جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى

جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى

مۇكاپاتقا «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» دەپ نام بېرىشتە «توخۇ چىللىسا، جاھان جانلىنار»، «ئالتۇن خوراز بېرەر تاڭدىن خەۋەر» دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلغان. مۇكاپات بۇيۇمىمۇ ئالتۇن خوراز مودېلى.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى
باشقا نامى ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى
تەسىس قىلىنغان ۋاقىت 1981-يىلى
خەنزۇچە نامى 中国电影金鸡奖
چەتئەلچە نامى Golden Rooster Award

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى1981-يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە توخۇ يىلى بۇلۇپ، شۇ يىلى جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ مۇكاپاتلاشنى باشلىغان. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىپ، مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى مۇكاپاتلاش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغان كىنو ئىجادىيەت خادىملىرىنى تەقدىرلەش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك كىنو ئىجادىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئوبزورچىلىق خىزمىتى جانلىنىپ، كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۇپ، مۇكاپاتقا «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» دەپ نام بېرىشتە «توخۇ چىللىسا، جاھان جانلىنار»، «ئالتۇن خوراز بېرەر تاڭدىن خەۋەر» دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلغان. مۇكاپات بۇيۇمىمۇ ئالتۇن خوراز مودېلى.

«ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، سايلاش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. باھالاپ سايلاش كومىتېتى جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان جەمئىيەتتە تەسىرى چوڭ كىنو سەنئەتكارلىرى، كىنو ئوبزورچىلىرى، كىنو تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ 25 تەك ئادەمدىن تەشكىللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، شۇ يىلقى باھالاپ مۇكاپاتلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىئالتۇن خوراز مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم، ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم، تىياتىر فىلىمى قاتارلىق فىلىم مۇكاپاتلىرى، يەنە ئەڭ ياخشى سېنارىست، رېژىسسور، گۈزەل سەنئەت لايىھىلىگۈچى، كومپوزىتور، كېسىپ ئۇلىغۇچى، كىيىمچىك، دېكوراتور قاتارلىق سەككىز خىل تاق تۈردىكى مۇكاپات تەسىس قىلىنغان. زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارغا ئالاھىدە مۇكاپات ۋە شەرەپ مۇكاپاتىمۇ قوشۇلىدۇ، بۇلار شۇ يىلى نامزات كۆرسىتىلگەن فىلىملەر ئارىسىدىن باھالاپ سايلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

ئىزدىنىش تورى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#