ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى

ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى

1994-يىلى 10-ئاينىڭ 27–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللاندى

ئۇيغۇرچە نامى ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 母婴保健法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانابالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى(1994-يىلى 10-ئاينىڭ 27–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ساقىلىقنى ساقلاش، تۇغۇلىدىغان نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2–ماددا دۆلەت ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا زۆرۈر شەرت–شارائىت يارىتىپ ۋە ماددىي ياردەم بېرىپ، ئانىلار ۋە بالىلارنى داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. 

دۆلەت چەت–ياقا، نامرات رايونلار نىڭ ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى يۆلەيدۇ. 

3–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىت تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

4–ماددا گوۋۇددا لىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىت تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ. پ چىقىلدى. قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجە، تۈر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە پۈرتۈن مەملىكەتنىڭ ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىدۇ. 

5–ماددا دۆلەت ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى تەلىم–تەربىيە ۋە ئىلمىي تەتقىقتقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاشقا دائىر ئىلغار، ئەمەلىي تېخنىكىنى كېڭەيتىدۇ، ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاشقا دائىر پەننىي ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. 

6–ماددا ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ۋە ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئىلمىي تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن تەشكىلات ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

2–باب نىكاھلىنىش ئالدىدىكى ساقلىنى ساقلاش

7–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى پۇقرالارغا نىكاھلىنىش ئالدىدىكى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. 

نىكاھلىنىش ئالدىدىكى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) نىكاھلىنىش ئالدىدىكى گىگېنىلىق مەسلىھەت: جىنسىيەت گىگېنىسى ساۋاتى، پەرزەنت كۆرۈش ساۋاتى ۋە ئىرسىيەت كېسىلى ساۋاتى ھەققىدە تەربىيە بېرىش. 

(2) نىكاھلىنىش ئالدىدىكى گىگېنىلىق مەسلىھەت: تۇرمۇش قۇرۇش، تۇغۇت، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتلەردە گىگېنىلىق مەسلىھەت بېرىش؛ 

(3) نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈش: نىكاھلىنىدىغان ئەر–ئايال نىكاھلىنىشقا ۋە پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەل بار–يوقلۇقى ئۈستىدە تېببىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش. 

8–ماددا نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى كېسەللەر تەكشۈرۈلىدۇ:

(1) ئېغىر ئىرسىيەت كېسەللىكلىرى؛ 

(2) بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر؛ 

(3) ئالاقىدار روھىي كېسەللىكلەر. 

داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە تېببىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى بېرىشى لازىم. 

9–ماددا نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە، بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسىلى بارلاردىن يۇقۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياكى ئالاقىدار روھىي كېسەللەردىن كېسىلى قوزغىلىپ تۇرۇۋاتقانلارغا ۋراچ تېببىي پىكرىنى بېرىشى؛ نىكاھلىنىشنى كېچىكتۈرۈشى لازىم.

10–ماددا نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە، تېببىي پەندە پەرزەنت كۆرۈش مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارىلىدىغان، ئېغىر ئىرسىيەت كېسىلى بار، دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان ئەر–ئايالغا ۋراچ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، تېببىي پىكىر بېرىشى لازىم؛ ئەر–ئايال ئىككى تەرەپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىلغان ياكى بوغۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەيدىغان بولغانلار نىكاھلانسا بولىدۇ. ئەمما، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى» دا نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. 

11–ماددا نىكاھلىنىش ئالدىدا تېببىي جەھەتتە تەكشۈرتكەنلەردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بارلار تېببىي تېخنىكىلىق باھالاشنى ئىلتىماس قىلىپ، تېببىي باھالاش ئىسپاتى ئالسا بولىدۇ.

12–ماددا ئەر–ئايالغا ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشنى تىزىملىتىشتا نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى ياكى تېببىي باھالاش ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى لازىم.

13–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە مۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بەلگىلىشى، چەت–ياقا، نامرات رايونلار ياكى ھەق ئېلىنىدىغان ھەق تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنى كېمەيتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىشى لازىم. 

3–باب ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىق ساقلاش 

14–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ۋە ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ھامىلىدارلىق، تۇغۇت مەزگىلىدە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ. 

ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك: ساغلام ئەۋلاد قالدۇرۇش ھەققىدە، شۇنىڭدەك ئېغىر ئىرسىيەت كېسىلى قاتارلىق يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ھەققىدە تېببىي پىكىر بېرىش؛ 

(2) ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش: ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا گىگېنا، ئوزۇقلىنىش، پىسخىكا جەھەتلەردىن مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۇغۇشتىن ئىلگىرى قەرەللىك تەكشۈرۈشتەك داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىش؛ sf 

(3) ھامىلە ساقلىقىنى ساقلاش: ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى كۆزىتىپ، مەسلىھەت بېرىش ۋە تېببىي يېتەكچىلىك قىلىش؛ 

(4) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ساقلىقنى ساقلاش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يېتىلدۈرۈش، ئېمىتىش ۋە پەرۋىش قىلىش ئىشلىرىدا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلىش. 

15–ماددا ئېغىر كېسەل بولغان ياكى غەلىتە ھامىلە پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچراشقان ئاياللاردىن ھامىلىدار بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ياكى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بارلارغا داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تېببىي يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. 

16–ماددا ۋراج ئېغىر ئىرسىيەت كېسەللىكى بارلىقىنى بايقىغان ياكى شۇنىڭدىن گومان قىلغان تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلارغا تېببىي پىكىر بېرىشى لازىم. تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلار ۋراچنىڭ تېببىي پىكرىگە ئاساسەن مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى لازىم. 

17–ماددا تۇغۇشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈشتە، ۋراچ ھامىلىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بايقىغان ياكى شۇنىڭدىن گومان قىلغاندا، ھامىلىدار ئايالغا تۇغۇشتىن ئىلگىرى دىئاگىنوز قويۇشى لازىم. 

18–ماددا تۇغۇشتىن ئىلگىرىكى دىئاگىنوزدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سېزىلسە، ۋراچ ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپكە ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ھەققىدە تېببىي پىكىر بېرىشى لازىم:

(1) ھامىلىدە ئېغىر ئىرسىيەت كېسەللىكى بولسا؛ 

(2) ھامىلىدە ئېغىر كەمتۈكلۈك بولسا؛ 

(3) ئېغىر كېسەل بولغانلىقتىن، ھامىلىدارلىق داۋاملىشىۋەرگەندە، ھامىلىدار ئايالنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ياكى ھامىلىدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يېتىش ئېھتىمالى بولسا.

19–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ياكى بوغۇش ئوپىراتسىيىسى قىلىشتا، شۇ كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ھەمدە پىكرىنى يازدۇرۇش لازىم. شۇ كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە پىكرىنى يازدۇرۇش لازىم. شۇ كىشىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا، ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە پىكرىنى يازدۇرۇش لازىم. 

بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھامىلىدارلىقنى توختاتقۇچىلار ياكى بوغۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغۇچىلار ھەقسىز مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

20–ماددا ئېغىر كەمتۈك بالا تۇغقان ئايال قايتا ھامىلىدار بولغۇچە ئەر–خوتۇن ئىككىيلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىغا بېرىپ تېببىي تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى لازىم.

21–ماددا دوختۇر ۋە ئاكوشېرلار مۇناسىۋەتلىك مەسغۇلات قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۇغۇت قوبۇل قىلىش تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۇغۇت زەخمىسىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى لازىم.

22–ماددا دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇغۇش ئىمكانىيىتى يوق ھامىلىدار ئايالنى تەربىيە كۆرگەن لاياقەتلىك تۇغۇت ئانىسى دېزىنفىكسىيىلىك ئەھۋالدا تۇغدۇرۇشى لازىم. 

23–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ۋە ئائىلە تۇغۇت ئانىلىرى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تۇتاش تەييارلانغان بالا تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى بېرىشى؛ تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بوۋاق ئۆلۈپ كەتسە، شۇنىڭدەك بوۋاق كەمتۈك تۇغۇلسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىشى لازىم.

24–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تۇغۇتلۇق ئايالغا بالىنى ئىلمىي تەربىيلەش، مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. 

داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈشى ۋە مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەل تەكشۈرۈپ ئايرىشى، بوۋاقلاردا كۆپ پەيدا بولىدىغان ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتلەردىكى داۋالاش–ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى پەيدىپەي قانات يايدۇرۇشى لازىم.

4–باب تېخنىكىلىق باھالاش 

25–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرسا بولىدۇ، نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈش، ئىرسىيەت كېسىلى دىئاگنوزى ۋە تۇغۇشتىن ئىلگىرى دىئاگنوز نەتىجىسى توغرىسىدىكى باشقىچە پىكىرلەرنى باھالاشقا مەسئۇل بولىدۇ. 

26–ماددا تېببىي تېخنىكىلىق باھالاش خادىملىرى كىلىنكىلىق تەجرىبىگە ۋە تېببىي ئىرسىيەتشۇناسلىق بىلىملىرىگە ئىگە بولغان ھەمدە مەسئۇل بولغان ھەمدە مەسئۇل ۋراچتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە قويۇلغانلار بولغان بولۇشى لازىم. 

تېببىي تېخنىكىلىق باھالاش تەشكىلاتى تەركىبلەرنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كۆرسىتىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلىدۇ. 

27–ماددا تېببىي تېخنىكىلىق باھالاشتا چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئادىل باھالاشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلار چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

5–باب مەمۇرىي باشقۇرۇش

28–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىت ئامىللىرىدىن ئانا–بالىلار سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان يۇقىرى نىسبەتلىك يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. 

29–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. 

30–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى تەكشۈرۈش ۋە تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.

31–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ئانا–بالىلار ساقلىق ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، داۋالاش–ساقلىق ساقلاش خىزمىتى قائىدىلىرىنى تۈزۈپ، تېببىي تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خەلق ئاممىسىغا قۇلايلىق يارىتىپ، ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

32–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرۈش، ئىرسىيەت كېسىلىگە دىئاگىنوز قويۇش، بوغۇش ئوپېراتسىيىسى ۋە ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلىش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتلەر ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە مۇناسىپ كېلىشى ھەم ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى شەرت. 

ھامىلىنىڭ جىنسىنى تېخنىكىلىق ۋاستە بىلەن ئېنىقلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ئەمما تېببىي پەندە ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

33–ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويغۇچىلار، تۇغۇشتىن ئىلگىرى دىئاگنوز قويغۇچىلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى ھەمدە مۇناسىپ لاياقەتنامە ئېلىشى شەرت. 

بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش ئالدىدىكى تېببىي تەكشۈرگۈچىلەر، بوغۇش ئوپىراتسىيىسى ۋە ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپىراتسىيىسى قىلغۇچىلار، شۇنىڭدەك ئائىلە تۇغۇت ئانىلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى ھەمدە مۇناسىپ لاياقەتنامە ئېلىشى شەرت. 

34–ماددا ئانا–بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش خادىملىرى كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى لازىم.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

35-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار لاياقەتنامىسىنى ئالماي، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى توسىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) نىكاھلىنىش ئالدىدا تېببىي تەكشۈرگەن، ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويغان، تۇغۇشتىن ئىلگىرى دىئاگنوز قويغان ياكى تېببىي تېخنىكىلىق باھالىغانلار؛ 

(2) ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلغانلار؛ 

(3) بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تېببىي ئىسپاتنى بەرگەنلەر. 

يۇقىرى تارماقنىڭ 3–تارمچىسىدە كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار تېببىي ئىسپات ئىناۋەتسىز. 

36–ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار لاياقەتنامىسىنى ئالماي، ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپىراتسىيىسى قىلىپ ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھامىلىدارلىقنى توختىتىپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، مېيىپ بولۇشى، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىشى ياكى ئاساسەن قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 134-، 135–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

37–ئانا–بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش خادىملىرىدىن بۇقانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يالغان تېببىي ئىسپات بەرگەن ياكى ھامىلە ئاپپاراتى ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قىلمىشىغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ. 

7–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

38–ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى: 

بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن ئەيدىز، سۆزنەك، سىبلىس، موخوۋ كېسەللىكلىرى، شۇنداقلا تېببىي پەندە نىكاھلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارالغان باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

ئېغىر ئېرسىيەت كېسەللىكلىرى ئىرسىيەت ئامىللىرىدىن تۇغما شەكىللەنگەن، بىمار مۇستەقىل تۇرمۇش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان، ئەۋلادلىرىدا قايتىلىنىش خەۋپى كۆپ بولغان، تېببىي پەندە نىكاھلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈش مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارالغان ئېرسىيەت كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

ئالاقىدار روھىي كېسەللىكلەر ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى، قۇتراش–خامۇشلىشىش تىپىدىكى روھىي كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ 

تۇغۇشتىن ئىلگىرىكى دىئاگنوز ھامىلىدىكى تۇغما كەمتۈكلۈك ۋە ئىرسىتەت كېسىلى ئۈستىدىكى دىئاگنوزنى كۆرسىتىدۇ. 

39–ماددا بۇ قانۇن 1995–يىلى 6–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#