ASP.NET
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ASP.NETASP.NET بولسا Web ئەپلىرىنى ھەركەتچان بەت قۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇلازىمېتىر تەرەپ Web ئەپى رامكىسى. بۇ تىل Microsoft تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، پىروگراممىلار ئۇنىڭ ئارقىلىق ھەرىكەتچان توربەتلىرىنى، Web ئەپلىرىنى ۋە Web مۇلازىمېترىنى قۇرالايدۇ. 2002-يىلى 1-ئايدا تۇنجى قىتىم ئېلان قىلىنغان .NETFrameWork1.0 نۇسخىسى بولسا Microsoft نىڭ ئاكتىپ مۇلازىمېتىر بېتى (Active Server Page) غا بولغان ۋارىسلىق قىلىش ۋە كېڭەيىتمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ASP.NET بولسا ئاممىۋىي تىل ئىجرا ۋاقتى (Common Language Runtimee) ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ، ھەمدە پىروگراممىرلار ھەرقانداق Net نى قوللايدىغان پىروگرامما تىلى ئارقىلىق ASP.NET كودلىرىنى يازالايدۇ.
1996-يىلى ASP 1.0 نۇسخىسى 1.0 پەيدا بولغان، ئۇ Web ئېچىشنىڭ يېڭى ئىنقىلابىنى قوزغىغان، دىنامىكىلىق تور بەت ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەتكەن.
1998-يىلى، مىكرو سوفت شىركىتى ASP 2.0 نى ئېلان قىلغان.
2000-يىلى 6-ئايدا، مىكروسوفت شىركىتى ئۆزىنىڭ NET رامكىسىنى ئېلان قىلغان.
2001-يىلى ASP.NET باش كۆتۈرۈپ چىققان. 2002-يىلى مىكروسوفت .NET نىڭ .NET Framework 1.0 ناملىق رەسمىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىغان.
2003-يىلى مىكروسوفت .NET Frameworrk 1.1 نىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىغان.
2005-يىلى مىكروسوفت .NET Framework 2.0 نىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىغان، يەنى ASP.NET 2.0 نى ئېلان قىلغان.
كۆپ تىلنى قوللاش؛
ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان؛
تۈرى ۋە نام بوشلۇق؛
مۇلازىمىتىر كونترول قىلىنغان؛
web مۇلازىمىتىنى قوللايدۇ؛
تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىخەتەرلىكى؛
سوزۇلۇشچانلىقى ياخشى؛
Cookie سۆزلىشىش يوق؛
ئىشلىتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ASP.NET نىڭ ھەرىكەت جەريانى بەت تەلىپى، ئانالىز قىلىش، تەرجىمە قىلىش، قۇراشتۇرۇش، بەت توقۇنۇشنى پەسەيتش قاتارلىق بەش چوڭ ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشاش بىر بەت 2 قېتىم ئىلتىماس قىلنغان ۋاقىتتا، بارلىق ئوتتۇرا ھالقىلاردىكى مۇلازىمەت قۇبۇللىغۇچ سەكرەپ، بىۋاسىتە بۇفېرلىق ساقلىغۇچ ئىچىدە توك يوللاش بەت تەلەپ قىلىش نەتىجىسىنى چىقىرىدۇ.
ئالىي مائارىپ تور باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش، تېخنىكا باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش، Asp.net تېخنىكا باشقۇرۇش، تېخنىكا يېڭىلاش جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقان. [2]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.