ئالاتاۋ ئارىشىڭى

 ئالاتاۋ ئارىشىڭى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئالتاي تېغى، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۈز سىزىق ئارىلىقى 140 كىلومېتىر، جەنۇبىي ئالتاي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 1400 مېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئالاتاۋ ئارىشاڭ
چەتئەلچە نامى Alashan SPA
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزل ىكى 1400 مېتىر
خەنزۇچۇ نامى 阿拉善温泉
ئورنى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى
بۇلاق كۆزى 17 دانە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالاتاۋ ئارىشاڭ ئالاتاۋ ئارىشىڭى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئالتاي تېغى، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۈز سىزىق ئارىلىقى 140 كىلومېتىر، جەنۇبىي ئالتاي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 1400 مېتىر كېلىدۇ، ئالاتاۋ ئارىشاڭىدا 17 ئورۇندا چوڭ-كىچىك بۇلاق بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئارشاڭ، سۇ تېمپېراتۇرىسى 30 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. بىر قەدەر داڭلىق بۇلاق كۆزلىرىدىن: يۈرەك بۇلاق، قان بۇلاق، سوغۇق بۇلاق، سۈت بۇلاق، ئاشقازان بۇلاق، يىلان بۇلاق. بۇلاق سۈيى تېمپېراتۇرىسى، رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇلاق دىئامېتىرى تەخمىنەن 40 سانتىمېتىر، ھەر ئۈچ مىنۇت بىر قېتىم شىمالغا قاراپ ئېتىلىدۇ، سۇ تۈۋرۈكى ئېگىزلىكى 80 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، بۇلاق سۇ تېمپېراتۇرىسى 34 گرادۇستىن 60 گرادۇسقىچە بولىدۇ، سۇ تەركىبىدە خىلمۇخىل مىكرو ئىلمىنتلار بار، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق، بولۇپمۇ تەركىبىدە رادون بولغان رادون ئارىشاڭلىرى، تېخىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان، رېماتىزم بوغۇم ياللۇغى، نېرۋا خاراكتېرلىك ئاغرىش، ئاشقازان كېسىلى، تېرە كېسىلى ۋە زەخىملىنىش كېلىپ چىققان بەل - پۇت ئاغرىش قاتارلىق كۆرۈنەرلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار. ئارىشاڭ ئەتراپىغا يەنە نەچچە ئېغىز بىرلا ۋاقىتتا 10 نەچچە ساياھەتچى يۇيۇنغىلى بولىدىغان مۇنچا بار، سۇ تېمپېراتۇرىسى 50 گرادۇس ئەتراپىدا، ئۇ شۇ جايدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىسى گۈزەل، كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت قىلىدىغان، ئارام ئالىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. 

ئالاتاۋ ئارىشاڭئالاتاۋ  ئارىشىڭىنىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى: ئەتىياز ۋە ياز پەسلى ئەڭ ياخشى ساياھەت پەسلى ھېسابلىنىدۇ، ياز پەسلىدە كىلىمات مۆتىدىل بولۇپ، دالىدا شەبنەم ناھايىتى ئېغىر، ئەڭ ياخشى سۇ ئۆتمەس ئىشتان كىيىپ ۋە سۇ ئۆتمەس ئاياغ كىيسە ياخشى. چوقۇم ئېلىپ ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى، كۈندىلىك دورا قاتارلىقلارنى چوقۇم ئېلىپ يۈرۇش لازىم. ئالاتاۋ ئارىشاڭىدا يېمەك-ئىچمەك قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملار بار: ئەتكەن چاي، پولو، تەملىك مانتا، نارىن، ئاچچىق قاپاق ۋە ئۈچەي ، نان، لەڭمەن، يەرلىك ئۇششاق يېمەكلىكلەر  قاتارلىقلار بار. ئالاتاۋ ئارىشاڭ مال سېتىۋېلىش ئورنىدا، ئىلى قازاق مىللىتىنىڭ كەشتىچىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى بار، ياغاچ ئويما ( ياغاچ ئاياق، ياغاچ قوشۇق، ياغاچ گۈل تەشتىكى قاتارلىقلار )،  مۈڭگۈزسىمان قامچا، شىبە خۇشپۇراق خالتىسى ۋە ھەر خىل مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە زىبۇ - زىننەت، قولدا ياسالغان بېزەك بويۇملار ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#