تويوتا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تويوتا (شەھەر)
  2. تويوتا (ئاپتوموبىل شىركىتى)
شەھەر
تويوتا شەھىرى

تويوتا  ياپونىيىنىڭ خونسىيو ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى ئايچى ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان شەھەر، ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل سانائەت مەركىزى، ياپونىيىنىڭ «ئاپتوموبىل پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

نامى تويوتا
دۆلىتى ياپونىيە
تەۋە رايون ياپونىيىنىڭ خونسىيو ئارىلى
خەنزۇچە نامى 丰田
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تويوتا شەھىرىياپونىيىنىڭ خونسىيو ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى ئايچى ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان شەھەر، ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل سانائەت مەركىزى، ياپونىيىنىڭ «ئاپتوموبىل پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تويوتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئارانلا 20 مىڭ ئاھالىسى بار شەھەر ئىدى، كېيىن ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەھەر كېڭەيدى، ئاھالىسىمۇ كۆپىيىپ 283 مىڭدىن ئاشتى(1981) . بۇ شەھەردىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتى 1938-يىلى قۇرۇلغان.

تويوتا ماركىلىق ماشىنا ھازىر ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل سانائەت مەركىزىگە ئايلاندى. ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى ئاپتوموبىل سانائەت كارخانلىرى پۈتۈن شەھەردىكى زاۋۇتلارنىڭ 4/1 نى تەشكىل قىلىدۇ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ %80 تى ئاپتوموبىل سانائىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك سانائەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدۇ. پۈتۈن شەھەردىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %92 ىنى ئاپتوموبىل سانائىتى تەشكىل قىلىدۇ. تويوتا دۇنيادا ئا ق ش نىڭ «تۇڭيۇڭ» ئاپتوموبىل شىركىتىدىن قالسا چوڭلۇقى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئاپتوموبىل پۈتۈن ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ 3/1 نى تەشكىل قىلىدۇ(ياپونييە 1981-يىلى 11 مىليون 180 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان) . تويوتا ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «تويوتا» ماركىلىق ئاپتوموبىل دۇنيانىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە قاتناپ يۈرمەكتە. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#