چېچەك سەي

چېچەك سەي

چېچەك سەي 16-ئەسىردە فرانسىيەلىكلەر ئافرىقا گۋىنىيە دېڭىز قىرغاقلىرىدا يەرلىك نېگىرلارنىڭ ئىستىمال قىلىۋاتقان يېرىدىن ئۆگىنىپ ياۋروپاغا تاراتقان، كېيىن تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيادا كەم بولسا بولمايدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان تۈگۈرچەك ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

ئۇيغۇرچە نامى چېچەك سەي
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى دىللېنىيە دەرىخى كەنجى سىنىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 花茎甘蓝
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى كاللەكبەسەي ، كاپۇستا
كەنجى تۈرى چېچەك سەي، گۈلكەرەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېچەك سەيچېچەك سەي 16-ئەسىردە فرانسىيەلىكلەر ئافرىقا گۋىنىيە دېڭىز قىرغاقلىرىدا يەرلىك نېگىرلارنىڭ ئىستىمال قىلىۋاتقان يېرىدىن ئۆگىنىپ ياۋروپاغا تاراتقان، كېيىن تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيادا كەم بولسا بولمايدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان تۈگۈرچەك ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

چېچەك سەي - تۈگۈرچەك (كاللەك بەسەي) ، بروكولى، كەلەمى قاتارلىق شەكلى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ گەرچە كېلىپ چىقىشى ئافرىقىدا بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ۋە ھىندىستان يېمەك داستىخانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۆكتات يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

 چېچەك سەي ئۆسىدىغان مۇھىت ۋە بېرىلىدىغان ئوغۇتقا قاراپ ھەرخىل شەكىل ۋە رەڭلەردە بولىدۇ.

چېچەك سەيچېچەك سەي، ئىللىق ئىقلىمدا ئۆسىدۇ، تۈر جەھەتتىن تۈگۈرچەك بىلەن تۇققان بولسىمۇ ئەمما تۈزۈلىشى جەھەتتىن بروكولىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. چېچەك سەي تېرىلغاندىن يىغىۋالغىچە بولغان ۋاقىت، تۈرى ۋە تېرىلغان رايونغا قارىتا 45 كۈندىن 130 كۈنگىچە پەرقلىنىدۇ. ياز ئايلىرىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ 20 سېلسىيەدىن يۇقىرى بولۇشى، چېچەك سەي ئۆستۈرۈشكە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياز ئايلىرى ناھايىتى ئىسسىق بولىدىغان رايونلاردا چېچەك سەي ئۆستۈرۈش ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. چېچەك سەي ئۆستۈرۈلىدىغان جايدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار. چېچەك سەي تېرىلىدىغان ئېتىز ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ يىل بويىچە يىسىۋېلەكتىن باشقا كۆكتات ئۆستۈرۈلمىگەن بولۇشى كېرەك. چېچەك سەينى يىغىۋېلىش ئىشى بىخ چېچەكلىرى ئېچىلىشتىن بۇرۇن بولۇشى لازىم. چۈنكى، بېخلىرىنىڭ چېچەكلىرى ئېچىلغان ياكى سېرىق چېچەكلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىغان چېچەك سەينىڭ بازاردىكى قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

دورىلىق قىمممىتى

چېچەك سەيچېچەك سەي ئىنتايىن كۆپ پايدىلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ ماددىلارنىڭ بىر قانچىسى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. چېچەك سەي ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تەبىئىي ئانتىبىيوتىك رولغا ئىگە. چېچەك سەيدە نۇرغۇنلىغان ۋىتامىن س بار بولۇپ، ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى بىر دانە چېچەك سەي كۈندىلىك ۋىتامىن س ئېھتىياجىنىڭ ئىككى ھەسسىنى قامدىيالايدۇ. تالا تۈزۈلىشى ۋە كاروتىن تۈزۈلىشى، چېچەك سەينى ئۈچەينىڭ دوستى بولغان كۆكتاتقا ئايلاندۇرغان. ناھايىتى ئازغىنە سۇدا بەش مىنۇت قاينىتىلغان چېچەك سەي ۋە شورپىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىلار ھورمۇنلىرىمىزنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا پايدا قىلىدۇ. 

ئۇزۇقلۇق قىممىتى

چېچەك سەيچېچەك سەيدە يەنە، يۇقىرى مىقداردا كالېتسىي ۋە سىنىك بار. 100 گىرام چېچەك سەينى ئىستېمال قىلغاندا، 50 مىللىگىرام كالېتسىي يىگەنگە تەڭ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر يىلدا بىر قېتىم چېچەك سەي داۋالىنىشى ئېلىپ بارغاندا ياكى ئايدا ئىككى قېتىم چېچەك سەي ئىستېمال قىلغاندا، ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن سىنىك تابلىتلىرىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ كېرىكى قالمايدىكەن. بەدەن ئۈچۈن كېرەكلىك سىنىك ماددىلىرىنى چېچەك سەي ساقلايدۇ. چېچەك سەيدىكى ۋىتامىن ئې ۋە ۋىتامىن س ماددىلىرى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. قان ئازلىق ۋە تۆمۈر ماددىسى ئاز بولسا، چېچەك سەي ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى چېچەك سەيدە تۆمۈر ۋە فولىك كىسلاتاسى بار.

 چېچەك سەي شورپىسىنى ئىچكىلى بولىدۇ. ھەتتا پەرھىز مۇتەخەسسىسلىرى سەۋزە ۋە ئالما سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بارلىق يېشىل ياپراقلىق كۆكتاتلارغا ئوخشاش، چېچەك سەينىمۇ يېڭى ۋاقتىدا ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن پايدىلىق. ياغسىز سۈت بىلەن پېشۇرۇلغان چېچەك سەي ئۇمىچى بىزنى توق تۇتۇپ، سەمىرىپ كېتىشىمزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ناھايىتى ئاسانلا پېشۇرالايدىغان چېچەك سەي قىزارتمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى:

چېچەك سەينى قازاندا يەڭگىل ئوتتا قاينىتىمىز. چېچەك سەي پېشىۋاتقاندا ئىككى دانە تۇخۇمنى قوچىغاندىن كېيىن، ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز. ئارقىدىن قاينىتىلغان چېچەك سەينى تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قىزارتىمىز. قىزارتىشقا ئىشلەتكەن ياغ ئورگانىك يېڭى زەيتۇن يېغى بولسا ، قىزارتما سالامەتلىككە زىيان قىلمايدۇ. ئاچچىقنى ياخشى كۆرىدىغانلار تۇخۇمنىڭ ئىچىگە قىزارتىلغان مۇچلارنى سالسىمۇ بولىدۇ. مىزىلىك چېچەك سەي قىزارتمىسى ناھايىتى ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا تەييار بولىدۇ.

چېچەك سەيچېچەك سەي، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا  ئەللىرىدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپ تونۇلۇشقا ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىشقا باشلغان. ئەسلىدە چېچەك سەي ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئانادولۇدا ۋە ئاق دېڭىز رايونىدا كۆپ ئۆستۈرۈلگەن. قەدىمكى رىمنىڭ تەبىئەت تارىخشۇناسى پىلىنۇسنىڭ ئەسەرلىرىدە، تۈگۈرچەككە ئوخشايدىغان بىر كۆكتات قەيت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كۆكتاتنىڭ چېچەك سەي ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. قەدىمكى يېمەكلىك كىتابلىرىنى ۋاراقلىغاندا، رىملىقلارنىڭ چېچەك سەينى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. چېچەك سەي، دۇنيادا ئىتالىيە بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بىر كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى دەۋردە گەرچە چېچەك سەينى ياۋروپاغا فرانسىيە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما چېچەك سەينى دۇنياغا تونۇتقانلارمۇ ئىتالىيەلىك ئاشپەزلەر بولغان. 20– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىتسىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئامېرىكىغا چېچەك سەي ئىمپورت قىلىشقا باشلاپ، سودىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكىدىكى چېچەك سەي يېتىشتۈرۈش سىناقلىرىنىڭ ئارقىسىدىمۇ يەنە ئىتالىيەلىكلەر بار ئىدى. 

ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا دوۋساق راكى، ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمچەك راكى كېسەللىكلىرى كىشىنى ئەڭ كۆپ قورقىتىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، چېچەك سەينىڭ دوۋساق راكى ۋە ئەمچەك راكىدىن ساقلىنىشتا، قان تەركىبىدىكى خولىسترىننى ئازايتىشتا، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى كېسەللىكتىن ساقلىنىشتۇر؛ كېسەللىككە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، چېچەك سەي ھەر قانداق كېسەللىككە ئۆز ئالدىغا شىپا بولالمايدۇ.

چېچەك سەيچېچەك سەيدە كالورىيە ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن پەرھىزلەردە ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. چېچەك سەينى كۈندىلىك تاماق تىزىملىكىمىزگە كىرگۈزۈش سالامەتلىكىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا، چېچەك سەينىڭ بەدەندىكى يود ئىلمېنتىنى ئازايتىۋىتىشىدۇر. ئەگەر ھەپتىدە 3-2 قېتىمدىن كۆپ چېچەك سەي يىگەن ۋاقتىمىزدا يود قوشۇلغان ئۇزۇقلۇقلارنى يىيىش ياكى يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

چېچەك سەينى بازالاردىن ياكى تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋالغان شۇنداقلا ساقلىغان ۋاقتتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. چېچەك سەينى سىتىۋالغان ۋاقتتا يېڭى بولۇشىغا دىققەت قىلىش ھەمدە چېچەك سەي رەڭگى يېشىل بولۇشى كېرەك. سارغىيىپ كەتكەنلىرىنى ئالماسلىق لازىم. چېچەك سەينى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قوللىنىشنى پىلان قىلغاندا، پارچە – پارچە ئورالغان ھالەتتە توڭلاتقۇنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىدا ساقلىسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، لازىم بولغان ۋاقىتتا بىر – بىردىن ئېلىپ ئىشىلەتكىلى بولىدۇ. يېڭى چېچەك سەي توڭلاتقۇنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىغا قويۇلمىغاندا، ئۇزۇنغىچە ساقلىغىلى بولمايدۇ. نورمال جايدا ئۈچ كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەڭ سوغۇق جايدا بولسا، يېڭى چېچەك سەي ئالتە ئايغىچە شۇ پىتى تۇرىدۇ. قۇرۇتۇلغان چېچەك سەي يېڭىسىغا قارىغاندا، سالامەتلىك جەھەتتىكى پايدىسى ئاز بولىدۇ. چېچەك سەينىڭ قارنىدا ياكى ياپراقلىرىدا قۇرت يىگەن جايلارنى ۋە ياكى پارازىتلارنى كۆرگەندە قەتئىي ئالماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، قۇرت يىگەن جايلاردىكى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ماددىلار خىمىيەلىك ئۆزگىرىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ھالغا كېلىدۇ. يەنى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرت يىگەن چېچەك سەينى تەبىئىي، ھورمۇنسىز ۋە خىمىيەلىك دورا ئىشلىتىلمىگەن بىر مەھسۇلات، دەپ قارىماسلىق لازىم. قۇرت يىگەن چېچەك سەي سالامەتلىككە پايدىلىق ئەمەس.[0]



 چېچەك سەي- يەنە چېچەك سەينى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 16-ئەسىردە فرانسىيەلىكلەر ئافرىقا گۋىنىيە دېڭىز قىرغاقلىرىدا يەرلىك نېگىرلارنىڭ ئىستىمال قىلىۋاتقان يېرىدىن ئۆگىنىپ ياۋروپاغا تاراتقان، كېيىن تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيادا كەم بولسا بولمايدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان تۈگۈرچەك ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

چېچەك سەي - تۈگۈرچەك(كاللەك بەسەي) ، بروكولى، كەلەمى قاتارلىق شەكلى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ گەرچە كېلىپ چىقىشى ئافرىقىدا بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ۋە ھىندىستان يېمەك داستىخانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۆكتات يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5757

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1714226.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#