پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى

پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى

تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارال دۆلەت بولۇپ، يېڭى گۋېنىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى
قىسقارتىلغان نامى .pg
ۋاقىت رايونى UTC+10
دۆلەت شېئىرى 《O Arise, All You Son》
سىيسى تۈزۈلمىسى 748
خەنزۇچە نامى 巴布亚新几内亚
قىتئە تەۋەلىكى ئوكيانىيە
پايتەختى مورېسبي پورتى
دۆلەت تىلى ئېنگىلىز تىلى، پىجېئون تىلى
نوپۇسى 7مىلىيون480مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىتىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارال دۆلەت بولۇپ، يېڭى گۋېنىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ غەربتە ھىندۇنېزىيىنىڭ ئىرىئان چايا رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا توررېس بوغۇزى ئارقىلىق ئاۋسترالىيىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پاپۇئا—يېڭى گۋېنىيە چوڭ ئارال قىسمىدىن باشقا يەنە ئەتراپىدىكى بوگېنۋېل، يېڭى برىتانىيە، يېڭى ئېرلاندىيە قاتارلىق 600 دىن ئوشۇق ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 461 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەر ئىگىلەيدۇ، مەركىزىي تاغ سىستېمىسى دۆلەتنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا يەر ۋەزىيىتى پەس بولغان سازلىقلار جايلاشقان. دۆلەتتە يانار تاغلار، ئارشاڭ بۇلاقلار كۆپ تارقالغان. 

پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىپاپۇئا—يېڭى گۋېنىيىسى جايلاشقان ئىرىئان ئارىلىنى 1512-يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر تاپقان، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىغا كەلگەندە گوللاندىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان، 1884-يىلى ئەنگلىيە، گېرمانىيىلەر ئارالنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىي ئايرىم-ئايرىم ئىگخلىگەن. 1920-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1975-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى.

پاپۇئا—يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ ئېگىز تاغلىق رايونلىرىدىن سىرت، باشقا جايلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 21℃ تىن ℃22 قىچە بولىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى سەل سالقىنراق بولىدۇ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يامغۇر مىقداردى 2500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ %87 يېرىنى ئىپتىدائىي ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. 

پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسىپاپۇئا—يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ ئاھالىسى 3 مىليون 611 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى پاپۇئا—يېڭى گۋېنىيىسى خەلقلىرى بىلەن مېلانىزىيە خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە مىكرونېزىيە، پولىنزىيىلىكلەر، ئاۋسترالىيىلىكلەر ۋە جۇڭگولۇقلار بار. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىتپىدائىي دىنلارغا، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى پاپۇئا—يېڭى گۋېنىيىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە قالاق، تارقاق يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. تېخىنىكا سەۋىيىسى تۆۋەن، ئاھالىنىڭ %87 تى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ(1984) ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شېكەر قومۇچى، كوفې قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن مىس قاتارلىق بايلىقلىرى مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىياللىرى ھېسابلىنىدۇ. پاپۇئا—يېڭى گۋېنىيىسىنىڭ سانائەت ئاساسىي ئاجىز بولۇپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كان بايلىقلىرىنى ئېلىش سانائىتى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا يېمەك-ئىچمەك، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، تاماكا ئوراش، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#