بېيجىڭ ۋاقتى

بېيجىڭ ۋاقتى

بېيجىڭ ۋاقتى باشقا ئاتىلىشى جۇڭگو ئۆلچەملىك ۋاقتى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى، ماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتتىن 8 سائەت (يەنى UTC+8) ئىلگىرى.

ئۇيغۇرچە نامى بېيجىڭ ۋاقتى
چەتئەلچە نامى Chinese standard time
ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋاقتى 1902-يىلى
ئۇزۇنلۇق يەرلىك ۋاقىت شەرقىي ئۇزۇنلۇق 120 گرادۇسلۇق يەرلىك ۋاقىت
خەنزۇچە نامى 北京时间
باشقا ئاتىلىشى جۇڭگو ئۆلچەملىك ۋاقتى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى
ۋاقىت رايونى شەرقىي 5-، 6-،7-،8-،9-رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېيجىڭ ۋاقتىبېيجىڭ ۋاقتى باشقا ئاتىلىشى جۇڭگو ئۆلچەملىك ۋاقتى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى، ماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتتىن 8 سائەت (يەنى UTC+8) ئىلگىرى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيبېي، كۇئالالۇمپۇر، سىنگاپور قاتارلىق رايون ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۆلچەملىك سائەتى ھەم بېيجىڭ ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەرلىك قۇياش سائىتى (شەرقىي ئۇزۇنلۇق °116.4) ئەمەس، بەلكى شەرقىي ئۇزۇنلۇق °120 گرادۇسنىڭ ۋاقتى، ئىككىسىنىڭ ئاراسىدا 14.5 مىنۇت پەرق بار. 

1902-يىل (گۇاڭشۈنىڭ 28-يىلى)، چىڭ سۇلالىسى دېڭىز تاموژنىسى ساھىل سائەتىنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 120 گرادوسنى ئۆلچەم قىلىپ بەلگىلىگەن. 1912-يىل جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن سوڭرە، بېيجىڭغا جايلاشقان مەركىزى كۆزىتىش سۇپىسى پۈتۈن دۆلەتنى 5 ۋاقىت رايونىغا بۆلگەن. 1939-يىلى جۇڭخۇا مىنگو ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ئۆلچەملىك سائەت يېغىنى چاقىرىپ 1912-يىلى بۆلۈپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت رايونلىرىنى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى دەپ تەستىقلغان. ئۇلار:

كوئىنلۇن ۋاقتى GMT+5.5 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربى ۋە شىزاڭنىڭ بىر قىسمى.

GMT+6 ۋاقتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىزاڭ.

گەنسۇ-سىچۇەن ۋاقىتى GMT+7 ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى GMT+8 جۇڭگو دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە.

چاڭبەي ۋاقتى  5.GMT+8 جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالى.

1947 يىلى، شەرقىي شىمال مەمۇرىي ھەيئەتلەر قۇرۇلتىيى قارار قىلىپ، شۇ كۈندىن ئىتىبارەن شەرقىي شىمال ئازاد رايونى بىردەك 120 گرادۇس شاڭخەي سائەتىنى قوللىنىشقا باشلىغان.

1949-يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي كېڭەش يىغىنى 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، «بېيپىڭ» نىڭ نامىنى تەكرار «بېيجىڭ» غا ئۆزگەرتىلىشى قارار قىلىنغان. 1-ئۆكتەبىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، UTC+8 ۋاقىت رايونى رەسمىي «بېيجىڭ ۋاقتى» (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى بىلەن بىردەك) دەپ ئاتالغان. 

1952-يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىزاڭ ئۆلكىلىرىدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆلچەملىك جۇڭگو ۋاقتى ئومۇملاشقان.

2000- يىلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى نامى دۆلەتلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بىردەك بېيجىڭ ۋاقتى (UTC+8) قوللىنىلماقتا. لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىزاڭ قاتارلىق رايونلاردا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، شىركەت-گۇرۇھلارنىڭ ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرى ھەمدە پوچتا-تېلگراف سائەتلىرى بېيجىڭ ۋاقتىغا توغىرلانغان. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دا UTC+6 ۋاقىت رايونى قوللىنىش ئۇمۇملاشقان (شىنجاڭ تەۋەسىدە قوللىنىلغان شىنجاڭ ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كېين). شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى خەنزۇچە ۋە ئۆسمۈرلەر قانىلى بېيجىڭ ۋاقتى، ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىللىرى قانىلى شىنجاڭ ۋاقتى قوللىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#