سانادىن 15 گرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زېماتىزم، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش، ھەيز توختاپ قېلىش، بالا ھەمراھىنىڭ قىيىندا چۈشۈشى، قىزىل، يۆتەل،ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.