ھېنرى

ھېنرى نيۇيورك شتاتىدىكى نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 12 يېشىدا ئوقۇشسىز قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت قىلغاچ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان پەنلەرنى ئىگىلەپ بولۇپ، 21 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇغان. 1832-يىلى، 35 ياشلىق ھېنرى فىزىكا پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھېنرى
باشقا نامى Joseph Henry
تۇغۇلغان ۋاقتى 1797-يىلى
كەسپى ئېلېكتر ئىلمى ئالىم
خەنزۇچە ئىسمى 约瑟夫·亨利
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1878-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھېنرىھازىر شەھەر ئاھالىلىرى ئېلېكترونلۇق ئاپتوماتىك چاقماق قۇراشتۇرۇلغان گاز ئوچىقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئاچقۇچنى بۇرىساقلا، گاز يېقىلىدۇ. بۇنداق قۇلايلىق ئوچاق يېقىنقى يىللاردا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قائىدىسىنى، ئۆتكەن ئەسىردە، ئامېرىكىلىق ئالىم ھېنرى (1797-1878) بايقىغان. 

ھېنرى نيۇيورك شتاتىدىكى نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 12 يېشىدا ئوقۇشسىز قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت قىلغاچ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان پەنلەرنى ئىگىلەپ بولۇپ، 21 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇغان. 1832-يىلى، 35 ياشلىق ھېنرى فىزىكا پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان، 1846-يىلى ۋاشىنگتون سىمىتسون ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېلېكتر ماتور، مودېل تېلېگراف ماشىنىسى، رېلىي قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلغان. 

ھېنرىكاتۇشكىدىكى ئۆز ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنى بايقىغانلىقى − ھېنرىنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى. 1829-يىلى، ئۇ تېخىمۇ زور تارتىش كۈچىگە ئىگە ئېلېكتر ماگنىتنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقاندا تۆمۈر ئۆزەككە ئورالغان كاتۇشكىدىكى توك توختىغاندا، ئېلېكتر ئۇچقۇنى پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن تەكرار-تەكرار تەجرىبە ئىشلەپ بۇ ھادىسىنى ئېنىقلاپ چىققان ھەمدە ئۆز ئىندۇكسىيە قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېلېكترونلۇق ئاپتوماتىك چاقماق قۇرۇلمىسى مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن كەشىپ قىلىنغان. 1830 -يىلى، ھېنرى ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئارىسىغا ئۆتكۈزگۈچ سىم ئورالغان تۆمۈر تاياقچىنى قويغان ۋە ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ ئىككى ئۇچىنى گالۋانومېتىرغا ئۇلىغان. ئۇ ئېلېكتر ماگنىتتىكى ئۆتكۈزگۈچ سىم ئۇلانغان ياكى ئۈزۈلگەن ھامان گالۋانومېتىر ئىسترېلكىسىنىڭ ئاغىدىغانلىقىنى كۆرگەن. مانا بۇ ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسى ئىدى، ھېنرى ئۇنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان بولسىمۇ، ئېلان قىلمىغاچقا، ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى ھادىسىسىنى بايقاش تۆھپىسى ئۆز نەتىجىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلغان فارادىغا مەنسۇپ بولغان. 1842-يىلى، ھېنرى تەجرىبىخانىغا ئۇچقۇن يوچۇقى قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 30 نەچچە فۇت ئارىلىققا ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كاتۇشكا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كاتۇشكا بىلەن گالۋانومېتىر ئۇلىنىپ، توك يولى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۇچقۇن يوچۇقى قۇرۇلمىسىدىكى ئېلېكتر ئۇچقۇنى چاقنىغاندا، كاتۇشكىغا ئۇلانغان گالۋانومېتىرنىڭ ئىسترېلكىسى ئاغىدۇ. بۇ تەجرىبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، ئەمەلىيەتتە، رادىئو دولقۇنىنىڭ تارقىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھېنرىنىڭ تەجرىبىسى ھېرتىسنىڭ رادىئو تەجرىبىسىدىن 40 نەچچە يىل بالدۇر بولسىمۇ، ئەينى چاغدىكى كىشىلەر، جۈملىدىن ھېنرىمۇ بۇ تەجرىبىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەن.  

ھېنرىنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى ۋە ئاۋۋال بايقىغانلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان. بىراق، ھېنرى يەنىلا مەشھۇر ئېلېكتر ئىلمى ئالىمى بولۇشقا مۇناسىپ. كېيىنكىلەر ھېنرىنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ ئىندۇكتىپلىق ھادىسىسىنى بايقىغانلىقىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ئىندۇكتىپلىقنىڭ بىرلىكىنى «ھېنرى» دەپ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#