شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل بولغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ بىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر بەلگىسى خاراكتېرلىك ئىمارىتى ھېساپلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى
پۈتكەن ۋاقىت 2011-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆国际会展中心

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىشىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىيا غا جايلاشقان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل بولغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ بىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر بەلگىسى خاراكتېرلىك ئىمارىتى ھېساپلىنىدۇ، «جۇڭگو __ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزىدۇ، چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن خەلقئارالىق ساراي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى غا جايلاشقان، قىزىل نۇر تاغ يولى 3-نومۇر. 

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىشىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى، جۇڭگو __ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسىي مەيدانى، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن، ئىلگىرى 19 نۆۋەت ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. 2008-يىلى 5-ئايدا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىلغان، ئاخىرىدا، ۋۇخەن شەھىرى بىناكارلىق-قۇرۇلۇش لايىھىلەش ئىنىستىتوتى «تەڭرىتاغدىن كۆتۈرۈلگەن ھىلال ئاي» لايىھەسى تاللانغان.

يېڭىدىن سېلىنغان شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ زال ئىچى كۆلىمى 45 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، خەلقئارا ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى 3000 ئورۇن تەسىس قىلىنغان؛ ئۆي سىرتى كۆرگەزمە مەيدانى كۆلىمى 50 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكەن ھەمدە خەلقئارا يىغىن مەركىزى ۋە بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا تەسىس قىلىنغان. 

شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىشىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ زال ئىچى كۆرگەزمە كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات مېتىرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ يەر ئاستى قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىڭ كۋادرات مېتىر؛ ئۆي سىرتىدىكى مەيدان ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 19.94 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئۆي سىرتى كۆرگەزمە مەيدانى 45 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ زال سىرتى كۆرگەزمە كۆلىمى 0.965 مىڭ كۋادرات مېتىر بولغان. 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ماشىنا توختىتىش مەيدانى 40 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئالدىدا مەيدانى 25 مىڭ كۋادرات مېتىر، باغ-ئورمان كۆكەرتىش 8.94 مىڭ كۋادرات مېتىر. ئۇزۇنلۇقى 486 مېتىر، كەڭلىكى 130.5 مېتىر. كۆرگەزمە زالى چوڭ چات ئارىسى جاڭ شيەن لىمى، ئۇزۇنلۇقى 108 مېتىر، دۆلەت ئىچىدىكى 3-چوڭ چات ئارىسى. يىغىن مەركىزى لايىھىلەش شەكلى ئېللىپس تولۇن ئاي، لايىھەلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە خادىملارنىڭ ئۆز زامانلاردىكى ئوخشاش ئىمارەتلەرنىڭ كۆلەم جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. 

كۆرگەزمە مەركىزىدە ئاساسىي كۆرگەزمە زالىدىن ئالتىسى تەسىس قىلىنغان، يىغىن مەركىزىدە 4000 كىشىلىك يىغىننىڭ كۆلىمىنى ھازىرلانغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#