ئەجدىھا كۆل مەنزىرىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۇچا ناھىيەسى نىڭ 140 كىلومېتىر شىمالىدىكى تەڭرىتاغنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بۇلۇپ، چوڭ-كىچىك ئىككى ئەجدىھا كۆلى بار. بۇلار تەڭرىتاغنىڭ يىغلىما سۈيى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئېگىز تاغدىكى ئارتىزىئان كۆلى. چوڭ ئەجدىھا كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2390 كىلومېتىر ، كۆلىمى 2 مىليون 500 مىڭ كۋادرات مېتىر، كىچىك ئەجدىھا كۆلى چوڭ ئەجدىھا كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2320 مېتىر، كۆلىمى 2500 كۋادىرات مېتىر، چوڭ ئەجدىھا كۆلىنىڭ سۈيى سىرغىپ كىچىك ئەجدىھا كۆلىگە كىرىدۇ. كىچىك ئەجدىھا كۆلىنىڭ سۈيى شارقىراتما بىلەن دەرياغا قۇيۇلىدۇ. كۆللەرنىڭ سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك، تۆت ئەتراپى تاغلار بىلان ئورالغان، تاغ چوققىسىنى قار قاپلىغان. تاغ باغرىدا ياپيېشىل شەمشادزارلىقلار بار. جىلغىلاردىن ئېقىپ چۈشكەن سۇلار، ياپيېشىل ئوتلاقلاردىكى قوي، كالا پادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبئىي مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل.
مايتاغ ____ كۇچا تاشيولىنىڭ ئەجدىھا كۆلىنى بويلىغان «تەلەمەت» داۋىنىدىكى تونىلدىن ئۆتۈپ بايىنبۇلاق يايلىقىغا بارغىلى بولىدۇ، يەنە بۇ يول ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتىگىمۇ بارغىلى بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.