خەلقئارا نەم يەر كۈنى

نەم يەر

نەم يەر بولسا مۇھىت قوغداشتىكى مۇھىم بىر ساھە، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەم يەرگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قارشى  بار. ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ نەم يەرگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى مۇنداق : قۇرۇقلۇقتا دائىملىق ياكى پەسىللىك سۇ يىغىلىپ قېلىپ يەر زىيادە نەملىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن، بۇ نەم يەردىن ئۆسۈپ چىققان ئۆسۈملۈك ۋە مۇشۇ نەم يەردە ياشاۋاتقان جانلىقلار تۈرلىرى ھاسىل قىلغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى. 

ئۇيغۇرچە نامى خەلقئارا نەم يەركۈنى
مىلادىيە ۋاقتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
خەنزۇچە نامى 世界湿地日
مەنبە ۋاقتى 1971-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇلۇق يەر، ئورمان ۋە دېڭىز-ئوكيان دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ، بايلىقى مول، يەر شارى جانلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىللىققا ئىگە بولغاچقا، كىشىلـەر ئۇنـى «يەر شارىنىڭ بۆرىكى» دەپ ئاتىغان. كىشىلەر نەم يەرلەرنى ھەم ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. مەسىلەن : كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ۋە كۈچەيگەن، قۇرغاقلىشىش كۆپىيىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى تېز ئازىيىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

نەم يەرنى قوغداش ئۈچۈن، 1971-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 18 دۆلەتنىڭ كادىرلىرى ئىراندا بىر مۇھىم نەم يەر ئەھدىنامىسى ئىمزالىدى. بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا ھەر قەيسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىپ، نەم يەر ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، بولۇپمۇ سۇ قۇشلىرىنىڭ ۋە جانلىقلار ياشاۋاتقان مۇھىتنى قوغداشتىن ئىبارەت. 

1996-يىلى 10-ئايدا نەم يەر ئەھدىنامىسىنىڭ 19-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىلىپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىنى دۇنيا نەم يەر كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئېلان قىلىندى، بۇ بىر كۈننىڭ ئەھمىيىتى بولسا، مۇشۇ كۈنىدىن پايدىلىنىپ ھۆكىمەت ئورگانلىرى، تەشكىلات ۋە پۇقرالارنىڭ چوڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ نەم يەرنىڭ قىممىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئېلىپ بېرىش ۋە مۇشۇنىڭغا قارىتا تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

1. كەلكۈن ئاپتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛

2. يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلايدۇ؛

3. تاشقىن دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىگە تاقابىل تۇرالايدۇ؛

4. سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇش رولى بار؛

5. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە؛  

6. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛

7. مەدەنىيەت قىممىتى بار؛

كۆپ ئۇچرايدىغان تەبىئىي نەم يەرلەردىن : سازلىق، تورفلۇق يەر، تېيىز كۆل، دەريا ساھىلى، دېڭىز ساھىلى ۋە تۇزلۇق سازلىق قاتارلىقلار بار. نەم يەرنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇ ئۈنۈملۈك سۇ توپلىيالايدۇ، كەلكۈن ئاپىتىگە قارشى تۇرالايدۇ؛ ئۇ بۇلغانغان سۇنى تازىلاش، كىچىك رايونلارنىڭ كىلىماتىنى تەڭشەش قاتارلىق رولارغا ئىگە. نەم يەر بولسا سۇ ھايۋانلىرى، قوش ماكانلىق ھايۋان، قۇشلار ۋە باشقا ياۋايى جانلىقلارنىڭ مۇھىم ماكانى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#