نەرگىس دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. نەرگىس ()
  2. نەرگىس (خام دورا )
پاتىمە (نەرگىس)

«ھىندىستان كىنو ئېكرانىدىكى بىرىنچى خانىم» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇشەررەپ بولغان نەرگىس ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىدىكى چاقناپ تۇرغان بىر نۇرلۇق چولپان. ئۇ 1950-يىللارنىڭ بېشىدا ھىندىستان نىڭ ئاتاقلىق كىنو سەنئەتكارى راجى كاپور بىلەن بىرلىكتە رول ئالغان «سەرگەردان» ناملىق ھېكايە فىلىم خەلقئارادا زور تەسىر قوزغاپ، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن غايەت زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن. نەرگىس جۇڭگو كىنو تاماشىبىنلىرىنىڭ قەلبىدە «رىتا» نامى بىلەن مەشھۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نەرگىس
باشقا نامى پاتىمە
يۇرتى كاللۇتتا شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئەسلى ئىسمى پاتىمە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纳尔吉司·杜特
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1929-يىلى
كەسپى كىنو ئاتىسى، سېنارىست، كىنو رېژىسسورى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاتىمە (نەرگىس)نەرگىسنىڭ ئەسلى ئىسمى پاتىمە بولۇپ، 1929-يىلى ھىندىستان نىڭ كاللۇتتا شەھىرىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى دوختۇر، ئانىسى مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان داڭلىق ناخشىچى بولۇپ، كېيىن ھىندىستان كىنو رېژىسسورى بولۇپ، ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال سېنارىست ۋە كىنو رېژىسسورى بولۇپ تونۇلغان. 

نەرگىس كىنو ساھەسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا، ئاساسلىق ۋاقتىنى، ئىقتىسادىنى ھەمدە پۈتۈن زېھنىنى جەمئىيەت پاراۋانلىقى ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ، «رىتا» غا ئوخشاش ساپ مېھرىبان ئانىلارغا خاس مېھىر بىلەن بەختسىز بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى قەدىرلەپ، 1980-يىلى ئۇنى ھىندىستان فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا تەيىنلەيدۇ. 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ھىندىستان كىنو مۇنبىرىدىكى نۇرلۇق چولپان نەرگىس ئاشقازان ئاستى بېزى راكى تۈپەيلىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئامېرىكىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 52 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. 

كىچىك پاتىمەن تۇغۇلۇشىدىنلا چىرايلىق، شوخ، ئەقىللىق ئىدى. ئۇ بەش يېشىدا ئانىسى رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە باش رول ئالغان «ھاياتلىق ھوقۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش» فىلىمىدە تارتىنچاق جىمىغۇر، ئويچان بىر كىچىك قىزنىڭ رولىنى ئېلىپ، كىنو ساھەسىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باسىدۇ. بىراق ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن كىنوغا بولغان قىزىقىشى بارا-بارا سۇسلىشىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ مەزگىلدە دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭ بولغاندا داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ باشقىلار ئۇنىڭغا كىنو ئارتىسى بولۇش توغرىسىدا سۆز ئاچسىلا ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭغا ئارتىس بولماسلىق توغرىسىدا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلار نەرگىسنى ھەپتىدە بىر قېتىملا ئۆزلىرى تاللاپ بەرگەن كىنونى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ. 

پاتىمە (نەرگىس)پاتىمە بىر قېتىم ئۇ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىغا ئوينىغىلى بارغىنىدا، ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو رېژىسسورى مەخپۇزغا يولۇقۇپ قالىدۇ. مەخپۇز ئۇنىڭغا : «ئۆزىڭىزنى كىنو ئېكرانىدا كۆرۈشنى خالامسىز؟ سىزنى كۆرۈنۈشكە تارتىپ قوياي» دەيدۇ. كىچىك پاتىمە رېژىسسورنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ ماقۇل بولىدۇ رېژىسسور ئۇنىڭغا بىر باغاقچىنى ئوقۇپ بېرىشكە بېرىدۇ. ئۇ باغاقچىدىكى سۆزىنى ئوقۇپ بولۇشىغىلا، كۆپچىلىك تۇشمۇ تۇشتىن «فىلىمدىكى كىچىك قەھرىمان تېپىلدى» دەپ چۇقان سېلىشىپ كېتىدۇ. ئەسلىدە رېژىسسور ئۇنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كىنوغا جەلپ قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رېژىسسورنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ «تەقدىر» ناملىق ھېكايە فىلىمىدە رول ئېلىشقا ماقۇل بولىدۇ ۋە تۇنجى قېتىم باش رول ئالىدۇ. 

1943-يىلى ئۇ باش رول ئالغان بۇ فىلىم قويۇلۇش بىلەنلا تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاتىمە تۇنجى فىلىمىدىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تېزلىكتە تونۇلىدۇ. تۇنجى ئېكران قەدىمىدىن زور ئىلھام ئالغان پاتىمە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دوختۇر بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ بىر ئۆمۈر كىنو ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلايدۇ ۋە ئۆزىگە ئاق رەڭ سىمۋول قىلىنغان نەرگىس دېگەن ئىسىمنى سەنئەت تەخەللۇسى قىلىپ قويىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەنىدى. «تەقدىر» ناملىق فىلىم ئۇنىڭغا ئۈچۈن بىر ياشلىق باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ سەنئەتتىكى تالانتى ئۇنىڭغا كىنوچىلىق ساھەسىدە داغدام يول ئېچىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ نەرگىس باش رول ئالغان فىلىملەر كەينى-كەينىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلايدۇ. تاماشىبىنلار ئۇ ياراتقان پېرسوناژلار ئوبرازىدىن تەسىرلىنىپ : «نەرگىستە قىلچىمۇ تەكەببۇرلۇق، ياسالمىلىق يوق، رول ئېلىشى ئىنتايىن تەبىئىي، ئۇنىڭ فىلىملىرىنى كۆرگەندە ئۆزىمىزنىڭ كىنو كۆرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىمىز...» دېيىشىدۇ. 

ھىندىستاننىڭ پېشقەدەم كىنو رېژىسسورى كاشاپ نەرگىسنىڭ 2-فىلىمىنى ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدىكى يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : «بۇ فىلىمىدە نەرگىس نىكاھسىز تۇغۇلغان بىر قىزنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، فىلىمدە ئانا بۇ ئىشنى قىزىدىن يوشۇرىدۇ. بىر كۈنى، ۋاتىلداق ئايالدىن بىرى بۇ خۇپىيانە ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويىدۇ، ئۇ ئۇچقاندەك ئۆيگە بېرىپ ئانىسىدىن دەرغەزەپتە بۇ ئىشنى سورايدۇ. ئاتا ئىلاجسىز بولغان ئىشلارنى قىزىغا دەپ بېرىدۇ. قىز ئانىسىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئانىسىغا ھېسداشلىق قىلىپ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ باغرىغا ئاتىدۇ. گەرچە بۇ فىلىم ۋەقەلىكى ئاددىي بولسىمۇ، نەرگىسنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتى ئىنتايىن تەبىئىي، چىن ئىدى، بىزمۇ ئۇنىڭ ھېسسىياتىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدۇق، ھەتتا بەزىلەر كۆز يېشى قىلىشتى... كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان بولسىمۇ، مەن ئارتىسىتنىڭ ھېسسىياتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئويلاپ، سۈرەتكە ئېلىشنى دەرھاللا توختىماي ۋاقىتنى بىر پەس سوزۇشنى ئېيتتىم. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن رېژىسسور نەرگىسىنى ئورنىدىن تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى. لېكىن، نەرگس مىدىر-سىدىر قىلمىدى. ئەسلىدە ئۇ رول ئېلىۋېتىپ ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئايلىنىپ بىھوشلانغانىدى. بۇنى كۆرگەن نەق مەيداندىكىلەر چۆچۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن نەرگىسنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق تىل-ھاقارىتىگە ئۇچرىدىم.» 40-يىللاردىكى ھىندىستاندا «ياخشى ئائىلىنىڭ قىزلىرى ئارتىس بولمايدۇ» دېگەن سۆز كەڭ ئومۇملاشقانىدى. نەرگىس ئېكران مۇنبىرىگە قەدەم باسقاندىن كېيىن، كېيىنشى ئاددىي-ساددا، يۈرۈش-تۇرۇشى ئەدەپلىك، ئېكران ئوبرازى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، تەسىرلىك بولغاچقا، كىشىلەردىكى كۆز قاراش بىراقلا ئۆزگىرىپ، ھىندىستان كىنو مۇنبىرىدە يېڭىچە بىر كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان خەلقى ئۇنى «ئەخلاقلىق، جەزبىلىك، تالانتلىق كىنو چولپىنى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. 1948-يىلىنىڭ بىر كۈنى، فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسور، ئارتىس راجى كاپور نەرگىسنىڭ ئانىسىنى زىيارەت قىلىپ قىزىنىڭ ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماقۇل بولۇشىنى ئۆتۈنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا 19 ياشقا كىرگەن نەرگىس ئاللىقاچان ناھايىتى داڭلىق ئارتىس بولۇپ قالغانىدى، لېكىن راجى كاپورنى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. نەرگىسنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا : «راجى كاپور بىلەن ئۆزىنىڭ تۇنجى فىلىمىنى ئىشلىمەكچى بولۇۋېتىپتۇ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىمىز لازىم» دەپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەمكارلىشىپ كەينى-كەينىدىن «ئوت»، «يامغۇر»، «سەرگەردان» فىلىمىنى ئىشلەپ ئۈچ فىلىمىدە ئەر ۋە ئايال باش پېرسوناژ رولىنى ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ھىندىستان كىنوچىلىقىدا «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەيدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال ئارتىس» دەپ تەرىپلىنىدۇ ۋە دۇنيادا داڭق چىقىرىدۇ. نەرگىس 40-يىللاردا مەشھۇر ئەسەرلەردىن «رومىئو-ژولىتتا»، «لاھۇر»، «تەلەي»، «بۇتخانا سەيلىسى» قاتارلىق نۇرغۇن فىلىملەردە باش رول ۋە ئاساسلىق روللارنى ئالىدۇ. 

«سەرگەردان» نەرگىس بىلەن راجى كاپور ھەمكارلاشقان ئۈچىنچى ھېكايە فىلىم بولۇپ، بۇ نەرگىسنىڭ ئېكران ھاياتىدىكى 27-فىلىمى ئىدى. بۇ چاغدا نەرگىس ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ئىدى. نەرگىس بىلەن راجى كاپورنىڭ كەينى-كەينىدىن ئۈچ فىلىمدە ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۇلار تەڭلا خەلقئارادىكى كىنو چولپانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ۋە خەلقئارادا ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ئارتىس دەپ ئاتالدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئۇلار ئېكراندىكى بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلۇقتىن بارا-بارا ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى سىرداش دوستلارغا، كېيىنچە ھەقىقىي ئاشىق-مەشۇقلارغا ئايلاندى، تاكى ھازىرغىچە مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇلارنى ئەر-خوتۇنلار دەپ خاتا تونۇپ كەلدى. راجى كاپور بىلەن نەرگىس ئۆز تۇرمۇشىدىكى ۋاپادار ھەمراھلاردىن بولۇپ قېلىشنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ توي ئىشى راجى كاپورنىڭ دادىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئارتىستىن كېلىن تېپىشنى خالىمايدىغان كىشى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ توي ئىشى ئەمەلگە ئاشمىدى. ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق كىنو سېنارىستى ۋە دراماتورگى ئابباس نەرگىسنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنى «رول ئېلىشى تەبىئىي، ئەخلاقىي-پەزىلىتى ئېسىل، كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ» دەپ ماختىغانىدى. 

1950-يىلى راجى كاپور نەرگىسنى «سەرگەردان» فىلىمىدە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغاندا ئۇنىڭغا : «سىز رولنى ئالىدىغان رىتا ئىسىملىك پېرىژسوناژ ھىندىستاننىڭ ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمى، ئەخلاقى ۋە بايلىقى ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىزدەيدۇ. گەرچە ئۇ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستاندىكى ئەسلىدىن بار بولغان كەمتەرلىك ۋە ئاددىي-سادىلىق ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان ؛ ئۇنىڭدا شەرق ۋە غەربنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتىمۇ بار، ئۇ ھەر قانداق تەربىيىنى ئالغان ئەرلەر ۋە گۈزەل ئاياللار ئالدىدىمۇ ئىپتىخارلانغان ھالدا قەددىنى رۇسلاپ تۇرالايدۇ» دەيدۇ. نەرگىس ئېكراندا دەل مۇشۇنداق ئالىيجاناب پەزىلىتى، ساپ مۇھەببىتى ۋە ھېسسىياتى ئارقىلىق رىتادىن ئىبارەت رۇخسارى ۋە قەلبى ئوخشاشلا گۈزەل بولغان تەسىرلىك ئوبرازنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. نەرگىس مۇنداق دەيدۇ : «مەن < سەرگەردان > فىلىمىدىكى قىز رىتانىڭ رولىنى ئالدىم. ئۇ بىر سەرگەرداننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇنى يېڭىۋاشتىن جەمئىيەتكە سادىق، سۆيۈملۈك ۋە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقتى». «سەرگەردان» فىلىمى بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئىدىيىۋىلىكى چوڭقۇر، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، بىر-بىرىگە زىچ جىپسىلاشقانلىقى، ئارتىسلارنىڭ ئورۇنداش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، چىنلىقنى ئەينەن ئىپادىلىگەنلىكى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل تاماشىبىنلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى.ئېلىشىغا ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، نەرگىسمۇ دۇنياغا مەشھۇر كىنو چولپىنى بولۇپ، قالىدۇ. سەرگەردان فىلىمى ئۈستىدە توختالغاندا راجى كاپور : «مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمنىڭ سىرى، مەڭگۈ خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقىمدا، ئەگەر بىر فىلىم خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشسۇن دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا چوقۇم خەلقنىڭ قەلبىدىكى ھېسسىياتىنى، مۇھەببىتىنى، نەپرىتىنى ئىپادىلىشىمىز لازىم. < سەرگەردان > دا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە دەل ئەينى يىللاردىكى خەلقنىڭ كۈچلۈك ھېسسىياتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى»، «مەن ياخشى ئادەمنىڭ ئوغلى چوقۇم ياخشى بولىدۇ، يامان ئادەمنىڭ ئوغلى چوقۇم يامان بولىدۇ، دېگەن نەزەرىيىگە قارشى» دېگەن ئىدى. 

1955-يىلى نەرگىس راجى كاپور بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ 4-فىلىمى «420-نومۇرلۇق ئەپەندى» نى ئىشلەيدۇ. 

1957-يىلى 28 ياشلىق نەرگىس مەخپۇز رېژىسسورلۇق قىلغان «ھىندىستان ئانا» فىلىمىدە ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم بىر يېزا ئايالنىڭ ئوبرازىنى تەسىرلىك يارىتىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمى بىلەن 1957-يىلى چېخسلۇۋاكىيە كارلوۋى. ۋارى خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا نادىر ئايال ئارتىس مۇكاپاتى شەرىپىگە نائىل بولۇپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي مۇھەببەتكىمۇ ئېرىشىدۇ. ئەينى چاغدا بۇ فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن نەرگىسنىڭ بەدىنىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئوت ھادىسىسىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان نەرگىس خەۋپلىك ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىمدە يېزا ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان ياش ئارتىس سونىكا. دوت دەك ۋاقتىدا كېلىپ نەرگىسنىڭ بەدىنىگە تۇتاشقان ئوتنى چەبدەسلىك بىلەن ئۆچۈرۈۋالىدۇ. نەرگىس ھادىسىدىن قۇتۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىر-بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشۈپ، ئۇزۇنغا قالماي توي قىلىپ، بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقىدۇ. 

1958-يىلى نەرگىس رۇسىيە فىدراتىسىيەسى بىلەن ھىندىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن «ئۈچ دېڭىزدىكى ساياھەت» فىلىمىدە ئايال باش پېرسوناژ جامپىر رولىنى ئالىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رۇسىيە فىدراتىسىيەسى ھېكايە فىلىملىرىدىن «كۆكۈيۈەن»، مېكسىكىلىق ئادەم»، «قىرىق بىرىنچى»، «قاغا ماتكىسى»، «كاپىتان قىزى» قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالىدۇ. «ئۈچ دېڭىز ساياھەت» فىلىمى خەلقئارا كىنو مۇنبىرىدە غايەت زور تەسىر قوزغايدۇ، بولۇپمۇ ئۇ بۇ فىلىمدە ئاپىرىدە قىلغان ھىندىستانلىق قىزنىڭ ئوبرازى كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا، ماختىشىغا ئېرىشىدۇ. 

شۇنىڭدىن كېيىن نەرگىس يەنە «مەخپىي ۋە ئاستا-ئاستا»، «ھىندىستان خانقىزى»، «كېچە-كۈندۈز»، «فادىش»، «ئاكېگې»، «چىگىش ئىش»، «لاھۇر»، «ئۈمىد» قاتارلىق بىر نەچچىلىگەن فىلىمدە باش رول ئالىدۇ. نەرگىس 1967-يىلى «كېچە ۋە كۈندۈز» ناملىق ھېكايە فىلىمىدە باش رول ئالغاندىن كېيىن كىنو مۇنبىرىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ 30 يىللىق ئېكران ھاياتىدا 60 قا يېقىن ھېكايە فىلىمىدە ئوخشىمىغان پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ. 

نەرگىس «ھاياتلىق ھوقۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «تەقدىر» (ھېكايە فىلىم)، «تەقدىر»، «ئوت»، «يامغۇر»، «سەرگەردان»، «رومىئو-ژولىتتا»، «لاھۇر»، «تەلەي»، «بۇتخانا سەيلىسى»، «420-نومۇرلۇق ئەپەندى»، «ھىندىستان ئانا»، «ئۈچ دېڭىزدىكى ساياھەت»، «كۆكۈيۈەن»، مېكسىكىلىق ئادەم»، «قىرىق بىرىنچى»، «قاغا ماتكىسى»، «كاپىتان قىزى»، «مەخپىي ۋە ئاستا-ئاستا»، «ھىندىستان خانقىزى»، «كېچە-كۈندۈز»، «فادىش»، «ئاكېگې»، «چىگىش ئىش»، «لاھۇر»، «ئۈمىد» قاتارلىقلار كىنو-فىلىملەردە رول ئالغان.  

نەرگىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن راجى كاپور ئۇنى دەسلەپ : «مەن پۈتۈن ئۆمرۈمدە ئۇچراتقان بارلىق ئاياللار ئىچىدە، نەرگىس مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا كېرسىنا (راجى كاپورنىڭ ئايالىنى دېمەكچى) مېنىڭ خوتۇنۇم، بالىلىرىمنىڭ ئانىسى، ئەمما سىز بولسىڭىز، مېنىڭ كىنولىرىمنىڭ ئانىسى دېگەنىدىم» دەيدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن راجى كاپور، نەرگىسلەرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن فىلىمى «سەرگەردان» قاتارلىق بىر نەچچىسىلا بولسىمۇ، لېكىن كىنو تاماشىبىنلىرى بۇ مەشھۇر كىنو چولپانلىرى ۋە كىنو سەنئەتكارلىرىنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#