چاققاق ئوت
چاققاق ئوت بولسا كەندىر يوپۇرماقلىق چاققاقئوتنىڭ يەر ئۈستى قىسمى بولۇپ، ان ئايلىنىـشـنى راۋانلاشـتۇرۇش، زەھـەر قايـتـۇرۇش، قـان توخـتىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاققاق ئوت بولسا چاققاقئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كەندىر يوپۇرماقلىق چاققاقئوتنىڭ يەر ئۈستى قىسمى بولۇپ،چاققاقئوت نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن تېنىدە چاققاق تۈكلىرى بار،تىرىگە تەگسە چايان چاققاندەك كۆيۈپ ئاغرىيدۇ. پۇرۇقى سۇس،7-8- ئايلاردا يەر ئۈستىدىكى قىسمىنى ئوراپ ئېلىپ يېغۋىلىنىدۇ . شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ، تاغ-دالىلاردا، يول چېتىدە، يايلاقلاردا، ئۆسىدۇ.
سۇدىكى قايناتمىسىنى كىچىك چاشقانغا ئىچكۈزگەندە، كۆرىنەرلىك بولغان قان ئۇيۇشۇشقا قارشى تۇرۇش تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. چاققاق ئوت، ئارپا بەدىيان، كۈدە ئۇرغى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە يەل تارقىتىپ ،قورساق كۆپۈشكە شىپا بولىدۇ.
2. چاققاق ئوت، چاققاق ئوت يىلتىزى، چايان قاتارلىقلاردىن يەتتە گىرامدىن ئېلىپ ئېزىپ، زەھەرلىك يىلان چاققان ئورۇنغا چاپسا زەھەر قايتۇردۇ.
3. چاققاق ئوتنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا تېمىتسا بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.
چاققاقئوتنىڭ يەر ئۈستى قىسمى
شەربىتى بەرەس، تەرياقى ئەربەئى، ھەببى ئەنجىرە.
رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى، يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى، پۇت-قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى، تۇغۇتتىن كېيىنكى تارتىشىپ قېلىش، بالىلاردىكى چۆچۈش ۋە زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش، يەلتاشما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) ، [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.