مىكېل ئانگېلو

مېكىل ئانگېلو

مېكىل ئانگېلو 1475-يىلى ئىتالىيىنىڭ كاپرېس دېگەن كىچىك بىر تاغلىق كەنتىدە تۇغۇلغان. بۇ كەنت فلورېنسىيىگە تەخمىنەن 40 ئىنگىلىز مىلى كېلەتتى. ئۇنىڭ تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىكېل ئانگېلو
باشقا نامى Michelangelo di Lodovico Buonarroti Simoni
تۇغۇلغان ۋاقتى 1475-يىلى
كەسپى رەسسام، ئويمىكار، ئارخىتېكتور
خەنزۇچە ئىسمى 米开朗基罗·波纳罗蒂
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1564-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېكىل ئانگېلوئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئۇلۇغ سەنئەتكەر مىكېل ئانگېلو ئىنسانىيەت سەنئەت تارىجىدىكى مەشھۇر شەخس. ئۇ-رەسسام، ئويمىكار، ئارخىتېكتور. ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مول سەنئەت ئەسەرلىرى تۆت ئەسىردىن بۇيان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكەنىدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋرۇپانىڭ رەسساملىق ۋە ئويمىچىلىق سەنئىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

مېكىل ئانگېلو 1475-يىلى ئىتالىيىنىڭ كاپرېس دېگەن كىچىك بىر تاغلىق كەنتىدە تۇغۇلغان. بۇ كەنت فلورېنسىيىگە تەخمىنەن 40 ئىنگىلىز مىلى كېلەتتى. ئۇنىڭ تالانتى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 13 يېشىدا بىر مەھەل فلورېنسىيلىك رەسسام گىرلاندائو (oiadnalrihG) غا شاگىرتلىققا كىرگەن. 15 يېشىدا فورېنسىيە ھۆكۈمرانى لورىنزو ئۇنى سورىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئوردىدا تۇرىدۇ. ھەمدە لوزىنززونىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولىدۇ. مىكېل ئانگېلو ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى رىم ۋە فلورېنسىيىدە ئۆتكۈزىدۇ، پاپا ۋە ھۆكۈمرانلاردىن ئۇنى سەنئەت بويۇملىرى لايىھىلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلمىغانلىرى يوق دىيەرلىك. ئۇ 89 يېشىدا، تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھارپا كۈنى رىمدا ۋاپات بولىدۇ. ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن.

مېكىل ئانگېلوگەرچە مىكېل ئانگېلونىڭ يېشى ئۇنىڭدىن سەل چوڭ بولغان زاماندىشى داۋىنچىدەك ئەقىل-پاراسىتى بولمىسىمۇ، ۋەھالەنكى، مەن مىكېل ئانگېلونىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سەنئەت تالانتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى داۋىنچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. مىكېل ئانگېلو ئىنسانىيەت پائالىيىتى ساھەسىنىڭ ئىككى جەھەتىدە ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بىردىنبىر سەنئەتكار. ئۇنى رەسسام دېگەندە، ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىگە، كېيىنكى سەنئەتكارلارغا قالدۇرغان تەسىرى ۋە ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇنى يۇقىرى پەللىگە يەتتى دېسەك بولىدۇ. ئۇ رىمدىكى سىستىن چېركاۋىنىڭ تېمى ۋە تورۇسىغا سىزغان يوغان سۈرەتلەر تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەت مۆجىزىسى دەپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىراق مىكېل ئانگېلو ئۆزىنى بىر ئويمىچى دەپ ھېسابلايدۇ، نۇرغۇن ئوبزورچىلار ئۇنى تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئويمىكار دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئويما ئەسىرى «داۋىد» ، «مۇسا» ۋە «قۇل» لار تەڭداشسىز سەنئەت جەۋھەرلىرىدۇر. 

مىكېل ئانگېلو يەنە تېخى تالانتلىق ئارخىتېكتور. فلورېنسىيىدىكى مېدىكى چېركاۋى ئۇ لايىھىلىگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلاردۇر. رىمدىكى سېن-پېتىر چېركاۋىنى لايىھىلەش جەريانىدا، ئۇ ئاساسلىق لايىھىلىگۈچى سۈپىتىدە كۆپ يىل ئىشلىگەنىدى.

مىكېل ئانگېلو ھەم ھىسسىياتلىق شائىر. ئۇ ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان، بىزگە مەلۇم بولغىنى 300 پارچىغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن رەتلەپ نەشىر قىلىنغان، مانا بۇ ئۇنىڭ تالانتلىق شائىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#