ئۇيغۇرچە نامى ئاغى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿格乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون كۇچا ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاغى يېزىسىئاغى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىگە جايلاشقان. ئاغى يېزىسى رايون دەرىجىلىك نامرات يېزا، كۇچا ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون جايلاشقان، كۇچا ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 47 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2200 مېتىر كېلىدۇ، ئاغى يېزىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ماكانى، ئاساسلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي، قوناق، قىچا، زىغىر، قارا بۇغداي ، ياڭيۇ ۋە سامساق قاتارلىقلار بار. 

ئاغى يېزىسىھاۋا كىلىماتى، سۇ بايلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئاغى يېزىسىدىكى بۇغداينىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى تۆۋەن، كۆممىقوناق ئۆز قەرەلىدە پىشمايدۇ،ئاساسەن ياڭيۇ، سامساق، قىچا قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كېلىدۇ. باغۋەنچىلىكتە  ئاساسلىق ياڭاق، ئۆرۈك، چىلان، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار. يېقىندىن بېرى، يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېيىشىنى مەركەز قىلىپ، كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 217 ئالتۇن ساياھەت لىنىيىسى ۋە تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى، چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، ھويلا-ئارام سەيلىگاھىنىڭ تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇغان.

ئاغى يېزىسىئاغى يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئاغى يېزىسىدا ئوتقا چىداملىق ماتېرىياللار زاۋۇتى، شېخىل زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، ئاغى يېزىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ساياھەت، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، چارۋىچىلارنى تېخنىكا ئىقتىدار بويىچە تەربىيىلەش ئارقىلىق، تۈرلۈك ئەمگەك-مۇلازىمەتلەرنى پىلانلىق،تەشكىللىك قانات يايدۇرغان، مەسىلەن، تاش تېرىش، كۆمۈر كاندا ئىشلەش، كۆمۈر توشۇش، پاختا تېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر. يېزا ترانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈچۈن بازارلىشىش، كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئەتراپىدىكى كان بايلىقلىرى مول، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى كۆپرەك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، « كۇچا ناھىيەسى ئاغى يېزىسى شىمالىي تاغ باشلامچى ترانسپورت جەمئىيىتى »نىڭ زورىيىشىغا مەدەت بەرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#