ئەرمۇدۇن دەرىخى ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەرمۇدۇننىڭ ئۇرۇقى بولۇپ ئەرمۇدۇن دەرىخى ئۇرۇقى ياكى لىنسانۇل ئاسافۇر نامـىدا دورىـغا ئىـشـلـىتىـلىـدۇ.
رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىن، تايلاند، ھىندىستان، ھىندىنوزىيە قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
پەي، مۇسكۇل، تارامۇشلارنى چىڭىتىش ،باھنى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنى كۆپەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئۇرۇقىدا %16 ماي ،دەرەخ پوستىدا ئىسكولىن (Aesculin)، ئىسكولىتىن (Aesculetin)، تاننىن، بۇنىڭدىن باشقا ماننىتول، فىراكىسېتىن (Fraxetin) ، فىراكىسىن (Fraxin)قاتارلىقلارمۇ بار.
پەي،مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئۇلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.
1. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.
2. سۈيدۈك مىقدارى ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
3. قان تومۇر ، ئۈچەي يوللىرى ، بالياتقۇ قاتارلىقلارغا تەسىرى بار .
4. بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش تەسىرى بار.
1. 10 گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى مېغىزى بىلەن 2 دانە تۇخۇم سېرىقىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە كۆپ ئىھتىلام بولۇشقا شىپا بولىدۇ .
2. ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، ھەجىرۇل يەھۇد ، ئوغرى تىكەن ، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئېزىپ سۇپۇپ تەييارلاپ كۈندە ئىككى ۋاخ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلايدۇ .
3. يەككە ھالەتتە ئېزىپ مۇۋاپىق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.
پەي مۇسكۇللار بوشىشىش، بەل ئاغرىش، بالياتقۇ ياللۇغى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، جىنسى ئاجىزلىق، ئېھتىلام بولۇش، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.